خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھىرى سەمەن يېزىسىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىدىكى كەنت كادىرلىرى، «تۆت پېشقەدەملەر»، ئونبېشى، دىھقان ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان 1- تۈركۈمدىكى «ئالتۇن مېداللىق تەشۋىقاتچى»لارنى تەربىيەلەش كۇرسى 20- ئاپرىل ئاياغلاشتى. تەشۋىقاتچىلار بىر ئاي مەخسۇس تەربىيەلەش، ئامما ئارىسىدا سىناق تەرىقىسىدە تەشۋىق قىلىش شەكلى ئارقىلىق 10 نەپەر «ئالتۇن مېداللىق تەشۋىقاتچى»نى تاللاپ چىقىلىپ، ئۇلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.
سۈرەتتە: «ئالتۇن مېداللىق تەشۋىقاتچى»لارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بىرىلمەكتە
سۈرەتتە: «ئالتۇن مېداللىق تەشۋىقاتچى»لار ئاممىغا تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا
ئادىرىسى: قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى