خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئەركىن سىدىق خەۋىرى، فوتۇسى :ئاپتونوم رايونلۇق گىئولوگىيە قىزىلما بايلىقلىرى ئىدارىسىدىن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزا تۈۋەنكى سۇبۇلاق كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گورىپىسىدىكىلەرنىڭ تەشكىللىشى بىلەن كېلىش ئالدىدا تۇرغان «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە «4-ماي» ياشلار بايرىمىنى كۈتىۋېلىش يۈزسىدىن «گىئولوگىيە قىزىلما بايلىق» لوڭقىسىنى تالىشىش ۋالىبول مۇسابىقىسى 22-،23-چىسلا سۇبۇلاق كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە يېزا بويىچە توققۇز كەنتتىن توققۇز كوماندا قاتناشقان بولۇپ، ئاخىردا كوماندا ئەزالىرى ئۈچ دەرىجە بويىچە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلاندى.
سۈرەتتە: ھەرقايسى كەنتلەردىن كەلگەن دېھقان ياشلار كەسكىن ئېلىشماقتا.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى