باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كۆز يېشى (ئاپتورى مى لۇ)

ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى

2015.04.16 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تومنىڭ خىتىنى قايتا تاپشۇرۋالغان رادىلوف دۇئاسىنىڭ راستىنلا ئىجابەت بولغانلىقىغا ئىشەندى. چۈنكى خەتكە بىر باغاقچىمۇ قىستۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئەمانىڭ پوچۇركىسى ئىدى.

  ــ بۇ يەردىكى رادىلوف زادى كىم ؟ تومچۇ ؟ ئەماچۇ ؟

  بۇنىڭ ئۈچۈن گەپنى بىر يىل ئاۋالدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ.رادىلوف ئالدىنقى سەپتىن چىكىنگەندە، گەرچە جىسمانىي جەھەتتىن يارىلانمىغان بولسىمۇ، بىراق قەلبى قاتتىق زىدىلەنگەنىدى. ئۇ كىشىلىك ئالاقىدە ھەر قانداق ئادەم بىلەن مۇئەييەن ئارىلىق ساقلايدىغان، كەمسۆز، ئۆز ئوي خىيالى توغرىلىق باشقىلار ئالدىدا ئالدىراپ ئېغىز ئاچمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ھەربىي سەپتىن يىڭىلا قايتىپ كەلگەندە رادىلوف گەرچە ياخشى كۈتۈۋېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھىچبىر كىشى ئۇنىڭ كەلگۈسىگە ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى مۇھىم مەسلە مۇۋاپىق بىر خىزمەت تىپىپ تۇرمۇشنى قامداش ئىدى.

  ئۇ دوستىدىن ئاقسۆڭەكلەر ئولتۇرۇشلۇق خار كوچىسىدا يىڭى بىر كەسىپنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى، يەنى ئۇ يەردىكى ئايال لىبرالىزىمچىلارنىڭ بالىلىرىغا دادا بولۇش خىزمىتى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئادەتتە نىكاھلانمىغان ئانىلار جاۋاپ بېرىشكە ئامالسىز سوئال بالىلىرىنىڭ « دادام قەيەردە؟»دەپ سورىشى ئىدى. ئامال بولمىغاندا ئۇلار بىر ئەرنى ياللاپ ئۇنىڭغا دادىنىڭ رولىنى ئالغۇزاتتى. ئۇلار بالا بىلەن بىرلىكتە بىر مەزگىل كۆرۈنۈشتە ئىناق ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى. رادىلوف ھەربىيلەرگە خاس قەددى-قامىتى ۋە خاراكتىرى بىلەن بۇ خىل ئانىلارنىڭ تەلىپىگە ئىنتايىن ماس كىلەتتى. ئەگەر ئۇ يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا ئانچە-مۇنچە كۈلۈمسىرەپ، چىراي ئاچىدىغانلا بولسا كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالايدىغانلىقى چوقۇم ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ بالا تەربىيلەشتە ھىچقانداق تەجرىبىسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئايلىقى بەش مىڭ دوللارلىق تاپاۋەت ئۇنى قىزىقتۇرۇپ قەتئي سىناپ بىقىش قارارىغا كەلتۈردى. چۈنكى ئۇ پۇلغا ھەقىقەتەن بەكلا ئىھتىياجلىق ئىدى.

  رادىلوف كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئەما ئىسىملىك ئايالنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغاندا دەرھاللا ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەما شۇئانلا رادىلوف بىلەن توختام تۈزۈشتى. شۇنداق قىلىپ رادىلوف ئەمانىڭ بەش ياشلىق ئوغلىغا دادا بولىدىغان بولۇپ كېلىشتى.

  ئەما ئىزچىل ھالدا ئوغلىغا دادىسىنىڭ سىرتقا مەخپىي ۋەزىپە ئۆتىگىلى چىقىپ كەتكەن ئوفىستىر ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ سىزىپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوغلىغا خەت يازمايدىغانلىقىنى، ۋەزىپىسى تۈگىگەن ھامان ئوغلىنى كۆرگىلى كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تومنى ئىشەندۈرگەنىدى.

  ماي ئىيىنىڭ بىر ئەتىگىنى رادىلوف ئەمانىڭ داچىسى ئالدىغا كىلىشى بىلەنلا ئەما ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا :«توم! داداڭ قايتىپ كەپتۇ،بالام!»دەپ توۋلىدى. شۇ ئارىلىقتا رادىلوف كىچىك بالىنىڭ چۈچۈك تىلدا ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى ۋە رىشاتكا ئارىلىقىدىن ئۇماق بىر بالىنىڭ ئوقتەك ئىتىلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. قۇياش نۇرى ئاستىدىكى بالىنىڭ بۈدرە سېرىق چاچلىرى رادىلوفنىڭ بالىلىق چاغلىرىغا ئاجايىپ ئوخشايتتى. بالا غۇلاچلىرىنى كەڭ يايغىنچە يۈگرۈپ كەلدى، رادىلوفمۇ ئوغلىنى ئاجايىپ سېغىنغان دادىدەك يۈگرۈپ بېرىپ تومنى قۇچاقلىماقچى بولۇپ ئىگىلىشىگىلا، توم چاققانلىق بىلەن سەكرەپ ئۇنىڭ بوينىغا ئىسىلۋىلىپ ئۇنى يىنىش –يىنىشلاپ سۆيۈپ كەتتى. شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ۋەزىپە ئۆتەشكە چىققان « دادا»سىنىڭ كىچىككىنە بىرلا سومكا كۆتۈرگەن ھالدا قايتىپ چىقىشى تومنى قىلچىمۇ ئەجەپلەندۈرمىدى. ئۇ رادىلوفنىڭ قۇلىدىن يىتىلىگىنىچە ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ ھۇجرىسىنى، ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىنى ۋە ئويۇنچۇقلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى . . .
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر