باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىنىمنىڭ ناۋىتى(3)

ئاڭگېتۇ

2015.04.16 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇ مىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كىلىپ رەھىمسىزلەرچە ساۋىدى. «ئۆينىڭ ئۆيچە قائىدىسى بولىدۇ. قايتمەن؟نەگە قايتىسەن؟ مۇشۇ سىنىڭ ئۆيۈڭ!» ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئىنچىكە چىۋىقنى ماڭا تۈرتتى.

  مەن ھىچنەرسە دىيەلمەي ئۇنىڭغا مىختەك تىكىلدىم. ئۆگەي دادام مىنى ساۋاپ ھارغاندىن كىيىن پىشانەمگە سۆيۈپ،«ئۆيدىكى ھەممە نەرسە سىنىڭ، يايلاۋاتقان پادىلار، كورىدىكى قىتىق، كاھىشلىق ئۆي، ئىشكاپنىڭ ئىچىدىكى ئۇن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىنىڭ، مەن سىنىڭ داداڭ، ئۇ سىنىڭ ئاپاڭ. بىزنىڭ ساڭا بۇنداق قاتتىق تەلەپ قۇيىشىمىزدىكى سەۋەپ سىنىڭ تويۇق يولغا كىرىپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن ئىنىم شۇلارنى سۆزلىگەچ ئۆزىنىڭ يەنە بىر قانچە قىتىم تاياق يىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.ئىنىم يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇ «چىۋىق»نىڭ ئۆيدىكى سۇ ئىدىشىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئىنىم يەنە مەن ھورۇنلۇق قىلمىسام، پادا يۈتمىسىلا ماڭا ھىچ ئىش بولمايدۇ، دېدى. مەن ئۇنىڭغا نىمىدەپ تەسەللىي بېرشنى پەقەتلا بىلەلمەي قالدىم. ئىنىم ماڭا قالدۇرۇپ قويغان ناۋاتنى چىقىرىپ مە، ئالە ! بەك تاتلىقكەن، ئەتىگەندە سەن ئىلىۋىلىشنى ئونتۇپ قاپسەن.-دەپ ئۇنىڭغا سۇندۇم.

  ئىنىم قوللىرىنى كەينىگە مۆكتى.«مەن يىمەيمەن، يىسەم يەنە يىگۈم كىلىدۇ. ئۆگەي ئانام بىر نەرسە دىمىسۇن، يەنىلا يىمىگىنىم ياخشىراق. ئۆيگە قايتىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، قايتسام قايتقۇم كىلىپلا تۇرىدىغان بولۇپ قالىمەن.» ئىنم تويۇقسىزلا يەنە «بىر قوي قوزىلاپتۇ،بىز بېرىپ قاراپ باقايلى- دىدى. يېڭىلا قوزىلىغان ساغلىق بالىسىنى پاكپاكىز يالاپ بولغانىدى. قوزىچاق دەلدەڭشىگىنىچە ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى ئىزدەۋاتاتتى. ئىنىم خۇشاللىقىدا چاۋاك چىلىپ سەكرەپ كەتتى. «قارىۋاي، مىنىڭ يەنە بىر قارىۋىيىم بار بولدى. ئۆيدە ۋاقتىدا ئىنىم ھەمىشە ئۆيدىكى قارىۋاي بىلەن پاراڭلىشاتتى.»ئەتىيازنىڭ كۈنى قىسقا بىز قۇرسىقىمىز ئاچقانلىقىنى سەزگىچە ئاللىقاچان گۇگۇم چۈشۈپ كەتكەنىدى. گۇگۇمنىڭ سالقىن شامىلىدا قۇرسىقى تويغان پادىلار توپ-توپ بولۇپ ئۇيان-بۇيانغا مىڭىشاتتى.

  «ئۇكام، تىز بولغىن قارىۋاي يىتىشەلمىسە كۆتۈرۈۋال، كەچ قالساق ئۆگەي ئاناڭ يەنە ئاچچىقلايدۇ.»

  ئاكا يەنىلا سەن كۆتۈرگىنە، مەن قارىۋاينىڭ ئاپىسىنىڭ ئۇنى تاشلىۋىتىشىدىن قورقىمەن. ئۆگەي ئانام ماڭا«تاشلىۋىتىلگەن بالىلار قوزىنى كۆتۈرسە بولمايدۇ، بولمىسا قويمۇ قوزىسىنى تاشلىۋىتىدۇ، دېگەن. شۇلارنى دەپ بولۇپلا ئۇكامنىڭ كۆزلىرى باشقىچىلا چاقناپ كەتتى.

  «ئۇنىڭ ئۇنداق قارىسىغا دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلىمىغىن، سەن بىز بالىلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى، ئادەتتە ئەڭ ياخشى بالىنىلا سىرتقا چىقىرىدۇ، ئىشەنمىسەڭ ئانامدىن سوراپ باققىن. مەن شۇنداق دېگەچ تۇنجى قىتىم ئىنىمنىڭ چاڭ-توزان باسقان بىشىنى سىلىدىم.«ئەگەر ئانام مىنى قايتۇرۇپ كەتسە، مەن ھەرگىزمۇ كىچىك ئىنىم بىلەن ئاپامنىڭ ئورنىدا ئۇخلاشنى تالاشمايمەن.» ئۇ شۇنداق دەپ سەبىيلەرچە كۈلۈمسىرىدى.

  ئىنىم راستىنلا چوڭ بوپتۇ، ئۇ قويلارنى قوتانغا سۇلاپ بولۇپ، كەچلىك تاماق تەييارلاشقا تۇتۇندى. ئىنىم ئۆزى دالىدىن تېرىپ كەلگەن كۈدە بىلەن ئەتكەن ئۇماچ ئىنتايىن ئوخشىغانىدى. مەن تۇيۇقسىزلا ئىنىم ماڭا دەپ بەرگەن تال چىۋىقنى ئويلاپ قالدىم. بارماقچىلىك توملۇقتىكى ،ئىككى مىتىردەك ئوزۇنلۇقتىكى تال چىۋىق ماڭا قاراۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن ئۇنى دالاندىكى ئەخلەت دۆۋىسىنىڭ يېنىغا ئورەك كولاپ كۆمۈۋەتتىم. ئۆزۈم خۇددى چوڭ بىر ئىشنى قىلىۋەتكەندەك ناھايتى خۇشال ئىدىم. مەن ئەندىشە ئىلكىدە چىۋىق بولمىسا، ئىنىمنىڭ ئۆگەي دادىسى ئىنىمنى نىمە بىلەن ئۇرار دىگەنلەرنى ئويلىدىم .

  ئەتىسى ئويغانغىنىمدا قۇياش خېلىلا ئىگىز ئۆرلىگەنىدى. ياستۇقۇمنىڭ يېنىدا ئىنىم قالدۇرۇپ قويغان ناۋات تۇراتتى. تۈنۈگۈن كەچ ئوخلاشتىن بورۇن مەن ناۋاتنى ئىنىمنىڭ ئىچ كىيىمىنىڭ يانچۇقىغا سىلىپ قويغانىدىم. بىراق ئۇ يەنىلا ماڭا قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. مەن تۇيۇقسىزلا ئۆينى ئويلاپ قالدىم. ناۋاتنى قولۇمغا ئىلىپ خۇشال بولۇپ كەتتىم. ئىنىمنىڭ ئۆگەي دادىسى كۈلۈمسىرىگەن پىتى ئىلگىرىكىگە ئوپئوخشاش ئىككى تال چىۋىقنى ئىلىپ كىرىدى ۋە ئىدىشنىڭ كەينىگە قويۇپ قويدى. چۈنكى ئۇ تال –چىۋىقنى نەم يەرگە قويۇپ قويغاندا ئەۋرىشىملىكىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.

  مەن ناۋاتنى قولۇمغا ئىلىپ ئىشىكتىن ئىتىلغىنىمچە چىقتىم. ئىنىمنىڭ مىنى كۆرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ مۈكچەيگىنىمچە كۆۋرۈك تەرەپتىن ئۆيگە قاراپ يۈگۈردۈم. ناھايتى يىراققا بېرىۋىلىپ، ئىنىمغا قارىغان ۋاقتىمدا ئۇمۇ ئۆيگە قاراپ يۈگۈرۋاتقانىكەن. ئىككىمىزنىڭ مۇشۇنداقلا ئايرىلىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ، ئىنىمنىڭ ئۆكسۈپ يىغلىغىنىچە كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك، پىشىمگە ئىسىلىپ تۇرۇپ، ئاكا، مىنى ساقلاپ تۇرغىن دىگىنىنى ئاڭلىغاندك بولدۇم.

  ياش كۆزلىرىمنى خىرەلەشتۈردى، ئەتراپىمدىكى نەرسىلەرنىمۇ ئىنىق كۆرەلمەي قالدىم. ئۆيگە بارغاندا ئاپامغا قايتا-قايتا يالۋۇرۇپ باقاي، سۆيۈملۈك ئىنىمنى ناۋاتقا تىگىشمەسلىكىم كېرەك.

  بۇ ۋاقىتتا، مەن تويۇقسىزلا ئۆينىڭ ناھايتى يىراقتا قالغانلىقىنى، ئىنىمنىڭمۇ مەندىن بىر قەدەم-بىر قەدەم يىراقلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن يۇقىتىپ قويۇشتىن قورقىدىغان ناۋات بولسا بەدىنىمنىڭ ھارارىتىدە تەدرىجىي ئېرىپ، بارغانچە كىچىكلەپ كىتىۋاتاتتى... (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر