باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئىنىمنىڭ ناۋىتى(1)

ئاڭگېتۇ

2015.04.16 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرمۇش غۇربەتچىلىكى تۈپەيلىدىن ئىنىم سەككىزگە كىرگەن يىلىلا ناھايتى يىراق بىر يەرگە بىقىۋىلىشقا بەردۇق. ئۇ كۈنى ئانام ئىنىمنى پاكپاكىز يۇيۇندۇرۇپ، پوسمىسىنى ۋە يىڭىلا تىككەن كىيىمىنى كىيدۈرۈپ تۈگمىسىنى ئەتتى. ئىنىم يىڭى كىيىمىگە قايتا-قايتا زەن سىلىپ خۇشاللىقىدىن گۆدەكلەرچە كۈلۈمسىرەيتتى. ئىنىمنىڭ ئۈستىدىكى كىيىمىگە ئىشلىتىلگەن رەخت بىز ئاكا-ئىنى نەچچەيلەننىڭ دالىدىن تەرگەن سۆڭەكلەرنى سىتىش بەدىلىگە كەلگەنىدى. ئاپام ئىنىمغا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى ۋە پىشانىسىگە يېنىش-يېنىشلاپ سۆيدى.

  ناھايتى يىراقتىن ئات تۇيىقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بىز ئاكا-ئۇكىلار قوي پادىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەن چىغىمىزدا ئانام ئاتلىق تاغاشقا سۈتچاي قاينىتىۋاتقانىكەن. قارىۋاي بىلەن ئىنىم ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغاندەك بىر-بىرىگە مەھكەم يىپىشقان ئىدى. قارىۋاي- ئىنىم قارلىق يىراق دالىدىن تىپىپ كەلگەن قوزىچاق بولۇپ، ئاپام ئۇنىڭغا شۇ ئىسىمنى قويغاندىن كىيىن ئۇنى ئىنىمغا بەرگەنىدى.

  ئىنىمنى ئىلىپ مېڭىشتىن بۇرۇن ھىلىقى تاغاش ھەر بىرىمىزگە بىر ئۈلۈشتىن ناۋات تارقاتقاندا ئانام كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ۋاقىتتا بىز ھەممەيلەن ئەگەر ئاناممۇ مۇشۇ تاپتا بولغان بولسا ھىلىقى تاغاش ئانامغىمۇ بىر ئۈلۈش ناۋات بەرگەن بۇلاتتى دەپ ئويلىدۇق. ناھايتى تىزلا ئىنىم ھېلىقى تاغاشقا ئەگىشىپ يولغا چىقتى. ئۇنىڭ ماڭغان چاغدىكى قىياپىتى خۇددى نادام بايرىمىغا قاتناشقىلى ماڭغاندەك خۇشال ئىدى. بىز نەچچە قېرىنداش ھەۋەس ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزىمىز بىلەن ئىنىمنى يىراققىچە ئۇزىتىپ قويدۇق. ئىنىم ئۇزاپ كەتكەندىن كىيىن قايتىپ كەلگەن ئانامنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن ئىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى. بىز ھىلىقى تاغاش بىزگە سوۋغا قىلغان ناۋاتنى ئانامنىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭلىتىشقا باشلىدۇق. لىكىن ئانام بىزگە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىدى.

  بىر پەستىن كىيىن ئانام قولىمىزدىكى ناۋاتنى يىغىۋىلىپ ئۇنى سىرى چۈشۈپ كەتكەن قىزىل ئىشكاپقا سۇلاپ قويدى ۋە «بالىلىرىم، گەپ ئاڭلاڭلار. سىلەر ئىنىڭلارنى كۆرگىلى بارغاندا بۇ ناۋاتنى ئالغاچ بېرىڭلار» دېدى. ئانامنىڭ كۆز چاناقلىرى يەنە ياشقا تولغانىدى. ئۇ چاغدا بىز ھەممەيلەن مەيۈسلىنىپ ئەگەر ناۋاتنى ئانىمىزغا كۆرسەتمىگەن بولساق ھەرگىزمۇ سولىنىپ قالمىغان بولاتتى- دەپ ئويلىدۇق.

  بىر نەچچە ئايدىن كىيىن بىز بالىلار ئىنىمىزنى كۆرگىلى بېرىشنى بەس –بەستە تالىشىپ كەتتۇق. راستنى دىگەندە ئىنىمىزنى بەكلا سېغىنغانلىقىمىزدىن ئەمەس بەلكى ئاشۇ ناۋات ئۈچۈن ئىدى. ئىللىق باھار كۈنلىرىنىڭ بىر كۈنى ئانام ئىشكاپنى ئېچىپ، بىر نەچچە پارچە ناۋاتنى ئالغاندىن كىيىن ئۇنى ياخشى بولاپ ماڭا سۇندى ۋە «سەن ئۆينىڭ چوڭى، بېرىپ ئىنىڭنى كۆرۈپ كەلگىن !» دەپ ماڭا ئىنىم تۇرۇشلۇق ئۆينىڭ تەپسىلىي ئادرىسىنى دەپ بەردى. مەن ناۋاتنى ئىلىپ ناھايتى خۇشال ھالدا يولغا چىقتىم. يولدا قوينۇمدا تومپىيىپ تۇرغان ناۋاتنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى پەقەتلا تۇتۇۋالالماي بولاقنى ئىچىپ ناۋاتنى ئاز-ئازدىن شۈمۈپ ماڭدىم. ئىنىمنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلگەندە مەن ناۋاتنىڭ كۆپ قىسمىنى شۈمۈپ تۈگەتكەنىدىم.

  ئىنىم خېلىلا ياداپ كەتكەن بولۇپ، چاچلىرى پاخپايغان، يۈزلىرى مەينەت خۇددى ياۋا بالىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى. ئۇ مىنى كۆرۈپلا يىغلاشقا باشلىدى، يىغىدىن ئۇنىڭ كىچىككىنە مۈرىسى تىنىمسىز تىترەيتتى. مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئىنىم بىلەن بىللە يىغلاپ كەتتىم. ھېلىقى تاغاش كىرگەندە ئىنىم ئىككەيلەن خۇددى بىرەر گۇناھ ئىش قىلىپ قويغاندەك بىر –بىرىمىزگە ياندىشىپ مەش ئالدىدا تۇردۇق. ئۇ تاغاشنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل سوغۇق ئۇچقۇن چاقنايتتى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر