ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى، فوتوسى: يوپۇغا ناھىيەسى ئەل ئىچىدىكى دېھقان ناخشىچىلارنىڭ سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلۇۋاتقان ‹‹يىپەك يولى ساداسى›› پىروگراممىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ‹‹يوپۇغا ساداسى ــ دېھقانلار خۇش ئاۋازى›› ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى پىروگراممىسىنى يولغا قويدى. 10-ئاپرېلدىن بۇيان ماھىرلارنى 2-قېتىملىق تاللاش باسقۇچى رەسمىي سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىن 70 دىن ئارتۇق ماھىر قاتناشقان بولۇپ، تاللانغان ماھىرلار بىر مەزگىللىك تەربىيەلىنىشتىن كېيىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. بۇ پىروگرامما پات ئارىدا ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.