خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاپرېل، 2015-يىللىق جۇڭگو نارات مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى تۈرىدىكى 2-نۆۋەتلىك تۈرگېن ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى باشلاندى، كۈنەس ناھىيەسى تۈرگېن ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى، ئاق ئېرىق مەنزىرە رايونى، تۈمەن مولۇق ئۆرۈك چېچىكى ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، يايلاق ئەڭگۈشتىرى ــ كۈنەس باھاردا كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان ئۆزگىچە ھىد تارقاتتى. (تەرجىمە مۇھەررىرى تۇرغۇن ئابلىز)
مەنبە: خەلق تورى