دۆلىتىمىزدىكى تاجىك مىللىتى ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، گۇما قاتارلىق ناھىيەلەرگىمۇ تارقالغان. 2010-يىلدىكى 6-قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاجىك مىللىتىنىڭ نوپۇسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تاجىك مىللىتىنىڭ نوپۇسى 51 مىڭ 69 ئىكەن. تاجىكلارنىڭ تىلى ھىندى-ياۋرو تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىلى ئائىلىسىنىڭ پامىر تىل تارمىقىغا تەۋە. يەكەن قاتارلىق ناھىيەلەردىكى تاجىكلار ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىش كەڭ ئومۇملاشقان.
تاجىك مىللىتى ئاساسلىق تاشقورغاندا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇ يەر دۇنيانىڭ ئۆگزىسى دەپ ئاتالغان پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقى تەرىپىدە. جەنۇبىدا دېڭىز يۈزىدىن 8611 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇنيا بويىچە 2-ئېگىز چوققا دەپ ئاتالغان جوغىر چوققىسى، شىمالىدا دېگىز يۈزىدىن 7546 مېتىر ئېگىزلىكتىكى « مۇزتاغ ئاتا » دەپ ئاتالغان مۇز تاغ چوققىسى بار. بۇ چوققىلار ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. تىرىشچان تاجىك مىللىتى دەل مۇشۇ ئېگىز قارلىق چوققا ئاستىدىكى ئېقىننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئويمانلىقلاردا ياشايدۇ، ئاساسلىقى چارۋىچىلىق ۋە قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، يېرىم كۆچمەن، يېرىم مۇقىم ئولتۇراقلاشقان شەكلىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.