2015-يىلى3-ئاينىڭ21-كۈنى، يېتىلىۋاتقان ياش خەتتاتلاردىن مۇھەممەتجان ئۆمەر(ئەرك)،رېھىم ھېبىبۇللا(فىراتى)قاتارلىق ئىككى نەپەر ياش خەتتات3-ئاينىڭ21-كۈنى يەنى نەۋرۇزبايرىمى كۈنى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىلدىن بۇيان تېرىشىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ھۆسىن خەت ئەسەرلىرىنى كورلا دىيارىداكۆرگەزمە ئېچىش ئارقىلىق كەڭ ھۆسىنخەت ھەۋەسكارلىرى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا بايراملىق سوغا سۈپىتىدە سۇندى،بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئيىتىدىن داڭلىق خەتتات كىرىم خوجا ئەپەندى،ياش يىتىلىۋاتقان خەتتاتلار،بايىنغۇلىندىكى داڭلىق ئەدىبلەر،يازغۇچىلار قاتناشتى.پائالىيەت ئېنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى،مەزكور پائالىيەت يەنى كۆرگەزمە 3-ئاينىڭ26-كۈنىگىچە داۋاملاشتى.
ياقۇپ ھەسەن فوتوسى