ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، كرودىيەدىكى بىر تۆمۈر ئىشىك ياساش ئورنى بىر تەڭداشسىز كىلاسسىك قوڭغۇز پىكاپنى ياساپ چىققان . قەدىمىي ئۇسلۇبتا ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن بۇ پىكاپ تۆمۈردىن ياساپ چىقىلغان بولۇپ ، سىرتىغا نەپىس تەشمە نەقىش نۇسخىلىرى ئويۇلغان ئىكەن .
بۇ پىكاپنىڭ لايىھەسىگە تۆت ئاي سەرپ قىلىنغان ، ئۈچ ھۈنەرۋەن 3000 ئىش سائىتىدە قولدا ياساپ چىققان بولۇپ ، سىرتىدىكى 24 كاراتلىق ئالتۇن ياپراقچە لايىھەسى ۋە ئىچىدىكى قولدا تىكىلگەن خۇرۇم بېزەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. پىكاپنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر تەشكىلىي بۆلەك زاكاز قىلىنغان ئىكەن .
پىكاپنىڭ لايىھەسى ئىنتايىن نەپىس بولۇپ ، تۆمۈردىن ياسالغان پىكاپ گەۋدىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئادەتتىكى پىكاپ (820 كىلوگىرام ) نىڭكىدىن 70 كىلوگىرام ئېغىر ئىكەن .