باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سەن كۆكتىمۇ، زېمىندا (ئىككى نەسىر)(2)

ئۆمەرجان سىدىق

2015.04.08 10:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئايروپىلان كەچكە يېقىن قوزغىلىپ، كۆك قەرىگە شۇڭغۇدى، ئايروپىلان دېرىزىسىدىن پەسكە قاراپ، كۆك يۈزىدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشنى دىققەت بىلەن كۆزەتتىم: غايەت زور، بەھەيۋەت پاختا دۆۋىسىگە ئوخشايدىغان تۈرۈم – تۈرۈم ئاپپاق بۇلۇتلار؛ ھەر خىل قۇش، ھايۋانلارغا، سترولۇق جىسىملارغا ئوخشايدىغان كىچىك – كىچىك پارچە بۇلۇتلار ئايروپىلان ئاستىدىن ئاستا سۈرۈلۈپ ئۆتمەكتە. يەنە خىرىس قىلىۋاتقان غايەت زور مەخلۇقنى ئەسلىتىدىغان قەۋەت – قەۋەت، رەت – رەت بۇلۇتلار ھۇجۇم قىلىۋاتقاندەك سەپ تۈزۈپ كەلمەكتە. پەستىكى سالا – سالا ئېتىزلار، ھەر خىل يۆنۈلۈشتە كېسىشكەن يوللار گويا تەكشىلىك خەرىتىسىدەك، مەلۇم جاينىڭ مودېللىق كۆرۈنۈشىدەك نامايان بولماقتا. چەكسىز سايلىقتىكى تارام – تارام ئېقىن ئىزلىرى گويا تولغىنىپ كېلىۋاتقان يىلانلاردەك، گېرەلىشىپ كەتكەن مۇقەددەس يىلتىزلاردەك تۇيغۇ بېغىشلايتتى. بىنالار سەرەڭگە قېپىدەك، ئويۇنچۇق مودېللاردەك كۆرۈنەتتى، يوللار بىر تال قارا لېنتىدەك تەسىر بېرەتتى. ئاقباش چوققىلار بولسا زومچەك زومچەك توپا دۆۋىلىرىدەك، كىچىك – كىچىك دۆڭلۈكلەردەك كۆرۈنەتتى. نىھايەت ئاسمانپەلەك بىنالارنىڭ، كۆكنى تىرەپ تۇرغان بەھەيۋەت تاغلارنىڭ ئاستىدىن قارىسا چەكسىزلىكىگە، مۇقەددەسلىكىگە، پايانسىزلىقىغا ئادەم ھەيرانۇ ھەس قالىدۇ، ئەپسۇس ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن قارىسىڭىزچۇ؟ بىردىنلا كىچىكلەپ، ئاياق ئاستىڭىزغا چۈشۈپ قالىدۇ، پەستە - ئالقىنىڭىزدىلا تۇرغان كىچىككىنە جىسىمغا ئايلىنىپ قالىدۇ، تەبىئەتنىڭ، ھاياتنىڭ بۇ كارامىتىدىن بىر قانۇنيەتنى ھېس قىلىسىز، دېمەك، «تاغلارنىڭ كەينىدە تاغلار بار»، ئەڭ ھەيۋەتلىك شەيئىلەرنىڭ كەينىدىمۇ ئۇنى بويسۇندۇرالايدىغان بىر كۈچ بار. تۈرۈم – تۈرۈم ئىسقا، مازغاپقا ئوخشايدىغان بۇلۇتلار ئايروپىلان ئاستىدىن ئاستا سۈرۈلۈپ ئۆتۈپ، كىشىدە ساماۋىي تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى، سەن ئاشۇ بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئەزىزىم؟ ھاۋا ئوچۇق بولغاچقا، ئايروپىلاندا كىچىكلەپ ئايان بولۇۋاتقان بارچە مەنزىرە شۇنچە ئوچۇق كۆرۈنەتتى. يۇپيۇمىلاق تولۇن ئاي بىز بىلەن ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. زېمىندىن كۆزەتكەنگە قارىغاندا ئاي كىشىگە سەل پەسلەپ قالغاندەك، يوغىناپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرەتتى. پەستىكى دەل تۇتۇق قاراڭغۇلۇق بىلەن ئۈستىدىكى كۆك رەڭلىك يورۇقلۇقنىڭ چېگراسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۇپيورۇق بىر سۈزۈك لېنتا بولۇپ، ئاي ئەنە شۇ لېنتىنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى، بۇ لېنتا ئاستا – ئاستا خوشلىشىۋاتقان يورۇقلۇق – كۈندۈز بىلەن بارا – بارا بېسىپ كېلىۋاتقان قاراڭغۇلۇق – كېچىنىڭ چېگراسىدا تەبئىي شەكىللەنگەن چېگرا بەلباغ ئىدى. ئاستا – ئاستا گۇگۇم چۈشۈۋاتاتتى، بىز ئايروپىلاندا ئۇچۇۋاتقان بولساق ئايمۇ بىز بىلەن ئەگىشىپ كېلىۋاتتتى، گويا دېرىزىدىن سەكرىسەملا ئايغا چىقىپ قالىدىغاندەك، سەن ئايدىمۇ ئەزىزىم؟ ئاينىڭ ئاستىدىكى بوشلۇق، ئاسمان گەردىشى ناھايىتى چوڭ ئىدى، پايانسىز ئىدى. ئاي يۈزىنىڭ سول تەرىپىدە سۇس قارا مەڭدەك، يېرىم تولغىنىپ تۇرغان چاياندەك داغ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئاينىڭ ئاستىدىكى سۈزۈك يورۇق لېنتا سۇس يالقۇنجاۋاتقان ئوتقا ئوخشايتتى. لېنتىنىڭ ئۈستى سۇس كۆكۈش يورۇقلۇق، ئاستى قېنىق كۆكۈش قاراڭغۇلۇق ئىدى. ئايروپىلان ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر خىل سۈرئەتتە بۇلۇت يېرىپ كېتىۋاتاتتى. شەرققە كېتىۋاتقان ئايروپىلاننىڭ ئوڭ تەرىپىدە قىزىرىپ پېتىۋاتقان قۇياش، سول تەرىپىدە ئاقىرىپ كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئاي بىزگە، ئايروپىلانغا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. گۇگۇمنىڭ ئاستا – ئاستا قېنىقلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاي بارغانسېرى يورۇماقتا، روشەنلەشمەكتە. ئاينىڭ يۈزىدىكى چايانمۇ بارغانسېرى ئېنىق كۆرۈنمەكتە ئىدى. گۇگۇم ئاخىرى پۈتۈن ئاسمان زېمىننى ئۆز قوينىغا ئالدى، سەن گۇگۇمنىڭ ئارىسىدىمۇ ئەزىزىم؟ ئايروپىلاننىڭ ئوڭ تەرەپ دېرىزىسىدە، پارچە – پارچە بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدا قىپ قىزىل شەپەق پەيدا بولۇپ، ئاستا – ئاستا سۇسلاشماقتا ئىدى. سول تەرەپتىكى ئاي رەسمىي يۇپيورۇق ھالەتكە كىرىپ، قۇياشتەك نۇر چېچىشقا باشلىدى. ئاينىڭ ئاستىدىكى قىزغۇچ لېنتا سۇسلىشىپ ئۆڭۈپ، بوز زېمىننىڭ قىرغىقى خىرە – شىرە كۆزگە چېلىقتى. پەستە چىراقلار كۆرۈندى. ئاھ ئەزىزىم، سەن يەنىلا پەستە، مۇشۇ باغرى ئوتلۇق زېمىندا، مەن كەلدىم، ھازىرلا سېنىڭ ھارارەتلىك باغرىڭغا قونىمەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر