باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

دېڭىزدىمۇ سەن بار (ئىككى نەسىر)(1)

ئۆمەرجان سىدىق

2015.04.08 10:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېڭىزدىمۇ سەن بار

  كېچىدە پاراخوت پالوبىسىغا چىقىپ دېڭىزغا قاراپ تۇرماقتىمەن، پاراخوت سۇ ئۈستىدىكى غايەت زور مەخلۇققا ئوخشاش يېنىك تەۋرىنىپ دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتىدۇ، گىرىمسەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى دېڭىز شۇنچە پايانسىز، شۇنچە سەلتەنەتلىك، شۇنچە سۈرلۈك...يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدىكى، بىپايان دېڭىز ئۈستىدىكى پاراخوتتا دولقۇنلىنىپ تۇرغان چەكسىز سۇ كەڭلىكىگە قاراپ سېنى سېغىندىم ئەزىزىم! سېنىڭ قەلبىڭ گويا مۇشۇ دېڭىزدەك كەڭ، دولقۇنلۇق، سىرلىق! سەن بىلەن بىر چاغلاردا مۇشۇنداق پاراخوتتىكى پالوبىدا چىڭ قۇچاقلىشىپ، بىر – بىرىمىزنىڭ ئىللىق، مۇھەببەتلىك، ئوتلۇق تىنىقلىرىنى ھىدلاپ تۇرغان ئىدۇق – ھە! ئەزىزىم، سېنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن! سەن ئەزەلدىن مېنى ئۈنسىز، غەرەزسىز، مىننەتسىز تەرىزدە، ئەڭ پاكىز تۇيغۇدا، ئەڭ ئوتلۇق يۈرىكىڭ بىلەن سۆيۈپ كەلدىڭ، قىزغىن مۇھەببىتىڭنى ماڭا ئاتا قىلدىڭ! ئىككىمىزنىڭلا تۇرمۇشىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى... ئالاقىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا سۇسلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن قەلبىمىزدىكى يالقۇنلۇق، چىن ھېسسىيات ئۆزگەرمىدى. سېنى يەنە بۇرنقىدەكلا قىزغىنىش، سۆيۈنۈش، ئىپتىخار ئىلكىدە سۆيىمەن، سېغىنىمەن. سېنىڭمۇ مېنى مەندىنمۇ نەچچە ھەسسە ئارتۇق ھېسسىياتتا سۆيىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا قانچىلىك بەختلىك مىنۇتلار، مۇھەببەتلىك كەچۈرمىشلەر، ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلەر قالغان ئىدى – ھە! بۇ كۈنلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن، بۇ كۈنلەر ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى، خاتىرەمنىڭ ئەڭ شىرىن بىر بېتى، مېنى مەڭگۈ ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدىغان مەنىۋى ئېنېرگىيە. ھازىرمۇ بېشىمغا خوشاللىق ياكى ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە، بەخت ياكى ئازابقا مۇپتىلا بولغاندا سېنى ئەسلەيمەن. ساڭا نۇرغۇن گەپلەرنى دېگۈم، يېنىمدا كۈندە ھەمراھ بولۇپ تۇرغان كىشىلەرگىمۇ دېيەلمەيدىغان قەلب سىرلىرىمنى ساڭا تۆككۈم، ئىللىق كۆكسۈڭگە بېشىمنى قويۇپ كۈنلەپ سىرداشقۇم كېلىدۇ. يالقۇنلۇق تىنىقلىرىڭ، سۇمبۇل چاچلىرىڭ، مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان خۇمارلىق كۆزلىرىڭ ھەر دائىم قەلب خاتىرەمدە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ، سېنى دائىم سېغىنىمەن ئەزىزىم!
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر