خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاپرېل، كېنىيەنىڭ جالىسا شەھىرىدىكى بىر چېركاۋدا، بالىلار ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، كېنىيە جالىسادىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر يەرلىكتىكى چېركاۋلارغا بېرىپ، ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى. كېنىيە زۇڭتۇڭى كۇنياتا 4-چېسلا، كېنىيەنىڭ 5-ئاپرېلدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ، 2-چېسلا شەرقىي شىمالدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا ھۇجۇم ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا ئۈچ كۈن تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز)
مەنبە: خەلق تورى