باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر سەھرا بالىلىرىنىڭ پۇتبول ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى(1)

2015.04.03 09:13   مەنبە: خەلق تورى

خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر سەھرا بالىلىرىنىڭ پۇتبول ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى(1)

  سۆرەتتە: خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى تېرىنىر بالىلارنى مەشىقلەندۈرمەكتە. گۈلشەن ئابلىز فۇتۇسى

  يېقىندا، باغراش ناھىيەلىك تەمىنات سودا كوپىراتىپى ۋە ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ھەمىراجاننىڭ يەنە بىر يېڭى ۋەزىپىسى بولدى، ئۇ بولسىمۇ بەشىنچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پۇتبۇل تېرىنېرى. ھەر كۈنى مەكتەپتىن قۇيۇپ بەرگەندىن كىيىنكى مەيدان، ئۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئارزۇسى توغرىسىدا ئىزدىنىدىغان سەھنىسى بۇلۇپ قالغان ئىدى.

  كوماندا قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پۇتبول تېپىشكە ئامىراق بالىلار كەنىتكە كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى پۇتبول كوماندىسى قۇرۇدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، خۇشاللىقىدىن كىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان ئىدى، ھەمىراجان بۇ بالىلار ئىچىدىن 12نەپەرنى تاللاپ، مۇنتىزىم ۋە سېستىمىلىق تەربىيلىدى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ھەمىراجان مۇنداق دىدى: بىر كۈنلۈك مەشىقتىن بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلدىم، پەقەت تېخنىك جەھەتتە كەمچىلىكلەر بار ئىكەن، بۇندىن كىيىن تېخنىكىلىق تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ناھىيەلەردىكى پۇتبول كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئۇلاربىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش خىيالىم بار.

  ئابدۇبەسىر بۇيىل باشلانغۇچ 4-يىللىقتا ئوقۇيدىغان بۇلۇپ، ئۇ بۇ پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال بولدى. گەرچە يېشى كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقۇرى ئىدى. مەشىق جەريانىدا ئۇ پۇتبۇلنىڭ قائىدىسىنى ئېگەللەپلا قالماي، يەنە تەنھەركەت روھىنى چۈشۈنۈپ يەتتى.

  ھەمىراجان چۈشەندۈرۈپ: يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئائىلىلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئېگەللەش ئارقىلىق كۈدەيلىك كەنتىنىڭ خەنزۇ، مۇڭغۇل، ئۇيغۇر، خۈيزۇ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان 570 نۇپۇسى بارلىقىنى، پۇتبۇلنىڭ يەرلىك ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم ۋاستە ئېكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق، دىدى.

  باغراش ناھىيەلىك رادىئو-تېلۋېزىيە ئىدارىسىدىن: گۈلشەن ئابلىز

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

  

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·ئۆزبىكىستان زوڭتوڭ سايلىمىغا يېقىندىن نەزەر
      ·قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
      ·بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن …
      ·شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى…
      ·ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تىزىملاش خىزمىتى باشلاندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجە ئۇچۇرى قاتارلىقلار 3 يىل ساقلىندۇ
      ·ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسنى ئېلان قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يەنە باشلىنىدۇ