باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاياللىق ئالەم(5)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

« ماشىنام، ئالدىمدىكى ئۆلۈم ئەجدىرھاسىغا سوقۇلۇپ، نەچچە پارچە بولۇپ، نەچچە يۇمۇلاپ كېتىشى مۈمكىن. » يەنە ئۆلۈم ئېھتىماللىقىم ھەققىدە ئويلاۋاتىمەن دەپ ئويلايتتىم. لېكىن ئەمدى ۋاقىت قالمىغانىدى. يېرىم دەقىقىمۇ، يېرىم دەقىقىنىڭ يېرىمىمۇ.... ئىختىيارسىز ۋارقىرىغانلىقىمنى سەزدىم. كۆزلىرىمنىڭ سوقۇلۇش زەربىسىدە چېچىراپ چىقىپ كەتكىنىنى، بېشىمنىڭ تەڭ يېرىمى قىرىلىپ، ئالدىمغا دومىلاپ چۈشكىنىنى كۆرگەندەك بولدۇم. « مەن پۈتۈن ھالىتىمدە ئۆلمەسلىكىم مۈمكىن. ماشىنام دەھشەتلىك سوقۇلۇشتىن كېيىن، نەچچە پارچە بولۇپ كېتەر. بۆلۈنگەن پارچىسى ھەرتەرەپلەرگە ئۇچۇپ، نەچچە- نەچچە دومىلاپ كېتەر. بوينۇم ئۈزۈلۈپ، يېرىمى قالغان بېشىم ماشىنىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن، بىر قولۇم بىلەن كۆكرىكىم يەنە بىر پارچە ئېزىلگەن تۆمۈر دۆۋىسى بىلەن قاياققىدۇر ئۇچۇپ چۈشەر. قورسۇقۇم يېرىلىپ، ئۈچەي-باغرىم چۇۋۇلۇپ كېتەر. بەلكى ئۈچەيلىرىم، ماشىنىنىڭ كېرەكتىن چىققان تۆمۈر تەسەكلىرىگە يۆگىشىپ، چوڭ يولغا تېرىلىپ كېتەر. پۇتلىرىم، ئۇزۇن پاچاقلىرىم ھازىرقى ئورنىدىن ئاجرىمايلا مىجىلغان تۆمۈرلەر ئارىسىغا قىسىلىپ قالار. ئۇ ئېزىلىپ شاپاقتەك بولۇپ كېتەر. يانچىلىپ قوۋزاقتەك بولۇپ كېتەر. بەلكى مېنىڭ ھەممە ئەزايىمنى تولۇق تېپىشالماس. جەسىتىمنى پۈتۈن ھالەتكە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پېتىچە سۈيۈمگىمۇ ئالالماس. ئېزىلىپ كەتكەن، پارچە-پارچە بولۇپ، تەرەپ-تەرەپلەرگە چېچىلىپ كەتكەن بىر بۆلۈك ئەزالىرىم ئوزۇن يىللارغىچە بۇ نەس باسقان چۆللۈكتە تۇرۇپ كېتەر. يەرلىكىگە دەپنە قىلىنغان ئەزالىرىم بىلەن تېپىشالماي ئەرۋاھقا ئايلىنىپ كېتەر. توپىغا مىلىنىپ، قۇرت-قوڭغۇز ۋە قاغا-قوزغۇنلارغا يەم بولۇپ كېتەر. ئاھ، قەدىرلىك تېنچ ئۆلۈم، ئۆيدىكى ئۆلۈم، رازىلىق ئۆلۈم!....»
ماشىنام ئۇچتى. ماشىنام يەردىن كۆتۈرۈلدى. ماشىنام... مېنىڭ ماشىنام...
_ خەقلەرنىڭمۇ ئېرى بارىكەن، قايسى شەھەردە مودا كىيىم، مودا رەخت بولسا، ماشىنا بىلەن ئېرىنمەي بېرىپ ئەكىلىپ بېرىدىكەن. بىر يېڭى رەخت چىقىپتىكەن، سىزمۇ دىككىدە بېرىپ ئەكىلىپ بېرىڭى، ئەخمەتجان جېنىم.
_ ۋاي سىزلا خوش بولسىڭىز.....
_ كەچكىچە كېلىپ بولارسىز، جېنىم؟
_ كەچتە كەلمىسەم قانداق چىدايمەن...
_ قېلىنلىقىنى...
_ كەچتە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭ....
_ يەنە ئادەمنى قىينىغىلى؟!...
ئالەمنى تىترەتكۈدەك قاتتىق سوقۇلۇشنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. زېمىن چايقالدى. پۈتۈن جاھان تەۋرەندى، ئېڭىمدا.
_ ۋاي كېلىۋاتامسىز، ئەخمەت؟
تېلېفۇن. چىرايلىق دىلزىبانىڭ چىرايلىق، تاتلىق ۋە يېقىملىق ئاۋازى.
_ يېرىم يولغا كەلدىم. رولغا يېڭىياچە بولغاچ، ئاستىراق مېڭىۋاتىمەن.
_ سەل تېزراق مېڭىڭ. كەچ بولۇپ قالدى جۇمۇ.....
_ مانا، سۈرئەتنى تېزلەتتىم. ئۇخلىماي تۇرۇڭ ئەمىسە.....
ئۆزىمۇ ھەيران ئىدىكى، ئەخمەت بۇ ئوينىغۇچتەك خوتۇنىغا مەڭگۈ قانمايدىغاندەك ئىدى. ئەرنىڭ ئەرلىك جاسارىتى خوتۇنىغا بېقىپ بولىدىكەن-دە، ئەسلى! دەپ ئويلايتتى ئۇ.
ماشىنا، ئاق تۇلپار، ئاق بۈركۈت ئەڭ يۇقۇرى تېزلىكتە ئۇچۇپ باراتتى. ئەخمەتنىڭ قولى رولدا، ئەمما خىيالى خوتۇنىدا ئىدى. ئۇ، قوپال قوللىرى بىلەن مامۇقتەك يۇمشاق، ئوتتەك ئىسسىق، سۈتتەك سۈزۈك، گۈلدەك چىرايلىق بەدەننى، نازلىق، سېھىرلىك لەۋەننى قانماي سۆيەتتى، سىيلايتتى، سىيلايتتى....
« ھەي ئەخمەت، ھەي ئەخمەت!... »
ئۆزۈمگە ئۆزۈم دوق قىلىپ ۋارقىرىغانلىقىمنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. بەلكى ئويلىغاندىمەن. بىراق، ئەمدى ھەممىگە كېچىككەنىدىم. ھەممىسى پايدىسىز ئىدى.
ماشىنامنىڭ چىرايلىق تۇمشۇقى، ماڭا يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان قاپ- قارا مەخلۇقنىڭ بەدبەشىرە پىشانىسىگە شىددەت بىلەن ئۇرۇلغاندا، ھاياتىمدا مەن ھىس قىلغان ئەڭ قىسقا ۋە ئەڭ ئۇنتۇلماس شۇ پۇرسەتتە، ئۆزۈمنى جىنازا ئىچىگە ئاللىقاچان كىرىپ بولغان ھالەتتە سەزدىم. ھە-ئە، مەن جىنازا ئىچىدە ئىدىم. ئاق ماشىنا _ ئاق جىنازا. ئەينەكلىك دەرىزىلەر _ جىنازا ئاراچلىرى. مېنىڭ قورقۇنچلۇق يىغام _ جىنازا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەسرەتلىك يىغىسى. ...
_ ۋاي ئاخۇنۇم!..... جىنازىڭىزمۇ قوزغالدى ئاخۇنۇم. ئەمدى سىزنى نەدىن تاپارمەن ئاخۇنۇم!...
_ ۋاي بالام!....
_ ۋاي دادام!...
..........
« ھەممە يىغىدا. پەقەت شۇ ياش، چىرايلىق خوتۇنۇمنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلانمايدۇ.... ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭ تاتلىق ئاۋازىنى بولسىمۇ بىر ئاڭلىسامچۇ. پەقەت بىر قېتىملا ئاڭلىۋېلىپ ماڭسامچۇ. ھەرقانچە بولسىمۇ يىغلىمايغۇ قالماس. بىرەر قېتىم بولسىمۇ .....»
_ خەقلەرنىڭمۇ ئېرى بارىكەن، ئايروپىلان ھەيدىسدىمۇ يەرگە ساق چۈشۈدىكەن. خوتۇنلىرى بىلەن ئۆمۈر بويى بىرگە ئۆتۈدىكەن. بىزنىڭ بۇ ھاماقەت، كىچىككىنە بىر پىكاپنى ئوڭشاپ ھەيدىيەلمەي.... ۋاي ئېسىت جېنىم، مۇشتۇمدەك تۇرۇپ « بىر نىكاھلىق » ئېتىنى كۆتۈرۈپ يۈرەرمەنمۇ!.....
_ خەقلەرنىڭمۇ ئەرلىرى بارىكەن، نى-نى ئېغىر ھادىسىلەردىن ئامان قالىدىكەن. بىزنىڭ بۇ ئەخمەت....
ئاھ، مېنىڭ خوتۇنۇم! بۇ، راستىنلا خوتۇنۇمنىڭ ئاۋازى ئىدى. مەن چىرايلىق خوتۇنۇمنىڭ چىرايلىق ئاۋازىنى ئاخىرى ئاڭلىدىم. ئاڭلىدىم!... ئۇ، ئاق ماشىنام، ياق، ئاق جىنازام ئارقىسىدىن، ئەتراپىدىكى چىرايلىق ئاياللارغا شۇنداق دەۋاتاتتى.
ئۆلۈم!.... ئۇ مېنى سېغىندۇرىۋاتاتتى.
مەن ئۆلدۈم. ئۆلۈپ كەتتىم!....
مەن ئەمدى راستىنلا ئۆلگەنىدىم. ئۆلمىسەم بولمايتتى. ئاق تۇلپارلىق مەغرۇر ئەخمەت ئۆلگەنىدى. ئۆلمىسە بولمايتتى!....ئەمدىلىكتە مېنى « جېنىم ! » ئارىلاشقان تاتلىق ئەركىلەشلەرمۇ، « قوشقىرىم! » قوشۇلغان نازلىق ماختاشلارمۇ تىرىلدۈرەلمەيتتى. كاشكى، ماڭا بىر قېتىم، پەقەت بىر قېتىملا پۇرسەت بېرىلسە، ئەمدىكى سەن ئۈچۈن، سېنىڭ مۇشۇ يىغاڭ ئۈچۈن بولسىمۇ قايتا بىر تىرىلسەمچۇ، ئېست!....

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر