باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاياللىق ئالەم(3)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


_ شۇنداق. تام چېقىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىمەن. مېنى باي قىلغىنى مۇشۇ ئىش دەڭا. بۇ، مېنىڭ بايلىق كانىم. ھۆكۈمەتكە: « پۇقرالار تېمىنى ئاسانلىقچە چېقىپ بەرمىگۈدەك. بېرىدىغان پۇلنى كۆپەيتەيلى » دەيمەن. تام ئېگىسىگە : « چېقىپ بەرمەيمەن، دەپ چىڭراق تۇر. دەۋاگەر سۇس بولسا، قازى مۇتەھەم بولىدۇ... » دەيمەن. ئارىلىقتىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، تام ئېگىلىرىگە يەنە: « ھۆكۈمەت دېگەن قىلىمەن دېگىنىنى قىلىدۇ. مېنىڭ دېگەن باھايىمغا ماقۇل دېگىن. » دەيمەن. يەنە ھۆكۈمەتكە بېرىپ : « تام ئېگىلىرى: ئۆينىڭ باھاسىنى يەر ئالىدىغان شىركەتنىڭ ئۆزى بىلەن دىيىشىمىز. ئارىدىن بىر نەرسە يىمىگەن بولسا، بۇ ئىشقا ھۆكۈمەت ئارىلاشمىسۇن، دىيىشىۋاتىدۇ. باھانى يەنە كۆتۈرمىسەك، چاتاق چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ.... » دەيمەن..... شۇنداق قىلىپ، ھۆكۈمەتمۇ، تام ئېگىلىرىمۇ دېگەن يېرىمگە بارىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تام ئېگىلىرى ئۆيلىرىنى يۇقىرىراق باھادا باھالىتىش ئۈچۈن، تۈمەن-تۈمەنلەپ پۇل سېلىنغان كونۋېرتنى يانچۇقلىرىغا سېلىشىپ، ئاخشاملىرى ئۆيۈمنى ئەگىپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا، ئىدارىدىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەرسەم، بۇ تىللا دەرىخىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمەن، ئاپپىقىم!.... پۇل دېگەن كۆپ بولسا ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. يانچۇقتا بار بولسا، ماڭىمۇ، سىزگىمۇ لازىم، چىرايلىقىم!.....
_ ماۋۇ گېپىنىڭ تاتلىقلىقىنى.... ۋاي ئەقىللىق قوشقىرىم!...
_ شېرىن ھەسىلىم، ئوماق پاقلىنىم!...
ئەخمەت تاتلىق ھېسلار قېتىدا، سېھرىي مەنزىللەر بويلاپ كېتىپ باراتتى. ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى، تۇرمۇشنىڭ شېرىنلىكىنى مانا ئەمدى ئۆز تەمى بىلەن ھىس قىلىۋاتقاندەك ئىدى. « ئىلگىرىكى، لاي سۇدەك ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمۈرۈمگە ئېست! » ئۇ، شۇنداق دەيتتى. كۆرگەنلا ئادەمگە شۇنداق دەپ باراتتى.
« مەن ئالدى ئەينەكتىن ئۇچۇپ چىقىپ كېتىشىم مۈمكىن. » مىسلىسىز قاتتىق زەربىنى ئالدىن سەزگەن مېڭەمدىن شۇنداق بىر سادا چىققاندەك بولدى. « ئاق تۇلپارىمنىڭ، ئەمدى تۇلپار دېگىنىم نېمىسى، ئاق ماشىنامنىڭ ئەينەكلىرى يۈزلىرىمنى تىلىپ، تىتما-تالاڭ قىلىۋېتىدۇ. بەلكىم ئەينەكنىڭ سۇنۇپ، قىلىچتەك ئۇچلۇق بولۇپ كەتكەن پارچىسى كۆزۈمگە كىرىپ كېتەر. ۋايجان!.... كۆزگە كىرگەن ئەينەك ئارقا تەرەپتىن تېشىپ چىقماي قالامدۇ.... مەن ئەينەك تېشىۋاتقان بېشىم بىلەنلا ئالدىمدىكى نىجىس ماشىنىغا قار پومزىكىدەك تاشلىنىشىم مۈمكىن. توغرا، قار پومزىكىدەك. كۈچ بىلەن ئېتىلغان قار پومزىكى بىرەر نەرسىگە تېگىپلا تەرەپ –تەرەپكە توزۇپ كەتكەندەك، مەن بىچارىمۇ ھەر تەرەپكە توزۇپ كېتەرمەن. كىشىلەر، ئېزىلگەن بېشىمنى بىر يەردىن، ئۈزۈلگەن پۇت-قوللىرىمنى بىر يەردىن، چۇۋۇلغان ئۈچەي- باغرىمنى يەنە بىر يەرلەردىن تېپىشار. ۋاي قىيامەت، ۋاي نادامەت!....»
مەن بىرەر ئېغىز سۆزنى ئېغىزدىن چىقارغۇچىلىكمۇ پۇرسەت قالمىغان مۇشۇ دەقىقىدە، كۆز ئالدىمدىكى ئۆلۈم دەھشىتى ھەققىدىكى ئېھتىماللىقلارنى ئويلاپ ئۈلگۈردۈم. خىيال ئۇچقۇر، خىيال يۈگرەك دىيىشكەنلىرى مۇشۇ بولسا كېرەك.....
_ ئەمدى بىز توي قىلغاندىكىن، خەقلەرنىڭ گەپلىرىگە، ئۈچ ساقلاندىڭىزنىڭ بولار-بولماس تەلەپلىرىگە قۇلاق سالماڭ، جېنىم! كىشىلەر بىزنى كۆرەلمەيدۇ....
_ ۋاي شۇنداق قىلمامدىغان، جاندىن ئەزىز، بالدىن لەزىز تاتلىقىم!
چىرايلىق خوتۇنۇمنىڭ تاتلىق ئاۋازىنى يەنە ئاڭلىغاندەك بولدۇم. مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاۋېرىپ، مەنمۇ چىرايلىق سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتكەنىدىم. ئەر-خوتۇندارچىلىق دېگەن مۇشۇنداق بولمامدۇ. ئايال دېگەن مۇشۇنداق تاتلىق بولمامدۇ!... باشتا ئۇنىڭ ئاۋازىنى تەستە، ئۇزاقتا ئاڭلىغاندەك بولسام، مانا ئەمدى پات-پاتلا ئاڭلاپ تۇرىۋاتقاندەك قىلاتتىم. قۇيىۋەتكەن خوتۇنۇمدىن پەرقلىق بولغىنى، كىيىن ئالغان نازىنىن خوتۇنۇمنىڭ يىغلىغان ئەمەس، كۈلگەن، ئەركىلىگەن، نازلانغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەڭگۈ مۇشۇنداق بولسىكەن، دەيتتىم. .....
_ ئەر كىشى دېگەن، ھەدېگەندىلا خوتۇنىنىڭ كەينىگە كىرىۋالغۇلۇق ئەمەس، _ شۇنداق دەيتتى، چىرايلىق ئايال، تەڭداشسىز گۈزەل چوكان، ئەخمەتكە ئەركىلەپ تۇرۇپ، _ بولمىسا، خەقلەر سىزنى خوتۇنىغا ئىشەنمەيدىكەن دەپ قالىدۇ. مەن سىزگە ئىشەنچىلىكقۇ، جېنىم؟!
_ ئەلۋەتتە ئىشەنچلىك، ئومىقىم.
ئەخمەت، خوتۇنىنىڭ ھەر بىر ئېغىز تاتلىق گېپىگە « شۇنداق»، « ئەلۋەتتە » دەپلا جاۋاب قايتۇراتتى. ئۇنىڭدىن ئۆزگە جاۋاب، بۇ تاتلىق ئەركىلەشلەرگە، بۇ قەدەر شېرىن نازلىنىشلارغا مۇناسىپ ئەمەسىدى. خوتۇن، ھە-ئە، قىز، مانا ئەمدىكى چوكان ھەقىقەتەن ئېۋەنسىز گۈزەللەردىن ئىدى. كونىلارنىڭ: ئۆزى چىرايلىقنىڭ سۆزى چىرايلىق، دېگەنلىرى راست بولسا كېرەك.
« مەن، ئالدى ئەينەكتىن ئۇچۇپ چىقىپ، كېلىۋاتقان ماشىنا بىلەن ماشىنام ئارىسىغا قىسىلىپ قېلىشىم مۈمكىن. » ئادەم ئۆلۈم ئالدىدا نىمىلەرنى ئويلىمايدۇ. قانداق سوقۇلسام مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا بولغان مۇشۇ دەمدە، يەنە چاقماق تېزلىكىدە ئويلايتتىم. « ئىككى ماشىنا ئارىسىغا قىسىلغان ئادەم ساق قالمايدۇ. ھېچيېرى ساق قالمايدۇ! بەلكى ئۇندەك توزۇپ كېتەرمەن. تېرىقتەك چېچىلىپ كېتەرمەن. قىيمىدەك پارچىلىنىپ كېتەرمەن.... كىشىلەر مېنى سۈپۈرۈپ ئالار. گۈرجەك بىلەن قىرىپ يىغار. كەتمەن بىلەن غىرداپ چىقىرار. ....»
باش-كۆزۈمنىڭ يامغۇردا قالغاندەك ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايىلا سەزگەنىدىم. مانا ئەمدى ھەممىلا ئەزايىم سۈزمىدەك بولدى. خۇددى سۈيىگە ئالغان جەسەتتەك. قانلار قېتىدىن تېرىپ ئالغان ئۆلۈك پارچىلىرىدەك.
_ سۈيىڭىزگىمۇ ئېلىپ بوپتۇ ئاخۇنۇم. ماڭار ۋاقتىڭىز بولۇپ قاپتۇ ئاخۇنۇم. بىزنى تاشلاپ كېتەرسىزمۇ ئاخۇنۇم!
_ ۋاي دادام! بىزنى تاشلاپ كەتتىڭىزغۇ دادام!....
مەن تونۇيدىغان ئاۋازلار كۆپۈيۈپ باراتتى. ئەسەبىي ماشىنام غالجىر ماشىنىغا رەھىمسىزلىك بىلەن يېقىنلاشماقتا ئىدى. بەلكى ئۆلۈم ئالدىدا، ئۆلگۈچىگە يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىدىغاندۇ، ۋە بەلكى مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغاندىمەن.
« قاتتىق سوقۇلۇشتىن كېيىن، ماشىنامغا ئوت كېتىشى مۈمكىن. » بۇ، ئۆلۈم ۋەھىمىسىگە ئەگىشىپ كەلگەن يەنە بىر ۋەھىمە ئىدى. « باكتا توشقىچە بېنزىن بار. ماشىنىنىڭ بىرلا يېرىگە ئوت تۇتىشىپ كېتىدىغان بولسا، كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ. مەن مىجىلغان ماشىنا ئىچىدە كۆيۈپ تۈگەيمەن. ھېچنىمەم قالمايدۇ. تۆمۈر بىلەن ئارىلىشىپ كېتىمەن. ئورۇندۇق بىلەن بىرلىشىپ كېتىمەن. باشقىلار مېنى ھېچيەردىن تاپالمايدۇ. كۈلۈم قالىدۇ. ھە-ئە، كۈلۈم قالىدۇ!... بەلكىم كۈلدەك توزۇپ كەتمەي، چېپىندىدەك چېچىلىپ كەتمەي، مومدەك ئۇيۇشۇپ قالارمەن. چىچىلدەك قارىداپ، شىنىدەك قاتارمەن. كىم بىلىدۇ، كاۋاپتەك پىشىپ، يەژمەندەك ئۇۋۇلۇپ كېتەرمەن. خەقلەر مېنى تونۇيالماي قالار. شۇمىدۇر، ئەمەسمىدۇر.... دېيىشىپ كېتەر. بەلكى.... »
_ چىرايلىق ئاياللارنىڭ دېگەن دوستلىرى كۆپ بولىدۇ، جېنىم، _ ئەخمەتنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دەيتتى ئايال، سىرتتا قۇنۇپ قالغان كۈنىنىڭ ئەتىسىلا، _ خىزمەتداش، پىكىرداش ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدە بىر- ئىككى كېچە قونۇپ قالغانغا ھېچنىمە بولمايدۇ. مەن دېگەن ئىشەنچىلىكقۇ؟
_ ئەلۋەتتە.
چىرايلىق ئايالغا چىرايلىق گەپلا لايىق ئىدى. ئەخمەت ئاڭلايدىغان چىرايلىق گەپلەرمۇ مەڭگۈ تۈگۈمەيدىغاندەك قىلاتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر