باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاياللىق ئالەم(1)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مەن ئۆلدۈم. ئۆلۈپ كەتتىم!.....
مەن چاقماق تېزلىكىدە، نە چاقماقكى، ئوق شىددىتىدە شۇنداق ئويلىدىم. بەلكىم شۇنداق ئويلىغاندىمەن. بۇنداق بولارىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم. زادىلا ئويلىمىغانىدىم!
ماشىنام _ مېنىڭ ئامراق ئاق تۇلپارىم مېنى ئۇنتۇپ، ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ شىردەك، قۇترىغان قارا بوراندەك كېتىپ باراتتى. ئەمدىلىكتە مەن ئۇنىڭ ئېگىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ مېنىڭ ئېگەم، باشقۇرغۇچىم ئىدى. ئۇنى ئاستىلىتىشىم مۈمكىن ئەمەسىدى. توختىتىشقا، ئوڭ ياكى سول تەرەپكە بۇراشقىمۇ بولمايتتى. ئەمدى ھەممىسىگە كېچىككەنىدىم. ئالدىمدا پەقەت بىرلا يول بارىدى : ئۆلۈم!
شۇنداق ئويلىغىنىم ئېسىمدە. ئاق تۇلپارىم باشلاپ ماڭغان ئۆلۈم يولىدا قورقۇنچتىن قارا تەرگە چۆمۈپ كەتكىنىم يادىمدا.
مەن تاختىپۇش ئۈستىدىمۇ؟ مەن ئۇچقۇر ئاق تۇلپارىم ئۈستىدىمۇ؟.... بېشىم ئايلىنىپ كەتتى. خىيالىم تېخىمۇ چىگىشلەشتى. جان- جەھلىم بىلەن تاختىپۇشتىن ئاجراشقا تىرىشتىم. پۈتكۈل ئەقىل-ئىدراكىمنى يىغىپ، ھالاكەتلىك ئاق ماشىنامدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇندۇم. بەلكىم ئۆلگەندىمەن. .....
ئەتراپنى يۈرەكنى ئەزگۈدەك يىغا-زارە قاپلاپ كەتكەنىدى. مۇڭلۇق قوشاقلاردىن، چىداپ بولماس بوزلاشلاردىن.... يۈرۈكۈم ئېچىشتى. ئاڭلا- ئاڭلا.... مېنىمۇ بىردىنلا يىغا تۇتۇپ كەتتى.
« يېتىم ياشاپ، يېتىم كەتكەن ئەخمەت!.... مۇرادىغا يەتمەي ئۆتكەن ئەخمەت!....»
ئۆزۈم ئۈچۈن، يىغلاۋاتقانلاردىنمۇ ئاشۇرۇپ يىغلىدىم-يۇ، ئاۋازىمنى زادىلا چىقىرالمىدىم. ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئادەمنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئۆلۈدىغان يېرى ئاۋازى ئوخشىمامدۇ؟ ئۇنداقتا، مەن راستىنلا ئۆلدۈمما؟ ئاق تۇلپارىم دەپ ئىپتىخار بىلەن ھەيدەپ كېتىۋاتقان ماشىنام، مېنى باقىيغا تەييارلاۋاتقان تاختىپۇش ئوخشىمامدۇ؟ مەن راستىنلا....
بىردىنلا، دەسلەپكى خوتۇنۇمنىڭ قوشاق قوشۇپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. ھېچ خاتاسى يوق. ھەممىنى تاڭ قالدۇرىدىغان يىغا. كۆڭۈللەرنى ئېزىپ، بوغۇزلارغا ئاچچىق يىغا ياماشتۇرىدىغان تەسىرلىك، ھەسرەتلىك يىغا!
ئۈچ ئوغۇل توغۇپ بەرگەن خوتۇنۇم تېزلا قېرىپ كەتكەنىدى. جاھاننى گۈزەللەر قاپلاپ كەتكەن مۇشۇ زاماندا، ئۇنىڭ پۈرلۈشۈپ كەتكەن نۇرسىز چىرايى، جەلپكارلىقى ۋە ھارارىتى قاچقان بەدەنلىرى ھەققىدە توختۇلۇش ئارتۇقچە ئىدى. ئۇ مېھرىبان ئىدى-يۇ، ئېغىزىنى زادىلا باشقۇرالمايتتى.
« ئۈچ بالا بولغاندا، زامانغا ماسلىشىمەن دەپ نېمە كەپتۇ. پۇلنى تېجەپ خەجلىگۈلۈك. ئاددىي يەپ، يارىشىملىق كەيگۈلۈك. ئۈچ بالىنى ئوقۇتۇش كېرەك. يەنە تېخى، ساق تەننىڭ كېسەل بولىدىغان، مۈڭگۈزدەك بەدەننىڭ ئاجىزلايدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ. شۇ چاغلاردا پۇل لازىم بولىدۇ. ئەمما سىز، خەق نېمە قىلسا ، شۇنى قىلىمىز دەپلا تۇرىسىز. ئۇيۇن- تاماشاغا جېنىڭىزنى بېرىسىز. كېچە-كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەيسىز. كۈندۈزى يول ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمۈرى كوتا، كېچىسى يول ماڭغان ئەرنىڭ، دەيدۇ كونىلار. بۇزۇق ئادەملەر كۆپىيىپ كېتىپتۇمىش. غەلىتە يۇقۇملۇق كېسەللەر ئاۋۇپ كەتتى دېيىشىدۇ. ياراتقان ئېگەم بىزگە مال-دۇنيانىمۇ يېتىپ ئاشقۇچە بەردى. ئەمدى بۇ خۇدالىق ئالەمدە خەقتىن قارغىش ئالماي ئىمان بىلەن، پاكلىق بىلەن ياشايلى. جان بارنىڭ قازاسى بار. ئالىمادىس.... ئاڭلىسام، سىز يەنە....»
مەن كۈندە نەچچە ۋاق ئاڭلايدىغان بۇنداق گەپلەرگە كۆنەمدىم. ئاخىرقى قېتىم تەكرارلانغان گەپكە قارىتا، كەسكىن تەلەپپۇزدا شۇنداق دېدىم:
_ قارىغاندا، مېنى كۈنلەۋېتىپسەن-دە؟
_ ياق، ياق... _ مەن ھازىرلا ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدىغاندەك، غال-غال تىترەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى خوتۇنۇم.
_ ئەمىسە نېمە گەپ بۇ؟!
_ مەن پەقەت ياخشى بولسۇن دەپ.... سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ....
_ تالاق!
مەن زامانىۋىيلىقنى قوغلىشىپ يۈرۈدىغان ئادەم بولساممۇ، لېكىن « تالاق!» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدىم. ئايىقىمغا نىجاسەتتەك سۈركۈشۈپ تۇرىدىغان، كۆزلىرىمگە تىكەندەك سانجىلىپ يۈرۈدىغان بۇ خوتۇننى ئۆيدىن قوغلاشتا، مۇشۇنىڭدىنمۇ قاتتىق ۋە ئورۇنلۇق سۆزنىڭ يوقلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم. يەنە بىلەتتىمكى، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۇ مەندىنىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنەتتى. شۇ چاغدا ئۇ، تۇيۇقسىزلا دېيىلگەن گېپىمگە ئىشەنمىگەندەك، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، ئېغىزىنى كاماردەك ئاچقىنىچە تۇرۇپ قالغانىدى.
_ تالاق!!
ئۇ ئاخىرى ئىشەندى. تەكرار ئېيتىلغان بۇ سۆزنى چۈشەنمەسلىكى، ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكىمۇ مۈمكىن ئەمەسىدى. مانا ئەمدى يەنە شۇنىڭ ئاۋازى.
_ مېنى تۇل قويۇپ كەتكەن ئاخۇنۇم!.... ئۈچ بالىنى تاشلاپ كەتكەن ئاخۇنۇم!
ئۆلگىنىم راست ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدىم. ئەمما مېنى دىلىغۇل قىلىۋاتقىنى، كېيىنكى خوتۇنۇمنىڭ ئاۋازىنى ھېچ ئاڭلىيالمايۋاتاتتىم. مېنىڭ تەڭداشسىز ھۆسنى بار گۈزەل ئايالىم، بۇيرۇتۇپ ياساتقان قونچاقتەك چىرايلىق خوتۇنۇم قېنىدۇر؟
ئەتراپتا يىغا. قوشاق قوشۇش، بۇغۇلۇش، بۇقۇلداش، مىشىلداش ۋە خىرتىلداشلار.... ھەممىنىڭ ئاۋازى، پەقەت چىرايلىق خوتۇنۇمنىڭلا يوق.
مەن ئۆزۈمنى بىردە، ئاق تۇلپارىمدا، بىردە تاختىپۇش ئۈستىدە سېزىمەن. ئەھۋالىم ھەققىدە ئويلاپ ئۈلگۈرەلمەيمەن. چۈشۈنۈپ يېتەلمەيمەن.
مەن ئەتىۋارلاپ كەلگەن ئاق تۇلپارىم، ياق، ئاق ماشىنام كونتىرولسىز ھالەتتە كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ سۈرئىتى گوياكى تاغ چوققىسىدىن غۇلاپ چۈشكەن تاش، كۆكتىن ساقىغان يۇلتۇز، ئۆلۈش ئالدىدىكى چوڭ مېڭىنىڭ ئاداققىي خىيالى.
غايەت زور بىر ماشىنا، ھە-ئە، تاغدەك يوغان، پويىزدەك ئۇزۇن بىر ماشىنا ماشىنام تامان باستۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. ئۇمۇ توختاشقا ئامالسىزدەك، ئۆز شوپۇرىنى مېنى ئەگىپ يۈرگەن ئۆلۈم قورشاۋىغا سۆرەپ كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
مەن، دەقىقە ئىچىدە يۈز بېرىدىغان دەھشەتتىن تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز دەرىجىدە قورقتۇم. سوغ شۈركەندىم. ئاچچىق-ئاچچىق چۆچۈدىم.... بىراق، ئۆزۈمگە، تۇيغۇمغا زادىلا ئېگە بولالمايۋاتاتتىم. «مەن ماشىنىدا » دەيتتىم ئۆز- ئۆزۈمگە. لېكىن، ئەتراپىمدا ئۆلۈم يىغىسى، مەن تونۇيدىغان _ تونۇمايدىغان كىشىلەرنىڭ يىغا ئاۋازلىرى كۈۋەجەيتتى. « مەن تاختىپۇشتا » شۇنداق ئويلايتتىم تۇرۇپلا. ئەمما، ئاڭلاۋاتقىنىم، ماشىنىنىڭ ۋەھىمىلىك گۈركىرىشى، چاقلارنىڭ ئېرىگەن قارامايلارنى ئەسەبىيلىك بىلەن يالاپ، شىپىلداپ ماڭغان ئاۋازلىرى ئىدى. مەيلى قايسىسىلا راست بولسۇن، ماڭا قالغىنى بىرلا يول ئىدى: يەنىلا ئۆلۈم!
يېقىندىلا، قايسىبىر گېزىتتىن « ئىنساننىڭ بېشىغا ئۆلۈم كەبىي ئېغىر قىسمەتلەر كەلگەندە، ئوڭ مېڭە ھەرىكەتكە كېلىدۇ » دېگەن جۈملىلەرنى ئوقىغانىدىم. ئەمدى تۇيۇقسىزلا كاللامغا « ئوڭ مېڭە، سول مېڭە » دېگەن ئۇقۇم كەلدى. ئوتتۇرا مەكتەپتە شۇنداق ئوقۇغان ئەمەسمىدۇق. بىر ئادەمنىڭ بىر مېڭىسىنى ئىككىگە بۆلگەن يەردە، ئادەمنىڭ ئۆزىنى؟....
مەن ئىختىيارسىز ھالدا، ناھايىتى تەبىئىيلا ئىككىگە بۆلۈندۈم. كۆز ئالدىمدىكى دەھشەت شۇنىڭغا قىستاۋاتاتتى. مېڭەمنىڭ قات-قېتىغا سىغدىلىپ كىرىۋاتقان ۋە ئۈستى-ئۈستىلەپ پىرىسلىنىپ كېلىۋاتقان يوقۇلۇش قورقۇنچى شۇنىڭدىن باشقىغا ئىمكان بەرمەيتتى. ئۇنىڭسىز، ئۆزۈمنى ئاڭقىرالمايتتىم. ئۆزگىلەرگە تېخىمۇ چوڭ سىر بولۇپ قالاتتىم.
بىر ئۆزۈم _ مەن ئىدىم. چىرايلىق، ئەركە ئاق تۇلپارىمنى مىنىپ، ئۇنى ئۆلۈم ئۇپۇقىغا قاراپ كېتىۋاتقان ماشىنا سىياقىدا ھەيدەپ بېرىۋاتاتتىم. يەنە بىر ئۆزۈم ئۇ _ ئەخمەت ئىدى. ئۇ، ئۈچ ئوغۇل توغۇپ بەرگەن خوتۇنىنى « تالاق » قىلغاندىن كېيىن، يېڭى ئەرمەكلىرى كويىدا تىپىرلايتتى. تېمىسقىلايتتى....
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر