«ئايال پادىشاھ»
ئەنگىلىيەلىك ئايال ئارتېس خېلىن مىررىننى كىشىلەر «ئايال پادىشاھ رولىنى ئالىدىغان مەخسۇس ئارتېس» دېيىشىدۇ. 2007-يىلى ئۇ «ئايال پادىشاھ» فىلىمىدىكى ئېلېزابىت ئىككىنچىنىڭ ئوبرازىغا تايىنىپ، ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال ئارتېس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ ئىلگىرى 49 يېشىدا «ئەسەبىيلەشكەن پادىشاھ جورجى» ناملىق فىلىمدە خانىشنىڭ رولىنى ئېلىپ ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال قوشۇمچە رولچى مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولغان ئىدى. 2005-يىلى تۇنجى قۇيۇلغان «ئېلىزابىت بىرىنچى» فىلىمىدە ئۇ ئوخشاشلا باش رول ئالغانىدى.
خېلىن مىررىن بىلەن ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ چىرايى ئوخشاپ كەتمەيدۇ، بىراق كۈمۈشرەڭ چاچ ۋە باشقىچە بىرخىل ئاۋازى بىلەن ئۇ ئايال پادىشاھ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىدى.