«گەندى ھەققىدە قىسسە»
«گەندى ھەققىدە قىسسە» 55-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى رېژىسسور قاتارلىق 8 تۈرلۈك مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈردى. بۇ فىلىمگە 20 يىل تەييارلىق قىلىنغان بولۇپ، بۇ فىلىم ھىندىستان مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتى قاتارلىق 20-ئەسىردىكى چوڭ بىر ۋەقەنى ئەكىس ئەتتۈردى.
ئاتتېنبورۇف ھىندىستانغا بېرىپ شۇ چاغدىكى ھىندىستان زوڭلىسى نېھرونى زىيارەت قىلغاندا، نېھرومۇ قوغۇلىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ رېژىسسور ئاتتېنبورۇفقا بىر جۈملە سۆزنى دېگەن: «بۇ فىلىمنى قانداق ئىشلىشىڭدىن قەتئىينەزەر، گەندىنى ئىلاھلاشتۇرمىساڭلا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىلاھلىشالمىغۇدەك ئۇلۇغ كىشى.» رېژىسسورمۇ بىر خىل ئەنئەنىۋىي، ئاددىي بولغان ئۇسۇل بىلەن گەندىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈردى.