باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

چۈشلىرىمگە كىرىڭ يېنىشلاپ (ئەسلىمە)(1)

ئابباس مۇنىياز

2015.03.31 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ( ئاتاقلىق شائىر ۋە لۇغەتشۇناس، مەرھۇم غەنىزات غەيۇرانى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسىگە )

مەن تېخى ھايات، ئەمما نىمىشقىكىن، يېقىندىن بېرى، ئۆلۈپ كەتكەنلەر _ ئارىمىزدىن كەتكەنلەر بىلەن كۆپراق كۆرۈشۈدىغان، كۈن بېسىپ سىردىشىدىغان بولۇپ قالدىم. بىردە، ئا. ئۆتكۈر بىلەن سىردىشىمەن؛ بىردە، زوردۇن سابىر بىلەن مۇڭدۇشىمەن، يەنە بىردە، روزى سايىت ۋە باشقا بۈيۈك سىماھلار كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ..... پاراڭلىرىمىز تۈگۈمەيدۇ. مۇڭلۇرۇم ئاخىرلاشمايدۇ. كۆز يېشىم قۇرۇمايدۇ.... ھاياتىمدا بىرنەچچە قېتىملا كۆرۈش ۋە پىكىرلىشىش نېسىپ بولغان ئاشۇ خىزىر سۈپەت ئىلىم خەزىنىلىرى، ئەمدىكى باقىي ئەزىزلىرى، پانىيدىن زېدىلەنگەن قەلبىمگە مەلھەم، روھىمغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئۇلاردىن بۆگۈن ۋە كەلگۈسىمىز ھەققىدە سورايمەن. ھەيرانمەنكى، ھەممىسى ئۈمىدلىك، ئۈمىدلىرىمۇ شۇ قەدەر ئىشەنچلىك ۋە ئاساسلىق! ھاياجانلىنىمەن. ھاياجان ئىچىدە ئەتراپىمغا باقىمەن. ماڭا ئۈمىد بەخش ئېتىدىغان پانىي مېھمانلىرى قېنى؟ ماڭا روھىي مەدەتكار بولىدىغان مۆتىۋەر سايىۋەنلىرىم قېنى؟! ھەممە ياقتا ھادىسىلەر غەۋغالىرى، ھەممە تەرەپتە ماغزاپ ۋەسۋەسىلىرى. پۇل غېمى، نام-شۆھرەت ئوتى، ئەمەل-مەنسەپ كويى. ئادەم كۆپ، بىراق ئادەمىي زادلار ئۆزىنى يوشۇرغان. قىزغىن سالاملار تولا، ئەمما دىلغا ئورناشقۇدەك چىن ۋە غەرەزسىز سالاملار ساھىبلىرى قاياققىدۇر مۆككەن. يۈزە ھەم ئۆتكۈنچى شادلىقلاردىن بەھىر ئالغۇچىلار سان-ساناقسىز، بىراق، ئورتاق دەردلىرىمىز تۇغقان گۈزەل ئازاب، شېرىن ئازاب، مەڭگۈلۈك ئازابلارنىڭ.... ئاچچىق شارابىدىن مەست بولغانلارنى كۆرۈش تەس، بەكلا تەس! ئاشۇ تەسلىك مېنى مەست قىلدى. مەستلىكىمدە مازار ئايلاندىم. چۈنكى، ئىزدىگەنلىرىمنى بازاردىن تاپالمىدىم. بەلكى، مەستلىكتىن خۇنۈكلەشكەن كۆزۈم ئۆزۈم ئىزدىگەننى كۆرمىگەندۇ. ۋە بەلكى ئاشۇ لەنەتگەردى كۆزۈم ئۆزۈمنى ئالدىغاندۇ..... ئاچچىق شاراپ كىملەرنى مەست قىلمايدۇ. مەست كاللا ئېگىسىنى قاياقلارغا باشلىمايدۇ؟ مەن مەست. يەنىلا مەستمەن!....
شۇنداق، مەن مەست. مەست مەنۇ، لېكىن ھاياتمەن. ئەتراپىمدا سان-ساناقسىز پانىي مېھمانلىرى_ باقىي بەندىلىرى. ئۇلارنىڭ سىۈنئىي كۈلكىلەر بىلەن ئورالغان قەلب گەۋدىلىرى گويا قارنى يېرىلغان ئوغلاقنىڭ ئۆپكىسىدەك كۆرۈنۈپ قالغان. كۈلكىلەرنى، چىن مەنىسى بىلەن كۈلگەنلەرنى كۆرسەتمىگەن كۆزۈم مانا بۇلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. يەنە كۆرۈپ تۇرىمەنكى، ئېغىزىدا قاھ-قاھلاپ كۈلگەنلەرنىڭ قەلب يارىسى قورقۇنچلۇق يىرىڭلاپ كەتكەن. تېرىسى تېنىمسىز تاراقشىۋاتقانلارنىڭ ئىچكىي جاراھەتلىرى يېرىلىپ، قاناشقا باشلىغان. قەلبلەردە يىغا، ئېغىزدا كۈلكە. دىلدا قايغۇ، چىرايدا تەبەسسۇم. كۆڭۈللەردە ھەسرەت، قاراشلاردا ھەيرەت، ئەمما ھەرىكەتلەردە غەيرەت. ھەرىكەتنىڭ ۋەجھى نىمە، غەيرەتنىڭچۇ؟ ھەممە ياق جىمجىت. ھەممە سۈكۈتلۈك. بىراق، ئۇلارنىڭ دىل ئاچقۇسى _ شادلىق ۋە قەسىدە. ھەر جۈملە ھەم ھەر قەدەم مۇشۇ سۆز بىلەن باشلانغان ھامان، ئەتراپنى تۈرلۈك ۋەسۋەسىلەر قاپلايدۇ. ھەممىنىڭ ئېغىزى بىراقلا ئېچىلىدۇ. قەلب يىغىسىنى بولسا، ھېچكىشى ئاڭلىمايدۇ.... ئەمما، مەن مەست. خۇنۈك كۆزۈم باشلار ئۈستىدىكىنى، تاپانلار ئاستىدىكىنى، تېرىلەر ئارىسىدىكىنى.... كۆرۈپ تۇرىدۇ. نە كۆرۈشكى، توختىماي قېدىرىپ بارىدۇ....
_ نىمىگە يىغلايسەن؟ _ ئارىلاپ-ئارىلاپ سوراپ قويىمەن مەن.
_ كىم يىغلاپتۇ؟ _ دەرھاللا يېنىشلاپ مەندىن سورايدۇ، قەلبى يىغلاۋاتقان كۈلگۈنچەك.
_ سەندىمۇ بىر دەرد باردەك تۇرىدىغۇ؟
_ ئاپاڭنىڭ دەردى باردۇ!
...............
مەست مەن. ھەممە ياقتا نالە-پەريادلار، بۇقۇلداپ يىغلاشلار..... ئەمما كۆرۈنۈۋاتقىنى يەنىلا كۈلكە، تەبەسسۇم. مەست بولۇپ كەتتىم. يەنە مەست بولاي!....
ھاياتمەن. ھاياتلار دىدارىغا قانمىغاچ، ئۆلگەنلەر روھىدىن تەسەللىي، شېھىتلەر چېھرىدىن شادلىق ئىزدەپ يۈرىمەن. ئۇلارنىڭ ئېڭىمغا سىڭگەن ئاۋازلىرى يىللارسېرى ئۇلغۇيۇپ، غايەت زور ئۈمىد ئېقىنى بولۇپ شەكىللىنىدۇ. مەست كاللام يېشىلگەندەك بولىدۇ. دىلىغۇل قەلبىم سۈزۈلگەندەك تۇيۇلىدۇ. « سىلەرگە ئاتاپ چوقۇم ئەسلىمە يازىمەن» دەيمەن، مازاردا مەست ئولتۇرۇپ، « ماۋزۇسى < مەن قانمىغان دىدارلار > بولىدۇ. »
ئايلار ئۆتتى، يىللار ئۆتتى. مەن ئىچىدىغان ئاچچىق شاراپلار تۆگۈمىدى. شاراپ بولغاچ، مەستلىكىممۇ ئاخىرلاشمىدى. ئەمما بۆگۈن باشقىچە ھال. شاراپ ئىچسەممۇ، مەست بولالايدىغاندەك ئەمەسمەن. مەست بولالمىغان كاللىنىڭ كۆرگەن چۈشلىرىمۇ ئاجايىپ.
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم! _ ئۆزىنىڭ ھايات چېغىدا ئولتۇرغان ئۆيىدەك كىچىككىنە بىر ئۆيگە شۇنداق سالام بىلەن كىردى غەنىزات غەيۇرانى ئاكا. نىمىشقىكىن، ئۇنىڭ قاپىقى تۈرۈك ئىدى، _ ھاشىماخۇن ئۆلۈپتۇ، شورلۇق يەرگە كۆمۈپتۇ، يىغلىغىلى ئادەم يوق ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ!......
شۇ گەپ بىلەن تەڭ، ئۇ، جىنازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يوغان بىر ساندۇققا ئۈن-تۈنسىز ھالدا بىر نەرسىلەرنى قاچىلاشقا باشلىدى. قاچىلانغان نەرسىلەر ئارىسىدا ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئىشلەتكەنلىرى كۆپ ئىدى. ئۆزۈممۇ يازمىلار دۈۋىسى قېتىدا ياشايدىغان ئادەم بولغىنىم ئۈچۈنمىكىن، ئۇنىڭ ئۆز يازمىلىرىنى ساندۇققا تۆپە-تۆپىلەپ بېسىۋاتقانلىقىغا بەكراق دىققەت قىلدىم. يازمىلار ئىچىدە قەلەمدە يازغانلىرىمۇ، باستۇرغانلىرىمۇ بارىدى. شۇغىنىسى، كىتاپ بولۇپ چىققانلىرى كۆرۈنمەيتتى. « ئەپكەل! » ئۇ، قولىنى شۇنداق بىر مەنادا خوتۇن-بالىلىرىغا تەڭلەيتتى. « بىرەرىمۇ قالمىسۇن! » يەنە شۇنداق بىر مەنانىمۇ قايسىبىر ھەرىكەتلەر بىلەن ئۇقتۇرۇۋاتقاندەك قىلاتتى ئۇ. مەن گويا كۆزەتكۈچىدەك، ساندۇق يېنىدا قاراپ تۇراتتىم. بۇلۇڭ-بۇلۇڭغا كىرىپ كەتكەن قوليازمىلارنى تېپىپ كېلىۋاتقانلار، ئۇنىڭ قەدىناسى ۋە ئۆزى پەخىرلىنىدىغان ئوغلى پولات غېنىزات ئىدى. ئىككۆيلەن قوليازمىلارنى مەڭگۈ توشۇپ بولالمايدىغاندەك قۇچاقلاپ-قۇچاقلاپ ئېلىپ كېلەتتى. غەنىزات غەيۇرانى ئاكا بولسا، بېشىنى كۆتۈرۈپمۇ قويماي، شۇنچە يىراقتىن نىمە سەۋەپتىندۇر كېلىپ قالغان ئابباس ئاتلىق مېھمانغا قاراپمۇ قويماي، يازمىلارنى ساندۇققا چىرايلىق تىزىۋاتاتتى. توشۇش، تىزىش داۋام قىلاتتى. ئەبەدىي تۈگۈمەيدىغاندەك داۋام قىلاتتى.....
غەنىزات ئاكا بىزدىن _ ھاياتلاردىن خاپا بوپتۇ-دە، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. قوليازمىلارنىڭ قەدرىگە سىلەر يەتمىدىڭلار، قەدرىنى بىلىدىغانلارنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېتەي. ئۆزۈم بىلەن بىرگە ئېلىپ كېتەي. بىرنىمۇ قالدۇرماي ئېلىپ كېتەي!....
ئۇ شۇنداق ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۆي ئىچى سۈكۈتلۈك ئىدى. .....
ناخۇش ھالەتتە ئويغۇنۇپ كەتتىم. ساق يېتىپ، مەست ئويغاندىم. قەلبىمدە ئۆزۈممۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان مۇرەككەپ بىر ھېسسىيات. كاللامدىمۇ غەلىتە پىكىر: راست، سىلەر بىزدىن رەنجىپسىلەر. مەندىن رەنجىپسىلەر، مۆتىۋەرلىرىم. دېمىسىمۇ، سىلەر توغرۇلۇق يازماقچى بولغان ئەسلىمە قېنى. سىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن ئامانەت بۇرچلار نەدە قالدى؟ ئۇلارنى بەجا كەلتۈرگۈنىمىز قېنى؟......
خۇددى مەستتەك، بېشىم گاراڭ ھالەتتە ئۇزاقتىن-ئۇزاق تۇرۇپ كەتتىم. ئادەمسىز جايلارنى يېنىش-يېنىشلاپ ئايلاندىم. « ماڭا نىمىشقا گەپ قىلمايسىز ئاكا؟ ئا. ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، روزى سايىت.... كەبىي تەۋەررۈك زاتلىرىمىز ئامانمۇ ئاكا؟ ئۇلار نىمىشقا چۈشلۈرۈمگە كىرمەيدۇ؟ ئۇلارغا سىز ئارقىلىق يەتكۈزەر سالامىم، نۇرغۇن-نۇرغۇن ئېيتارىم بار ئەمەسمىدى قەدىرلىك ئاكا!....» دېدىم ئىختىيارسىز ھالدا، نەمدەلگەن چاناقلىرىمنى سۈرتۈپ. دەرۋەقە، مەن تېخى باقىي ئەزىزلىرى ئىشتىراك ئەتكەن شېرىن مۇلاقەت قەسىرىدىن تولۇق ئاجراپ چىقىپ بولالمىغانىدىم. ئۇلارنى دۇئا بىرلە يادلايتتىم. روھىم بىلەن ئىزدەيتتىم....
مەن ئېغىرلىق قىلغان بىلەن، سىلەر سەۋر قىلالماپسىلەر. شۇنداق دەيتتىم ئىچىمدە. ئەمەلىيەتتىمۇ، سىلەر بىزدەك سەۋرچان ئەمەس ئىدىڭلار. سەۋرسىزلىك، تاقەت قىلالماسلىق.... سىلەرنى ھەممىدىن بۇرۇن، ھەتتا ئۆز ئەجىلىڭلاردىن بۇرۇن باقىيغا ئېلىپ باردى. سىلەردىن بىزنىڭ پەرقىمىزمۇ دەل مۇشۇ يەردە. بىز دېگەن ھېچنىمىگە ئالدىرىمايمىز. ھەممىگە تاقەتتە، ھەممىگە سەۋرچانبىز ..... بىراق، ئاكا، چۈشۈمگە كىرىپ چۈشلۈرۈمنى بۇزۇۋەتتىڭىز. ھەممىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتىڭىز. ساق ۋە مەستلىكىمنى ئارىلاشتۇرۇۋەتتىڭىز. سىزدەك زەردى ئىتتىك بىر ئادەمنى يەنە زەردىلىك شېھىتلەر ئارىمىزغا ئەۋەتكەنمىدۇ. خىيالغا ئايلاندۇرۇپ يولغا سالغانمىدۇ. چۈشكە ئۆزگەرتىپ ماڭدۇرغانمىدۇ؟ راست، باقىيغا ئەڭ ئاخىرىدا ماڭغىنى سىز ئىدىڭىز. شۇ يەرنىڭ ئۇدۇمى بويىچە، ھەممىدىن ياش ئادەم سىز بولسىڭىز كېرەك. شۇڭا، ئەزەلدىن ئەمگەك بىلەن ئۆتكەن خاتىرىڭىز سىزگە « ياش كەلسە ئىشقا » دېگەن ئىبارىنى يەنە بىر ئەسلەتكەن بولسا ئەجەپ ئەمەس. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكى، سىزنىڭ بۇ قېتىمقى پانىي سەپىرىڭىز _ چۈش بىلەن تۈرتۈشلىرىڭىزدە بىز بىلىدىغان، ھەممە ئۇلۇغلايدىغان تەۋەررۈك شېھىتلەرنىڭ زەردىلىك ھاۋالىلىرى بارىدى....
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر