باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جەھەننەم رادىئوسى(1)

ئابباس مۇنىياز

2015.03.31 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئەتراپ جىمجىت. تاڭ تېخى يۇرۇمىغانىدى. مەھەللە كۆكىدىكى سېخىي يۇلتۇزلار تېنچلىق قاراۋۇللىرىدەك ، نۇر لەشكەرلىرىدەك، ئارام مۇھاپىزەتچىسىدەك چاراقلاپ يېنىپ تۇراتتى. ۋىلىقلاپ كۈلۈپ قارايتتى. خۇددى تاڭغىچە سۈكۈنات بولۇدىغاندەك. كېچە ئارامىنى قۇياشقا ئۇلاپ بېرىدىغاندەك. ئەمما، مەھەللىنىڭ ھەر سەھەرى يۇلتۇزلارغا ئۆز قانۇنىيىتىدەكلا ئايدىڭ ئىدى: بىردەمدىن كېيىن، بەلكى ئۇنىڭغىمۇ قالماس، قايسىبىر بولۇڭدىكى مەڭدىگەن خوراز ئەندىكىپ چىللايتتى.ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بىرقىسىم سەزگۈر خورازلارمۇ سۇزۇپ چىللىشاتتى. سەندىن قالامدىم دەمدىكىن، ياكى مەھەللىنى شاۋقۇن بېسىپ بولغىچە قانغۇچە چىللىۋالاي دەمدىكىن ، باشقا خورازلارمۇ ئارقا- ئارقىدىن، تىنماي چىللايتتى. بەسلىشىپ چىللىشىشلار تاكى بۇ ئاۋازنى بېسىپ چۈشۈدىغان يەنە بىر ئاۋاز— ھەممىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن رادىئونىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ بولغىچە داۋام قىلاتتى. ئەنە شۇ چاغدىلا بارلىق خورازلارنىڭ— كۆرەڭ خورازنىڭمۇ، بېزەڭ خورازنىڭمۇ، ھەتتا ئىشقىۋاز خورازنىڭمۇ... زۇۋانى بىراقلا ئۆچەتتى. جاھىللارچە چىللىغان ھالەتتىمۇ بەرىبىر ئىدى. قۇدرەتلىك ئاۋاز ھەممىنى شۈمشەيتىۋېتەتتى. ھەممىسىنى پوسكايتىۋېتەتتى!....
لېكىن بۇنىڭدىن چۆچۈيدىغىنى مەھەللىنىڭ خورازلىرىلا ئەمەسىدى. ئۆزلىرىنى پۈتۈن مەھەللىنىڭ يېڭىلمەس خورىزى سانايدىغان ئەرلەرمۇ، مەن- مەن دېگەن «خوراز»لارنى قانات سۆرۈتۈپ، پالاقشىتىپ، « ۋاك»دېگۈزۈۋاتىدىغان ئاياللارمۇ بۇ ئاۋازدىن ئوخشاشلا چۆچۈيتتى. پانىي دۇنيانىڭ ھەممىلا يېڭىلىقلىرىنى بىلىدىغان بۇ كانەيدىن ھېيىقماي بولامدۇ. خۇشى كەلسە، ئىككى سەر قېقىۋالغان يولۇچىدەك ناخشا توۋلاپ ھارمايدىغان، جۇدۇنى تۇتقاندا، زەھەرلىك يىلاندەك چېقىپ قانمايدىغان بۇ ئاجايىباتتىن ھەزەر ئەيلىمەي بولامدۇ؟!
چوڭ- كىچىك ھەممۆيلەننى ئەنسىزلىككە سالغان رادىئو كانىيى ئەترەت باشلىقىنىڭ ھويلىسىدىكى ئېگىز تېرەككە ئورنىتىلغانىدى. مۇشۇ كانەي بولغىنى ئۈچۈنمىكىن، تېرەك ناھايىتى ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. ئېگىز تېرەككە مىنىپ ئولتۇرغىنى ئۈچۈنمىكىن، كانەيمۇ دەل ۋاقتىدا، ھارماي، زېرىكمەي سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى كۈچلۈك ، بەك- بەكلا كۈچلۈك ئىدى!...
يەنە بىر ئەسكەرتىش ئارتۇقچە ئەمەسكى، تاڭ تېخى يۇرۇمىغانىدى. مەھەللە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا ئەسىر بولغاندەك، ھەممە كىشى ئۇيقۇ دەرياسىدا خىرامان ئۈزۈپ يۈرگەندەك كۆرۈنەتتى. بىراق، ئەمەلىيەتتە، ھېچقانداق بىر ئادەم ھېلىغىچە تولۇق ۋە ھەقىقىي ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرەلمىگەنىدى. بىرلىرى، رادىئو چىققاننى تۇيۇماي قالماي، دەپ، كۆزلىرىگە ياماشقان شىرىن ئۇيقۇنى زورىغا قاچۇرۇپ، ئوڭدا ياتاتتى. بىرلىرى، ئۇخلىغان بىلەن ئۇخلىمىغاننىڭ ئارىلىقىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، بېشىنى گاراڭلاشتۇراتتى. يەنە بىرلىرى، رادىئو چىققاننى كېچىكىپ ئاڭلاپ قالغان ئادەمدەك، چۆيلۈپ قوپۇپ كېتەتتى. رادىئو چۈشەۋاتقانلار، چۈشىدە ئۈلۈۋاتقانلار ۋە ئۈلۈپ چۈش كۆرۈۋاتقانلارمۇ بار ئىدى.
چۈشىدە ئۆلۈۋاتقانلار- بەك شېرىن بولمىسىمۇ، ھەرھالدا دىم- دوم ئۇخلاۋاتقانلار ئىدى. ئۇلار كۆزىگە ئۇيقۇ ئىلىنىشى بىلەنلا چۈش كۆرەتتى. چۈشىدە قانداقتۇر بىر ۋەھىمىدىن ( چۈشىدىن ئويغانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى، بۇنىڭ غەلىتە ۋە قورقۇنچلۇق ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بايقىشاتتى) ئۆلۈپ قالاتتى. ۋۇجۇدى پەيدەك يەڭگىل، روھدەك يۈگرەك بولۇپ كەتكەن جەسەت ئۇدۇل جەھەننەمگە يول ئالاتتى. كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىزلا قانداقتۇر بىر خىل ئاۋازنى- رادىئونىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كۈچلۈك بىرئاۋازنى ئاڭلايتتى. بۇ، جەھەننەم تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاۋاز، دەيتتى قايسى بىر جەسەت. شۇنداق، دەپ ئاۋاز قوشاتتى جەسەتلەرنىڭ يەنە بىرلىرى، بۇ، جەھەننەم رادىئوسىكەن. توۋا، جەھەننەمدىمۇ رادىئو بارىكەن-دە، دەيتتى يەنە قايسىدۇر بىر جەسەت، ئۇنداقتا، ئۆلگەننىڭمۇ پايدىسى يوقكەن!....
چۈشىدە ئۆلۈدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇددى دىيىشىۋالغاندەك مۇشۇ بىرخىللا چۈشنى كۆرۈشەتتى. ئەمدى ئۆلۈپ چۈش كۆرۈۋاتقانلارغا كەلسەك،... بولدىلا، گەپنىڭ ئۆزىگىلا كېلەيلى.
ئۇ، چۈشىدىن چۆچۈپ ئۇيغىنىپ، بىردىىنلا ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدى. شۇئان، كۆڭلى سەل ئارام تاپقاندەك بولدى. قىسىلغان نەپسى بوشاشقاندەك، قورقۇنچتىن كۆكرەك قەپىزىگە بازغاندەك ئۇرۇلىۋاتقان يۈرۈكى ئۆز رېتىمىغا چۈشكەندەك بىلىندى. ئۇخلاپ قالغان بولسا نەقەدەر قورقۇنچلۇق ئىش بولاتتى- ھە!؟ چۈش كۆرمەي، راستىنلا ئۆلگەن بولسا، «ئۆلدۈم» دېگەن مۇشۇ تۇيغۇسى ئۇنى ئالداپ قويمىغانلا بولسا، خۇداغا شۈكرى! ئۇ چاغدا، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز سېسىق گەپلەرمۇ، تۆلەپ بولغۇسىز جېرىمانىلەرمۇ.... بىراقلا تۈگەيدۇ. ئۆلگەنگە جېرىمانە قويۇدىغان ئىشقۇ بولماس. باقىي ئالەمدىغۇ جېرىمانە دەيدىغان گەپ يوقتۇ- ھە؟!.... خۇدايىم ساقلا.... تېنچ- ئامان ئۈلۈشكە نېسىپ قىلار!....
ئۇ، ھېمىشە چۈشىدە كۆرۈدىغان ئۈلۈم ھالىتىدىكىگە ئوخشاش، شۇ قەدەر يەڭگىل، پەرۋاسىز ۋە ئىپادىسىز كېتىپ باراتتى. مۇشۇ پېتى مېڭىشقا نېسىپ قىلسا. كۈزىگە سەت كۈرۈنۈپ كەتكەن، قولۇقىغا كەتمەننىڭ جۇلتىسى بىلەن ئۇرغاندەك بىلىنىدىغان ئاشۇ رادىئو يەنە ئاڭلىنىپ قالمىسا. چۈشلىرىدە كۆرگەندىكىدەك ئىش بولۇپ قالمىسا.... ئۆزى كېتىۋاتقان جەھەننەم تەرەپتىن بولسىمۇ ئاڭلانماي تۇرسا مۇشۇ ئاۋاز!..... ئۇنى، ئۇنىڭ ھەممىلا ھەرىكەتلىرىنى پەقەت خىيالىلا كونتىرۇل قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ماڭاي دەپ خىيال قىلسىلا، قەدەم ئالمىسىمۇ بولۇۋېرەتتى. توختاش ھەققىدە خىيال قىلغاندىمۇ نەتىجە ئوخشاش ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە كۆڭۈل توختىتالمايۋاتاتتى. دېمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغۇدەك نىمە بار؟ ئەتىراپ جىمجىت. ھېچبىرياقتىن ئۆلۈم شەپىسى بىلىنمەيدۇ. ھەممە ئادەم، پۈتۈن مەھەللە، جىمى كائىنات قاراڭغۇلۇق قېتىدا مۈگدەۋاتقاندەك. ئاچچىق ئۇيقۇ ياماشقان كۆزىنى بىر يۇمۇپ، بىر ئېچىپ، دەككە- دۈككە ئىچىدە قاپ- قارا چۈشلەرنى كۆرۈۋاتقاندەك. راست، ئادەم ئۆلگەن مەھەللىدە ئۆلۈم شەپىسى بولۇشى كېرەكقۇ. ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن بولسىمۇ بىرەرسى يىغلىشى لازىم ئىدىغۇ. بىراق، ھەممە ياق جىمجىت. خۇددى ئۈلۈم بولمىغاندەك. ئۈلۈم دېگەن بۇ باراۋەرلىك نېسىۋىسى دىم- دوم ئۇخلاپ كۆنگەن مەھەللىگە ئەزەلدىن يۇلاپ باقمىغاندەك. دەككە- دۈككۈ ئۇيقۇ، قورقۇنچلۇق ۋە بىر قېلىپتىكى چۈش بۇلارنى ئەبەدىي قىيناپ ئۆتۈدىغاندەك...
ئۇ، كېتىۋېتىپ ئويلاپ قالدى. ئۆلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقۇ ھازىرچە قىيىن. ھېچبولمىسا مۇشۇنداق جىمجىتلىقتا بىر نىمە دېيىش تەس. لېكىن، ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا بولماسمۇ؟ ھەربىر ئىشنىڭ سەۋەبى بولغىنىدەك، ئۆلۈمنىڭمۇ سەۋەبى بولۇشى كېرەكقۇ. خوش، ئۇنداقتا، ئۇ، نىمىشقا ئۆلدى؟ زادى نىمە سەۋەپتىن؟!....
* * * * * * * * * * * * * * * * * * *
تاڭ تېخى يۇرۇمىغانىدى. ئۆي قاراڭغۇ. بالىلار يېقىملىق پۇشۇلداپ، تاتلىق ئۇخلىشىۋاتاتتى. ھېچقاچان بۆگۈنكىدەك قاتتىق ئۇخلاپ قالمىغان ئەرمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىغا قوشۇلۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.پەقەت ئاغرىق ئازابىدىن ئىڭراپ ياتقان ئاياللا ئۇيقۇدىن بىدار ئىدى. ئۇ، خۇداغا نالە قىلاتتى. يىغلايتتى. دادلايتتى...
ئايالىنىڭ شۇنچىكى تۈرتىشى بىلەن، ئەر، خۇددى چايان چاققاندەك سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
----- نى... نى...نىمە؟.... نىمە بولدى؟... رادىئو چىقىپ كەتتىما؟...
ئۇ، ۋارقىراپ قوپقىنى بىلەن، ئۇيقۇسى تېخى ئېچىلمىغاندەك ئىدى. نىمىدۇر بىر نەرسىنى ئىزدىگەندەك قىلاتتى- يۇ، تاپالمايتتى. نىمىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. كۆزلىرى يۇمۇلۇپ، چىرايى پۈرۈشۈپ كەتكەنىدى. ھەركەتلىرىمۇ زادىلا قولاشمايتتى. تۈمەن چاقىرىمغا يۈگرەپ كەلگەن ئادەمدەك ھاسىرايتتى. گېلىغا بىرنەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك، يۈرۈكىنى كىمدۇر بىرى دەسسەپ تۇرۇۋاتقاندەك، قورقۇنچ بىلەن خىرقىرايتتى. نەپسى ھازىرلا توختاپ قالىدىغاندەك، ئارىلاپ- ئارىلاپلا چوڭ- چوڭ، ئۈزۈپ- ئۈزۈپ تىناتتى. ... ھېچقاچان كۆرمىگەن قورقۇنچلۇق بىر چۈش، ھېچكىشىگە دىيىشكە بولمايدىغان غەلىتە بىر قاباھەت... ئۇنى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە سۆرەپ كېتىۋاتقاندا، ئايالى ئۇيغۇتۇپ قالدى. ئويغاتمىغان ھالەتتىمۇ ۋارقىراپ، ياكى سەكرەپ تۇرۇپ كېتىدىغانلىقى چوقۇم ئىدى. يۈرەكنىڭ تومۇر- تومۇرلىرى، بېغىش- بېغىشلىرىنى ئۈچەي سىيرىگەندەك سىيرىپ ئۆتۈدىغان بۇنداق ۋەھىمىدىن باشقا بىر ئەر بولغان ھالەتتىمۇ ئوخشاشلا چۈچۈيتتى. ۋارقىرايتتى، ياكى سەكرەپ تۇرۇپ كېتەتتى... دەل مۇشۇنداق تۇيغۇدىن ئاجرىيالماي تۇرۇپ، ئايالى ئۇنى ئويغاتتى. كۆڭۈلسىزلىككە دەككە- دۈككە، قورقۇنچقا يەنە بىر قورقۇنچ قوشۇلدى. ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئايال ئۇنى ئاسانلىقچە ئويغاتمايتتى. ئويغاتتىمۇ، دېمەك يەنە كۆڭۈلسىزلىك. يەنە ئەنسىزلىك!....
— ئەسلىدە، ئويغاتماي، قانغۇچە ئۇخلىۋالسۇن دېگەنىدىم دادىسى، — ئېرىنىڭ نىمە قىلىشنى بىلمەي، بىر ئورنىدا باخشىدەك پىرقىراپ يۈرگىنىنى سېزىپ يەنە ئېغىز ئاچتى ئايال زەئىپ ئاۋازدا، — تۈنۆگۈن بەك ھېرىپ كەتكەنىدىلە. ئاخشاممۇ ئۇلاغ- قارىنى بېسىىقتۇرۇپ، بالىلارنىڭ قورسۇقىنى تويغۇزۇپ، يېرىم كېچىدە ياتتىلا.... ئويغاتماي دېسەم، ئۇخلىۋالسۇن دەي دېسەم..... — ئۇ، يىغلىغاندەك بىر ئاۋازدا داۋاملاشتۇردى، — شۇنداقمۇ ئويلىغان، شۇ سىلىنى ئاچچىقلاپ قالمىسۇن دەپ....
— ھازىر ۋاق قالدىمما شۇنداق بولغاندا؟ ---- جىددىيلەشكەن ھالدا سورىدى ئەر. ئەمدى ئۇنىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلغاندەك قىلاتتى.
— ھە- ئە، خوپ ۋاق قالدىلا دادىسى. بارات قانجۇقنىڭ رادىئوسى 5-6 نۆۋەت سۆزلەپ بولدى. ئەتىگەنلىك ئەمگەككە چىقىپ بولالمىغانلار قاتارىدا ئىسىملىرىنى بىرقانچە قېتىم توۋلىدى.
---- ئاپلاھ ئەكپەر!.... يەنە جېرىمانە دەيدىغان بولدى- دە، بۇ قانجۇق. شاللىققا سۇ يېتىشتۈرۈپ بېرەلمىگىنىنى ئۈزىدىن كۆرمەي، بىرمۇنچىمىزنى جېرىمانە تۆلەيدىغانغا خەتلەپ قۇيۇۋىدى. تېخى قايسى كۈنى شالدىكى كىرمەكنى تولۇق ئالماپسەن دەپ خەتلىدى. يول بويىدا ئولتۇرۇپ قالغان گۇناغا، تۈنۆگۈن يولنى سۈپۈرۈپ، سۇ چاچماپسەن. تەكشۈرۈشكە چىقىپ قالسا قانداق قىلىسەن، دەپ خەتلىدى. مانا بۆگۈن ئەتىگەنلىك ئەمگەككە چىقمىدى، دەپ خەتلىسە.... تاپقىنىمىزنىڭ تايىنى يوقلا، جېرىمانە تۆلەپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوخشايمىز. ئىشقا ئەسلى يېتىشەلمەي كېتىۋاتقىنىم....
« ئىشقا ئەسلى يېتىشەلمەي كېتىۋاتقىنىم...» دېگەن گەپ ئايالغا خېلىلا ئۆتكەنىدى. بۇ گەپنىغۇ ئېرى ئۇنىڭغا قارىتىپ دېمىگەندۇ. لېكىن شۇنداقتمۇ، ئېرىنىڭ ئىشقا يېتىشەلمەسلىكىدە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمۇ. ئۇ، ئىشقا يارىغان بولسا، مۇشۇنچە كۆپ جېرىمانە تۆلەپ يۈرەرمىدى. بىكاردىن- بىكار قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىدىغان شۇ پۇلغا بالىلارغا گوش- ياغ ئېلىپ بەرسە ، ئۇلار قانچە خوش بولار ئىدى. مانا، ئۇن قالماپتۇ. كۆكتاتمۇ يوق. غالجىر قانجىققا بېرىدىغان شۇ پۇلغا بىر خالتا ئۇن ئېلىۋالسىمۇ ھېساپ ئىدىغۇ. ھەي ئېسىت، ھەي ئېسىت!...ئېغىزىدا مۇشۇنچىلىك دېگەن يەردە، كۆڭلىدە نىمىلەرنى دەۋاتقاندۇ- ھە، بۇ ئادەم!...
---- مەنمىغۇ ساقىيىپ قالارمەن.... ساقايمىغان ھالەتتىمۇ بىر ئاماللار بىلەن قوپۇپ كېتەرمەن دەۋاتىمەن، دادىسى، ---- دېدى ئايال، خۇددى گۇناھكارلاردەك بۇقۇلداپ يىغلاپ تۇرۇپ.
---- يا... ياق. سىلى ئاغرىق . سىلى ئىشلىمىسەڭلىمۇ تۈگەيدۇ بۇ ئىش، ئايتىللاخان. جىم يېتىپ ئارام ئېلىڭلا. ھازىر قولۇم قىسقا بولۇپ قالدى. يازلىققا... ئالدىمىزدىلا بۇغداي سېتىپ سىلىنى داۋالىتىمەن. سىلى چوقۇم ساقىيىسىلە، خوتۇن. ساقىيىپ قالىسىلە!....
مۇشۇ گەپنى دىيىش بىلەن تەڭ ئەختىماخۇننىڭ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى. ئايال بۇنى كۆرمىسىمۇ، ئېرىم چوقۇم يىغلىدى دەپ ئويلىدى. شۇئان، ئۇنىمۇ يىغا تۇتتى. ئېرىنىڭ قۇچۇقىغا ئۆزىنى ئاتقۇسى، گۈپۈلدەپ تەر پۇراپ تۇرۇدىغان ئاشۇ قۇچاقتا ھېقىقداپ يىغلىۋالغۇسى، يىغلاپ تۇرۇپ كۆڭۈل سۆزىنى... ھەممىنى دەۋالغۇسى كەپكەتتى. لېكىن، ئۇ ئاغرىق ئىدى. قۇچاققىمۇ ، ئەركىلەشكىمۇ.... بولالمايتتى.
----- دېگىنىڭلا كەلسۇن. ساقىيىپ قالارمەن، دادىسى.
---- ساقىيىپ قالىسىلە،.... خۇدا بۇيرىسا ساقىيىسىلە ئانىسى.
قاراڭغۇلۇق ھەر ئىككۆيلەننىڭ چىرايىنى يۇشۇرۇپ تۇرۇۋاتسىمۇ، لېكىن قەلب كۆزلىرى بىر- بىرىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋاتاتتى. يىگىرمە ئالتە يىلدىن بېرى ھەمراھ بولۇشۇپ كەلگەن بۇ قەدىناس چىرايلارنى تۈن قاراڭغۇسى توسۇپ قالالىسۇنمۇ. ئەنە، يېقىملىق، ئىسسىق چىراي. ئەنە، مېھرىبان، نۇرلۇق چىراي!...
ئىككەيلەن خۇددى ئۇزۇن مۇددەت ئايرىلىپ كېتىدىغان ئادەملەردەك، قاراڭغۇلۇق قېتىدىن ئختىيارسىز ھالدا بىر- بىرىگە قاراشتى.
پىشانىسىگە چۈشۈپ تۇرۇدىغان سېكىلەك چاچ، ئىنچىكە، قاپ- قارا قاش؛ نۇر يېغىپ تۇرۇدىغان بىر جۈپ قوي كۆز ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان قاڭشارلىق بۇرۇن، قىزىل ئەتىرگۈلدەك نازۇك لەۋ،..... لېكىن، ھازىر ھەممىسى نۇرسىزلانغان، قارىدىغان، پۇرلاشقان، كىرلاشقان!....
【1】 【2】 【3】 【4】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر