باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قارا سېزىك(1)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بىرقانچە كۈندىن بۇيان تولا ئىككىلىنىپ يۈرۈپ، مانا بۆگۈن ئاخىرى بىر قارارغاغ كەلدىم. نىمە قارار دەمسىز؟ يۇرتقا ئۆزىدىن بۇرۇن نام- تەخەللۇسى كېلىپ بولغان مەھەللىدىشىمنىڭ ئالدىغا سا لامغا بېرىش قارارى!
ئاڭلىماققا، بۇ شۇنچىلىك ئاددى ئىش. لېكىن بىلسىڭىز، چەت ئەلدە ئۇزۇن يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ، مەھەللىمىزگە ئەمدىلا قەدەم باسقان ئۇ دوستۇم ئۇ قەدەر ئاددىي ئادەملەردىن ئەمەس. دېدىمغۇ، ئۇ وقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ بولغىچە، ئۇنىڭ تەخەللۇسى چېگرا ئاتلاپ كېلىپ بولغان، دەپ.
مەھەللىدىمۇ بۇ ھەقتە گەپ تولا. « ئاشۇ شۈكۈر زەللىنىڭ كۆك پوتلا ئوغلى چەتتە ئوقۇپ سەللە كىيىپ كېلەلىگەن بولسا، ئوقۇش دېگەن ئادەم تاللىمايدىغان نىمىكەن» دەيتتى بەزىسى. « سەللە شۇ قەدەر ئەرزان بولسا، چەت ئەل دېگەنمۇ تايىنلىق يەركەن» دەپ قاينايتتى يەنە بىرلىرى.
مەنمۇ مۇرەككەپ ھېسىياتتا. تەڭتۇش ئۆسكەن ئۇ دوستۇمنىڭ( كىچىك چاغلىرىمىزدا دوست ئىدۇق) ئالدىغا شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا باراي دېسەم، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاشلا مۇشۇ مەھەللىدە چوڭ بولغان. ئۆزۈمچە كىچىك ئادەم ئەمەسمەن. زادىلا بارماي قوياي دېسەم، مەھەللىمىزنىڭ ئۇدۇمى شۇنداق: نام- ئابروي قازىنىپ كەلگەن ھەرقانداق مەھەللىدىشىمىزنىڭ ئالدىغا سالامغا بارماي قويمايمىز. كەينىمىزگە ئۆرۈلۈپلا— قايتىپ كېلىپلا، ئۇنىڭ بىزدىن ھېچقانچە ئارتۇق يېرىنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز. دەپ قويۇشۇم كېرەككى، مەنمۇ مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئادىمى. ئەمما ماڭا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئۇنىڭ سەللە كىيىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر. ئۇ، راستىنلا سەللە كېيىپ كەلگەنمىدۇ؟ چەتنىڭ سەللىسى قانداق بولۇدىغاندۇ؟...
گپىم سەل تاققا- تۇققا چىقىپ قالدىغۇ دەيمەن. كەچۈرۈڭلار، يېقىندىن بېرى كۆڭلۈم تازا جايىدا ئەمەس. ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرى مۈشۈك تاتىلىۋالغاندەك، ياق، قىزىل مۇچ قۇيۇۋاتقاندەك ئېچىشىپلا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ سەللىسى ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن بۇيان چۈشلىرىممۇ باشقىچە: كۆكتە بىر ئوبدان ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ، ھېچ گەپنىڭ تايىنى يوقلا چۈشۈپ كېتىمەن. ئېشەككە مىنىپ چۈشەيمەنۇ، بىر ئوبدان مېڭىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشۈمەن. يۈگۈرسەم، نىمىشقىكىن كەينىمگە ماڭىمەن....ئۇنىڭ تەخەللۇسى نېرۋامغا تېخىمۇ بەكراق تېگىدۇ. خۇدابەردى شۈكۈر ئوغلى مەشھۇرى! قاراڭ، ئۇنىڭ قويۇۋالغان تەخەللۇسىنى. ئۇ نىمە قىلغىنىغا مەشھۇر بولغۇدەك؟ چەت ئەلدە بىرقانچە يىل لاغايلاپ يۈرسىلا مەشھۇر بولۇپ كېتىدىغان گەپمىكەن؟!
ئەسلى گېپىمگە كەلسەم، مەن مۇشۇنداق ئويلۇدۇم. مەھەللىدىكى خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭمۇ شۇنداق ئويلايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. مېنىڭ باشقا دوست- ئاداشلىرىمنىڭغۇ مۇشۇنداق ئويلىشىدا گەپ يوق. نىمىشقا شۇنداق ئويلىمىغۇدەك؟ تەڭتۇشلار بىلەن بىر قاتاردا چوڭ بولغان تۇرۇغلۇق، مانا ئەمدى مەشھۇرمەن، دەپ كەلسە، باشقىلار كىم ئىكەن ئۇنداقتا؟ مەن كىم ئىكەنمەن؟ ھېلىغۇ ئازراق بولسىمۇ ئوقۇپتىكەنمەن. ساۋاتسىز بولغان ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا مەن مەڭگۈ مەشھۇر. مەشھۇر بولۇشقا ئەڭ لايىقى مەن. ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى، ئۇنىڭ سەللىسى توغرىسىدىكى پاراڭ. ھە-ئە، سەللە!
كىچىك ئادەم ئەمەسلىكىمنى ئۆز-ئۆزۈمگە يېنىش- يېنىشلاپ ئەسكەرتىپ كەلسەممۇ، يەنە نىمىشقىكىن يۈرۈكىم دۈپۈلدەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۈزۈمنى تۇتۇۋېىىپ، بۆگۈنكى قوياشلىق كۈنگە ئوخشاشلا چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتتىم. يۈز تېرىلىرىم ئەسكى پۇرۇچتەك پۇرلۇشۇپ تۇرسىمۇ، ھەرھالدا ئۇچۇق چىراي بىر ئادەمگە— ئۆزۈمگە زادىلا ئوخشىمايدىغان، مەرد- مەردانە بىر ئەركەككە ئوخشىغاندىمەن، دەپ ئويلايمەن.
— ئەسسالامۇ ئەلەيكوم!
ئۈرۈكلەر ھۈپپىدە چېچەكلەپ كەتكەن ھويلىغا شۇنداق دەپ قەدەم باستىم مەن.
سۇپىدا بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان خۇدابەردىنى مېنى كۆرۈپلا چاچراپ ئورنىدىن قوپىدۇ دەپ ئويلىۋېدىم. لېكىن، ئۇ ئۇنداق قىلمىدى. چاچراپ تۇرمىسىمۇ مەيلى ئىدىغۇ، ماڭا ئىزا بولغىنى، ئۇ مىدىرلاپمۇ قويمىدى. خۇددى مېنى كۆرمىگەندەك، كۆزلىرىنى پارقىراتقىنىچە نىمىگىدۇر قاراپ تۇرۇۋەردى.
« چوڭچىلىقىنى قاراڭ!...»
غەزىپىم تېشىپ تۇرسىمۇ، چىداپ تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم سالام بەردىم:
— ئەسالامۇ ئەلەيكوم، خۇدابەردى ئاداش!
— ۋە... ۋەئەلەيكوم ئەسالام!... ۋەئەلەيكوم... --- دېدى ئۇ، مەڭدەپ قالغان ئادەمد ەك دۇدۇقلاپ ۋە قولاشمىغان بىر ھالەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇزاتقان قوللۇرىمنى مەھكەم قىستى، — كىمنى خىيال قىلسا شۇ كېلىدۇ دەپ....توۋا، شۇ تاپتا سىلىنى ئويلاپ ئولتۇراتتىم. ھەيران قېلىۋاتامدىلا؟ خۇدا ھەققى راست دەيمەن ئاكا. سىلى مېنى تۇنۇمىغان بىلەن، مەن تونۇيمەن سىلىنى. مەمتىمىن ھوشۇر دېگەن ئۆزلىرى بولىلىغۇ دەيمەن؟ سىلى دېگەن كاتتا تارىخچى. ئەسەرلىرىنى تولا ئوقۇپ...توۋا، كىمنىڭ گېپىنى قىلسا، كىمنى ئويلىسا شۇ.... خۇدا بەردى، بۈگۈن ماڭا خۇدا بەردى. قېنى، تۆرگە، ئاكا!..
---- مەمتىمىن ھوشۇر دېگەن تارىخچى ئەمەس، يازغۇچى — دېدىم مەن قىستاپ كەلگەن كۈلكەمنى ئاران بېسىۋېلىپ. گېپىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشنىڭ ھاجىتى يوقتەك تۇاتتى.
— ھە، بىلىمەن، ---- دېدى ئۇ، ھېچنىمە سەزمىگەندەك بىر ھالەتتە، ئالدىراپ- تېنەپ داستىخان راسلاۋېتىپ، — ئۆزلىرى داڭلىق يازغۇچى. چەت ئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىققانمەن. ۋاي- ۋۇي ، «قۇم باسقان شەھەر»، « ئالتۇن چىشلىق ئىت» ، « قارا قورساق سەركە» دېگەنلەر ئالامەت ئەسەرلەر جۇمۇ. لېكىن، ئاكا، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخ. مېنىڭ نەزەرىمدە، يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تارىخچى. بۇلۇپمۇ، سىلى يازغان ئاشۇ « مەشھۇرى»....
— مەڭدەپ قالمىغانسىلە ھە، خۇدابەرداخۇن؟ — دېدىم مەن ، تىلىمنىڭ ئۇچىغا «تولا ئوقۇپ ئىلىشىپ قالمىغانسىلە » دەپ كەلگەن گەپنى يۇمشۇتۇپ، — تونۇمىدىڭلىما؟ مەن دېگەن ھاشىماخۇن. سىلى بىلەن ھېمىشە ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ھېلىقى ھاشىم گاژگۇن مەن شۇ ئەمەسمۇ؟ بىللە چوڭ بولغان، بىللە ئوقۇغان....ئالدىڭلىغا سالامغا كەلسەمزە تونۇماسقا سېلىپ...
— ھە؟!...
ئۇ شۇنداق قاتتىق چۆچۈپ كەتتىكى، چاي تولدۇرۇپ، داستىخانغا قويماقچى بولغان پىيالىمۇ قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. شۇئان، قارا بېسىپ ئويغانغان ئادەمدەك بېشىنى سىلكىدى. ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئادەمدەك يۈزلىرىنى چىمدىدى. كۆزلىرىنى چىمىلداتتى....
---- ئەستاغپۇرۇللا! — مەن كىرگەن چاغدىكى ھالىتىگە يات بىر قىزغىنلىق بىلەن قۇچۇقىنى كەڭ ئېچىپ ئالدىمغا كەلدى ئۇ، — يەنە بىر قېتىم ئەستاغپۇرۇللا! سىلىنى باشقا بىر ئادەم دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، ھاشىماخۇن ئاداش. مېنى ئەپۇ قىلىڭلا. يېڭىباشتىن كۆرۈشەيلى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!....
ئۇ، مېنى قاتتىق قۇچاقلاپ، مەڭىزلىرىمگە مەڭىزلىرىنى يېقىپ كۈرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، خىجالەتتىن قۇتۇلۇپ، ئەسلىگە كەلگەندەك بولدى. ئەمدىكى خۇدابەردى ھېچكىمدە كۈرۈلۈپ باقمىغان قىزغىنلىق، مېھماندوستلۇق ۋە وچۇق- يۇرۇقلۇقىنى ئىپادە قىلىپ ئولتۇراتتى.
---- بايازە قىزىق ئىش بوپتۇ- ھە، ---- دەپ گەپنى يەنە ئۆزى تەشتى ئۇ، ---- سىلى كىرگەننى تۇ يغاندەك قىلدىم.... مەمتىمىن ھوشۇر دېگەن ئاكىمىز شۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلۇدۇم. نىمىشقا شۇنداق ئويلاپ قالدىڭلا دەمسىلە؟ ھەي... دېسەم، بۇمۇ بىر قىزىق ھېكايە. يا ئىشىنىسىلە ، يا ئىشەنمەيسىلە. دەل شۇ چاغدا ،ئاتا- بوۋىلىرىمنىڭ تارىخىنى، ئوچۇق ئېيتسام، ئۇلارنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم. بىر ئۆمۈر باي- باياشاتلىقتا ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇق بوۋام مەغپىر خوجا دوستى ئاشىق مەشھۇرىنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرىگە كۆزۈم چۈشكەندە، ئىختىيارسىز ھالدا مەمتىمىن ھوشۇر دېگەن تارىخچىنى( سىلىنىڭ تىلىڭلا بويۇچە، يازغۇچىنى) ئەسكە ئالدىم. « مەشھۇرى» نى شۇ كىشى يازغان ئەمەسمىدى. ئەجدادىمنى مەسخىرە قىلغىنى ئۈچۈن ئاچچىقىم كېلىدۇ. راستچىللىق بىلەن، شۇ قەدەر تولوق ۋە قاملاشتۇرۇپ يازغىنىنى ئويلىسام، ئاپىرىن دەيمەن. كۈلگۈممۇ كېلىدۇ. بۇنى قانداق بىلدىڭ دېسەڭلا، ئۇنىڭ يازغىنى مېنىڭ بايا كۆرگىنىم بىلەن . ئوپ- ئوخشاش چىقتى.
----- بايا قولۇڭلىدا كىتاپ باردەك قىلمايتتىغۇ؟---- ئۇنىڭ گېپىنىڭ تەكتىنى ھېچ چۈشەنمەي، قىزىقسىنىپ سورۇدۇم مەن.
----- كىتاپقۇ يوقتى. لېكىن، قەلب كۆزۈمدە كۈرۈپ ئولتۇراتتىم.
----- خىيال قىلىپ ئولتۇرغان ئىكەنسىلە- دە!
---- ياق. خىيال قىلمىدىم، راستىنلا كۆردۈم، ئاداش.
تېخىچە ئۆزىگە كېلىپ بولالمىدىمۇ نىمە بۇ ئاداش، دەپ ئويلۇدۇم ۋە :
---- ئۇ ئالەمدىكى ئەجدادلارنى خىيال قىلىشقىلا بولۇدۇ، كۆرگىلى بولمايدۇ،---- دېدىم، مېھمان ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ، « گاژگۇنلۇق» بىلەن.
---- مانا بۆگۈن، ئەجدادلار تارىخىنى ئەينەن كۆرۈشكە بولۇدىغانلىقى تولۇق ئىسپاتلاندى!---- دېدى ئۇ، ھاياجانلىنىپ.
---- تارىخ دېگەننى ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە يازىدۇ. ھەممە ئادەم ئۆىگە پايدىلىق تەرىپىنى قازىدۇ. شۇڭا مەن تارىخ دېگەنگە ئۆچ. پايدىسىز ئۆتمۈشنىڭ، يالغان تارىخنىڭ نىمە كېرىگى؟
---- دەل شۇ تارىختىكى ساقتىلىقنى تۈگۈتۈش ھەققىدىكى نەزەرىيىنى ئوتۇرىغا قويۇپ، دوكتۇرلۇق قالپىقىنى كىيىپ كېلىۋىدىم. مانا بۆگۈن ئۇ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. نەق ئۆز يۇرتۇمدا كەشپىيات ياراتتىم. ئەمدى نۇرغۇن ئىشلار ئاسانلىشىدۇ. تارىختىكى ساناقسىز سىر- تۈگۈنلەر تولۇق يېشىلىدۇ!....
ئۇ بەكلا خوشالدەك قىلاتتى. ئۆزىنى تۇتالماي، بىر جايىدا پىرقىرايتتى. قوللىرىنى توختىماي ئىشقىلايتتى....
---- سىلىنىڭ دوختۇرلۇق قالپىقى دېگىنىڭلا بىز گېپىنى قىلىدىغان سەللە شۇمۇ؟ ---- ئۇنىڭ خوشاللىقىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۆزۈم قىزىققان ئىشتىن گەپ باشلىدىم مەن. ئەمدىلىكتە ئىككىلىمىز بىر- بىرىمىزگە ئۆزلىشىپ قالغانىدۇق.
---- سەللە؟.... ھە، توغرا، سەللە دېسەكمۇ بولۇدۇ. بەك مۇشەققەتتە كىيگەن سەللە.
---- سەللە دېگەن مۇسۇلمان زاتىغا بۇيرۇلغان نەرسە ئىدى.... چەتتىمۇ مۇسۇلمان بارىكەندە، گېپڭلىچە؟
----- بار. جاھاننىڭ ھەممىلا يېرىدە مۇسۇلمان بار.
---- ئۇلارمۇ قۇرئان ئوقامدۇ ئۇنداقتا؟
---- ئەلۋەتتە. جاھاندىكى ھەممە مۇسۇلماننىڭ مۇقەددەس كىتابى بىر. ئەمما، شەرھىيلەش، تەدبىقلاش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.
---- بۇ....
مەن غىققىدە بولۇپ قالدىم. ئۇششاق ئىشلار ھەققىدە پارچە- پۇرات خەۋەر يېزىپ يۈرۈپ ، يازغۇچى دەپ ئاتىلىپ قالغىنىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزگە كۆۈنگەن قەلەمكەشلەرنىڭ ھەممىسىنى ساناپ بېرەلەيدىغىنىم ئۈچۈن، مەھەللىدە داڭدار زىيالى سانىلاتتىم. خىيالىمدا، مەن بىلمەيدىغان نەرسە بولماسلىقى كېرەك ئىدى. لېكىن، بۇ ئاداشنىڭ چېكىۋېلىپ جۆيلىگەندەك گەپلىرى....
-----دوختۇرلۇق سەللىسى بەك ئېسىلمۇ؟---- خاتا گەپ قىلىپ تاشلاشتىن ئەنسىرەپ تۇرساممۇ، قىزىقىشىمدىن يەنىلا ۋاز كەچمىدىم.
---- ۋاي چاقچاق قىلماڭلا ھاشىماخۇن. دوختۇرلۇق ئەمەس، دوكتۇرلۇق دەڭلا...ھە، سەللىنىڭ گېپىنى قىلدىڭلا راست، ---- ئۇ، شۇنداق دېگىنىچە، جاڭگۇر- جۇڭگۇر بىرنەرسىلەر ئېسىلغان سەت بىر باش كىيىمنى كۆتۈرۈپ چىقتى. بىر قاراشتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتاپ چاپلاپ قويغاندەكمۇ كۆرۈنەتتى، ---- سىلى دېگەن دوكتۇرلۇق سەللىسى مانا مۇشۇ شۇ. ئاددىيلا نەرسە.
---- چەتتە مۇشۇنى كىيىۋالسىلا ھەممىدىن چوڭ ئادەم بولۇپ كېتىدىغان گەپما؟
----ھەممىدىن چوڭ ئەمەس، ئىش قىلىپ، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى ئاساسەن مۇشۇنى كىيىدۇ.
---- مۇشۇ كېلەڭسىز سەللىنى كۈن بويى كېيىپلا يۈرۈدىغان گەپ ئىشكەندە...
---- ياق، مۇراسىمدىلا كىيىمىز. باشقا ۋاقىتلادا ئۆيدە تۇرۇدىغان نەرسە بۇ.
---- ئۇنداق بولسا، سەللە كىيگەنلەر بىلەن كىيمىگەنلەرنى قانداق پەرق ئېتىدۇ، ئۇ خەق؟
------ پەرق قورساقتا، ---- شۇنداق دېگىنىچە قورسىقىغا بىر- ئىككىنى ئۇرۇپ قويدى ئۇ.
مەن تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدىم. روھلاندۇرۇش دورىسى يەۋالغان ئادەمدەك كۈلۈمسېرەپلا ئولتۇرغان خۇدابەردى بىردىنلا سىرلىق قارا جاڭگالدەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ كۈلكىسىمۇ، گەپ- سۆزلىرىمۇ....سىرلىق، چۈشۈنۈكسىز ئىدى.
----- پەرق قورساقتا دېگىنىم، ---- پۇشۇلداپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ، ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئىزاھات بەردى بەردى ئۇ، بىر ھازادىن كېيىن، ----ئۇ يەردە كىشىلەر بىر- بىرىنى سىلى دېگەن ھېلىقى سەللە بىلەن ئەمەس، قورساقتىكى ئوماچ بىلەن قەدىرلەيدۇ. مەسىلەن، مەن دۇنيا ئانچە تونۇپ كەتمەيدىغان، نامرات بىر مىللەتنىڭ بالىسى. ئەمما، كېچە- كۈندۈز تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ، تەتقىق قىلىپ يۈرۈپ، سىلىگە دەپ بەرگەن ھېلىقى نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋېدىم، ئەنگىلىز، فىرانسۇس دېگەندەك ھەر چوڭ مىللەتلەرنىڭ ئالىملىرىمۇ ھەيران قالدى. ھەممىسى بارىكاللا ئوقۇپ، شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا بايىقى سەللىنى كىيگۈزدى. ھېچقايسىسى بۇ بىز بىلمەيدىغان مىللەتتىن ئىكەن، شۇڭا بۇنىڭغا بەرگەن سەللىنى ئۆزىمىزلا كىيەيلى، دېمىدى. سىلى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە نىمە توغرىسىدا، دەپ سورايسىلە ھەقاچان. بىر جۈملە بىلەن ئېيتسام، مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىم تارىخ توغرىسىدىكى نەزەرىيە.
---- يەنە شۇ تارىخمۇ؟ يالغان- ياۋىداق گەپ، ئۇستىخانلىرى ئاللىقاچان توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئەجدادلار ھەققىدىكى ماختاش، قاغاشلار.... بۇنى بىلسە نىمە بوپتۇ، بىلمىسە نىمە بوپتۇ. ماڭا قويۇۋەتسىغۇ، چوڭ دادامنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلگۈم يوق. بۇنى بىلگەننىڭمۇ نىمىگە پايدىسى؟ شۇڭا دەيمەن، ھامان ئىجادىيەت قىلغاندىكىن، نەپ بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە قىلىدىغان گەپ ئىدى.
----- ھازىر دېدىڭلىغۇ، تارىخ-- يالغان- ياۋىداق گەپ دەپ. مەن نەق مۇشۇ يەرنى تۇتتۇم. مېنىڭ بۇ كەشپىياتىم تارىختىكى ھەرقانداق يالغانچىلىقلارنى ئېچىپ تاشلايدۇ. تارىختىن قىلچە خەۋىرى يوق ، ھەتتا ساۋاتسىز كىشىلەرنىمۇ ئەجدادىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرىنى ئەينەن كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. چۈشەنمىدىڭلىما؟ ئاددىيراق قىلىپ ئېيتاي، ببۇ مۇنداق گەپ: بايا سىلى دېگەندەك، ھازىر تارىخنى ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە يازىدىغان بولۇپ كەتتى. ھەتتا بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى يەنە بىر مىللەت يېزىپ بېرىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. ئەسىر- ئەسىرلەر ئۆتۈۋېرىدۇ. يالغان- ئويدۇرمىلار تارىخ بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. بۇ ئېچىنىشلىق ئىش. بەكلا ئېچىنىشلىق ئىش! مەن دەل مۇشۇنداق ساقتا تارىخ ۋە ئۇنى قالدۇرغۇچىلارغا زەربە بېرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ قىسمەت يولىنى كىيىنكىلەرگە ھەقىقىي ھالىتى بىلەن كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۈنۈملۈك بىر خىل سۇيۇقلۇق ئىشلەپچىقىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. مانا بۆگۈن ئۇنى ئۆز نېرۋام ئارقىلىق سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقەيەت قازاندىم. ئۆز مەھەللەمدە سىناق قىلغىنىم تېخىمۇ ئۇلۇق ئىش بولدى. مانا، مانا بۇ مۇشۇنچىلىك ئاددىي سۇيۇقلۇق، ---- ئۇ، شۇنداق دېگىنىچە، دېرىزە تەكچىسىگە قويۇلغان كىچىك بىر قۇتىنى ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى، ----- قورساقنى ئوبدان توقلاپ ئولتۇرۇپ، بۇنىڭدىن بىر تېمىم يۇتۇمىز. پەقەت بىر تېمىملا يۇتۇمىز. بەش مىننۇت ئۆتكەندىن كېيىن، نەچچىنچى ئەجدادىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرمەكچى بولساق شۇنچىنى سانايمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دادىمىز بىرىنچى ئەۋلات بولۇدۇ. بىزنىڭ سانىقىمىزغا ئاساسەن، كۆز ئالدىمىزدا ئاستا- ئاستا بىزنىڭ شۇ سانىقىمىزغا توغرا كەلگەن ئەجدادىمىزنىڭ چىرايى كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ساناقنى ئالماشتۇرمىساق، شۇ ئەجدادىمىزنىڭ ھاياتىدىكى بارلىق ياخشى- يامان ئىشلىرى ئىلگىرى- كېيىنلىك تەرتىۋى بويۇچە بىر- بىرلەپ تىزىلىپ ئۆتۈدۇ. باشقا ساناق سانىساق، شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئەجدادىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرۈمىز. بۇنىڭ تەركىۋى... راست گەپنى قىلسام، بۇنىڭ تەركىۋىنى دېسەم، بېشىڭلا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندىكىن، يۈز بەرگەن ئىشنىلا دەي. ئوقۇۋاتقان چېغىمدىن تارتىپلا ئويلاپ كەلگەن سۇيۇقلۇقنى ياساپ، مانا بۆگۈن تۇنجى قېتىم سىناق قىلدىم. قىزىق ئىش بولدى دەڭلا. سۇپىدا بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ بىر تېمىم ئىچىپ قويارمەنمۇ، بەش مىنۇت ئۆتەر- ئۆتمەيلا رەھمەتلىك دادام كۆزۈمگە كۆرۈندى. دېسەم ئىشەنمەيسىلە. ئۇنى راستتىنلا كۆردۈم. خەۋىرىڭلا بار، دادام قورسىقىغا ئامراق مەزىن ئىدى. خەقلەر دېگەندەك، ئۇنىڭ قولىدا يەنە شۇ زەللە. بەلۋىغىدا قۇيماق، پوشكال... مانا مۇشۇلارنى ئەينەن كۆردۈم. ئۇنىڭغا قاراۋېتىپ، خۇدايا توۋا دەپ قالدىمكى، دادامنىڭ ھاياتىنىڭ تەڭدىن تولىسى نەزىر- باراۋەتلەردە ئۆتۈپتۇ. ئۇنى ياش ۋاقتىدىن تارتىپ، قېرىپ، ئۈلۈپ تۈگۈگىچە بولغان ئارىلىقتا لوقما چايناۋاتقان ھالەتتىلا چېلىقتۇردۇم. ياسىغان نەرسەم كارغا كەلدى دەپ بەكلا خوش بولۇپ كەتتىم. سىلىگە دېسەم، خوش بولۇپ ياكى خاپا بولۇپ كەتكەن ھالەتتىمۇ بۇ دورىنىڭ تەسىرىدىن دەرھال ئاجرىغىلى بولمايدىكەن. باشقا نەرسىلەرنى ئويلاپ تۇرغان تەقدىردىمۇ كۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئۈزۈلۈپ قالمايدىكەن. بىرقارىسا چۈشتەك، چۈشمىكىن دېسە راست ئىش. قەلب بىلەن كۆزنىڭ تۇتاشقان بىر يېرىدە، مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇۋاتقان بىر بوشلۇقتا راست سۈرەت---- ئەجداد، ئۇنىڭ چىرايى، قىسمىتى، گەپ- سۆزلىرى، ئوي- خىيالى....خوشاللىقىمدا قانداقتۇر بىر ساننى سانىۋەتتىم. ( مەن ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىدىمۇ ساناق ساناش تەلەپ قىلىناتتى. بۇنى بايا سىلىگە دېدىم.) تۇيىمايلا قالدىم، شۇئان دادام رەھمىتىنىڭ ئورنىغا باشقا بىر كىشىنىڭ چىرايى ئالماشتى. قارايمەن، قارايمەن، ھېچ مەن تونۇيدىغان ئادەملەردىن ئەمەس. بۇ كىم بولغىيتتى ئەمدى، دەپ تۇرسام، ئۇ مېڭىپ- مېڭىپ، ھەيۋەتلىك بىر ئوردىنىڭ دەرۋازىسىغا كەلدى. رەختكە يۆگەلگەن بىر نەرسىنى قولتۇقىغا مەھكەم قىسىپ، گېدىيىپ كېلىۋاتقان بۇ كىشىنى كۆرۈپلا، دەرۋازىنىڭ ئىككى يېقىدىكى ياراقلىق كىشىلەر سەپرۇس بولۇپ تۇرۇشتى. كىمدۇر بىرىنىڭ:
【1】 【2】 【3】 【4】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر