باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قونالغۇ ئاخشاملىرى(6)

2015.03.31 10:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

....ساۋۇت دەڭجا كۆز ئالدىدىكى جۇۋاننىڭ بۇنچىلىك جاھىللىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. ئۇ ناماز شامدىن باشلاپ ھەپىلەشكەن بولسىمۇ، ئايالغا يېقىن يولىيالمىدى. ئۇ جۇۋانغا غالجىر ئىتتەك ئېتىلاتتى. ئەمما جۇۋان ئۇنى شۇ زامان كەينىگە ئىتتىرىۋېتەتتى. ئېتىلىش، ئىتتىرىش، يېقىنلىشىش، قېچىش....داۋاملاشماقتا ئىدى. جۇۋان، ئۆزىنى قاچۇراتتى -يۇ، يەنە ئۇنىڭغا تەبەسسۇملۇق، نازلىق، خۇمارلىق باقاتتى. نازۇك بارماقلىرى ئۇنى ئىتتىرىش بىلەن تەڭ ، نۇرلۇق كۆزلىرىدىن بالقىغان قۇدرەتلىك، تارتىنىشچان بىر ئىسسىقلىق، ئەسەبىيلەشكەن دەڭجانى ۋەيرانى مەجنۇنلۇقتا كۈل قىلىپ، بىھۇش پېتىچە ئۆزىگە تارتاتتى...ئۇ يەنە ئېتىلاتتى...پۈتۈن ۋۇجۇدىغا تاراۋاتقان تاتلىق، كۈچلۈك بىر ئېقىم تەسىرىدە بەزگەكتەك تىترەيتتى، ئەقلى كېسىلگەن، كۆزى تەشنالىقتا خىرەلەشكەن، پۇت ۋە قولى جانسىزلاشقانىدى.جۇۋاندىن باشقىنى كۆرەلمەيتتى، ئۇنىڭدىن باشقىنى ئويلىيالمايتتى، تونىيالمايتتى...ئۇ ھەر قېتىم ئايالغا چاڭ سالغاندا، ئۆتكۈر ۋە مەززىلىك ئەتىر پۇرىقى ئارىلاشقان ئاجايىپ يېقىملىق بىر ھىد ئۇنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلۇپ، ئەسەبىنى كۈچەيتەتتى. ئۇمۇ شۇ كەمگىچە ياشاپ بۇنچىلىك يېقىملىق پۇراقنى ھىدلاپ باققىنىنى ئەسلىيەلمەيتتى...ئۇ شېرىن ھەم چىداپ بولماس تۇيغۇ كەيپىدە سىلكىنەتتى، شۈركىنەتتى...شۇ تاپتا جۇۋاندىن باشقا ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ ئېسىدە ئەمەس ئىدى. ئۆزىنىڭ نېمە قىلۋاتقانلىغىنى ، كىمگە ئوخشاپ قالغانلىقىنىمۇ تامام ئۇنتۇپ كەتتى....
-خېنىم...سىلە بەك چىرايلىقكەنلا !....بەك چىرايلىق....
جۇۋان، تاللاپ تىكىپ قويغاندەك سىپتا، ئىنچىكە قاشلىرىنى ھىمىرىپ، ئۇنىڭغا مۇلايىملىق بىلەن ئۇزاق تىكىلگىنىچە « پىسىڭڭىدە » كۈلۈۋەتتى....ئەمدىلىكتە ساۋۇت دەڭجانىڭ تىترىگەن قوللىرى جۇۋاننىڭ پاقلان قوينىڭ قۇيرۇقىدەك لىغىرلاپ تۇرغان كۆكسى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ يۈرەتتى. ئۇ ئەمدى ئۆزىنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى. « شۇررىدە » ئېرىپ كەتكەندەك سېزىلگەن بەدەنلىرى جۇۋان تەرەپكە ئېغىپ باراتتى...ئاھ!...ئۇ قەنت بولغاندا ئىدى چايغا سېلىپلا «گۈپپىدە»ئىچىۋېتەتتى، يىگۈلۈك بولسا ئىدى، دەقىقە توختىماي يەۋېتەتتى...
....جۇۋان توساتتىنلا ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى:
-ئىزا تارتمايدىغان ئادەمكەنلا جۇمۇ سىلە. ئاياللىرى كۆرسە نېمە دەپ قالىدۇ؟- ئەمما ئۇنىڭ سۆزلىرى يۇمشاق، كۆزلىرى يەنىلا ئويناق، ھەرىكىتى بولسا كۈچسىز ئىدى.
-خوتۇنۇم يوق، خېنىم...ئۇنى ھەيدىۋەتكەن...ھەيدىۋەتكەن....- ئۇ ھاياجاندا تىترەپ كەتتى.
-سىلىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئوخشىمامدۇ بۈگۈن ؟...-ئۇ ساۋۇت دەڭجاغا نازلىنىپ بىر بېقىۋېتىپ، كەسكىن ئېيتتى،- ئۇنداق بولسا چىراغنى ئۆچۈرۈپ كىيىملىرىنى سالسىلا !
...ئۇ،جۇۋاننى يەنە « ئەسكىلىك » قىلار دەپ ئويلىمىغانىدى...
-جېنىم خېنىم...تاتلىق خېنىم....نېمە قىلغانلىرى بۇ ...مېنى ئۇنداق قىينىمىسىلا دەيمەن ...- ئۇ ھەدەپ جۇۋاننىڭ قولىنى قايرىيتتى ...سۆيەتتى...
-توختىسىلا ئەمىسە، تەرىتىم قىستاپ تۇرىدۇ...تالاغا بىر چىقىپ كىرەي ئاندىن ...
-ماقۇل...ماقۇل... ئىتتىكرەك بولسىلا ئوبدان خېنىم... ھە، ئىتتىكرەك،- ئۇ ، شۇنداق دېگەچ جۇۋاننىڭ يۇمشاق يەلكىسىنى سىيلىۋالدى.
...خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى. جۇۋان كىرەي دېمەيتتى. ساۋۇت دەڭجا تەقەززالىق بىلەن ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى...
...«مەندەك ئادەم بولسام، ئاللىبۇرۇن كىرىپ بولاتتىم »دېدى ئۇ، كۈتۈۋېرىپ تىت - تىت بولۇپ. ئەمما جۇۋان يەنە كۆرۈنمەيتتى...
بىر چۆگۈن چاي قاينىغانچىلىك بۇ ۋاقىت ئۇنىڭغا بىر يىلدەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ساقلاپ ئۇنىڭ سەل ئاچچىقى كېلىپ قالدى. قوزغالغان ئەسەبىيلىرى شۇنچىكى پەسكويغا چۈشكەندەك بولدى. چىراغ يېقىپ قاراپ باقتى. جۇۋاننىڭ سومكىسى جايىدا تۇرۇپتۇ. « قانداق قىلىقى سەت خوتۇن بۇ. شۇنداقمۇ ئۇزۇن ئولتۇرامدۇ...» ئۇ مەقسەتسىزلا سومكىنى ئاچتى ۋە ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ قاراپلا قالدى: سومكىدا بەش -ئالتە باش چامغۇر ، بىر تۇتام كونا پۇرۇچ لاتا ، بىر مۇنچە تازىلىق قەغىزى ۋە تاش، داڭگاللار ...تۇراتتى. « بۇ خوتۇننىڭ نېمە قىلغىنىدۇر بۇ ؟...پۇل بار دەۋاتقان،بۇ ...» پۇل كۆز ئالدىغا كېلىش بىلەن تەڭ، ئۇ بىر نېمىنى ئەسكە ئالغاندەك بولدى...كاللىسى سەگەكلىشىپ، يۈگۈرۈپ دېگۈدەك چاپىنىغا ئېسىلدى. يانچۇق بوش، بەلبېغىمۇ قۇرۇق ئىدى...ئۇنىڭ بېشىغا چاقماق چېقىلىپ، يۈرىكىگە پىچاق سانجىلغاندەك بولدى. ئۆزىنى ۋەھىمىلىك چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلدى... « مەن نېمە كۆردۈم...مەن نېمە كۆردۈم!؟...» بايا ئۇ ، تاتلىق سېزىم ئىلكىدە، تەقەززالىقتا تىترىگەن بولسا ،ئەمدى گاڭگىراش، جىددىيچىلىك ئىچىدە تولغانماقتا ئىدى... پۈتۈن سەزگۈسىنى تورمۇزلىۋالغان لەززەت تۇيغۇسى، ئەسەبىي ئىنتىلىشى نەلەرگىدۇر يوقاپ، مەستلىكتىن يېشىلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالدى. بوينىدىكى « ئامەت تۇمارى » يەنىلا بۇرۇنقىدەك پۇلاڭشىپ تۇراتتى. ئۇ ئۆز – ئۆزىنى توختىماي كاچاتلايتتى. «ئېسىت پۇلۇم!...مېنى قارا بېسىپتۇ، مېنى غەپلەت بېسىپتۇ...ۋاي قانداق قىلاي...ھېزىم !!... » ئۇ، يۈرىكىنى تۇتقانچە جايىغىلا «گۈپپىدە» يىقىلدى...
سەھرانىڭ توپىلاڭ يولىدا ھېزىمخان مۈدۈرۈپ - چۇقۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىدىن توختاۋسىز ياش قۇيۇلماقتا ئىدى. كاللىسىنى ھامان گادىرماچ خىياللار قوچۇيتتى... «كۇپۇرلۇق ئۆتتى...بىزدىن كۇپۇرلۇق ئۆتۈپ كەتتى... ئەمدى بولدىمۇ ساۋۇتاخۇن، ھەممىگە تويدۇڭمۇ ساۋۇتاخۇن، جاجاڭنى يېدىڭمۇ ؟...ھەي ئېسىت، ھەي ئېسىت!...مەن يېزىغا يېنىپ كەلگەندىن بۇيانقى ئىككى ئايدا يىغىلغان پۇلكەن دەپ ئاڭلايمەن، ئاز پۇلمۇ ئۇ؟!...»ئۇ، كېتىۋېتىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى،«...پۇلنى ئەپقاچقان شۇ بۇزۇقتا بىر گەپ بار...ئۇ، يا شۇ كۈندىكى بىرەر قىمارۋازنىڭ بىر نېمىسى، يا...» ھېزىمخان پۇلنى ئېلىپ قاچقان يوچۇن ئايال ھەققىدە خىرە - شىرە بىر نېمىنى ھېس قىلغاندەك بولدى - يۇ، يىقىلىپ قالغان ئېرىنى ئويلاپ، پىكرى يەنە چېچىلىپ كەتتى. «...ئۆلەر ھالەتتە ياتىدۇ دەۋاتقان... يۈرەك كېسىلى بار ئىدى ئەمەسمۇ؟...ياق خۇدايىم ساقلا!.... »
ئۇ قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتتى...
بۇ خەۋەر سىرتقا كېچىكىپراق تارقالدى. ساۋۇت دەڭجانىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىغا ئائىت خەۋەرنى ئەمدىرەك ئاڭلىغان كىشىلەرنىڭ، شۇ ئاخشامدىكى سەتەڭ جۇۋاننىڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ ئۆيىدە ئېرىنىڭ ئۈلپەتلىرىگە بەخىرامان تاۋكا تۈزۈپ بېرىۋاتقانلىغىدەك ...ئەھۋالنىمۇ بىلىشىگە تېخى بەكلا ئەتىگەن ئىدى...

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر