باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قونالغۇ ئاخشاملىرى(5)

2015.03.31 10:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى



كۈن قىزارغان چاغ، دەڭ ئىچى ئەلمىساقتىن بېرى ۋاراڭ - چۇرۇڭ بولۇپ باقمىغاندەك جىمجىت. ساۋۇت دەڭجا ياتىدىغان ئۆيىنڭ ئىشكىنى يېپىپ قۇيۇپ، جىن چىراغ يۇرۇقىدا پۇل سانىماقتا. ئۇ تەڭ قىلىپ ئايرىلغان ئۈچ بۆلۈم پۇلنىڭ يىرىمىنىلا ساناپ بولغانىدى. بۇ، خۇتۇنى «تاياقنى بولدى دېگۈچە يەپ» يامانلاپ كەتكەندىن بۇيان، غەللە ساندۇقىغا يىغلىغان ۋە شۇنڭدىن بېرى «ئامەت » تىن كەلگەن پۇللار ئىدى.ئۇ ساناپ تۈگىتەلمەيۋاتاتىتى. كۆزلىرى ئېچىشىپ ، تورلىشىپ، ئۇنى خۇيمۇ جىلە قىلاتىتى. بىراق ئۇ زېرىكىش، زارلىنىش، ھېرىش، ئالدىراش... دېگەننى خىيالىغا كەلتۈرۈپ قويمايتىتى. يىڭنىنىڭ كۆزىگە تولىمۇ ئەستايىدىل ۋە ئۈمىد بىلەن يىپ سېلىۋاتقان كۆزى ئاجىز مومايدەك، قادىلىپ ئولتۇرۇپ ساناشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى ...يىكىرمە بەش مىڭ ...ھە، ماۋۇ يىگىرمە بەش مىڭ كوي بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئەمدى مانى، بىر -ئككى....
-ئۇستام بارمىدۇ ؟...ئۇستام، قېنى سىلە ؟!
بىر ئايالنىڭ ئاۋازى چىقىشى بىلەن تەڭ، ئۇ ساناشنى جايىدا توختىتىپ، ھەممە پۇلنى قوشىۋەتىتى ۋەبەلباغقا تۈگۈۋېلىشقا ئاران ئۈلگۈردى. ئۇ ئورنىدىن قوپۇپ بولغۇچە، ئايال ئۆيگە ئۈسسۈپ كىردى.
-ۋىيەي...ئادەم يوق ئوخشايدۇ دەپتىمەن تېخى، سىلە باركەنلىغۇ؟ دەڭجا ئۇستام ئۆزلىرى بولاملا؟ بىر كېچە قونۇۋالاي دەپ كىرىۋىدىم.
دەڭگە ھېچقاچان كىرىپ باقمىغان بۇ ئايال ناھايىتى يېقىملىق قىياپەتتە ، سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ سىپايە، تاتلىق ۋە تەبىئى كۈلۈمسىرىشى، ساۋۇت دەڭجاغا بۆلەكچىلا كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ ئايالنىڭ سۈزۈك، پاكىز چىرايىغا بىر نېمىسى يۈتۈپ كەتكەندەك قارىدى. پۇل ساناۋېتىپلا نېمىنىدۇر كەمدەك ھېس قىلغان ساۋۇت دەڭجا، مانا ئەمدى شۇ كەم نەرسىنى ئەسكە ئالغاندەك بولدى....مۇسكۇللىرى رەسىدە قىزلارنىڭكىدەك تولۇق، يارىشىملىق كەلگەن دۈگىلەك يۈز بۇ ئايال تارتىنچاقلىق بىلەن جىلمىيىپ، تېخىمۇ زور لاتاپەت كۆرسىتىۋاتسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا قىلچە غەيرى ئىپادە كۆرۈنمەيتتى. قاشلىرىمۇ، كۆزلىرىمۇ، گەپ - سۆزلىرىمۇ ... دەڭگە كېلىپ - بېرىپ يۈرۈيدىغان ئاياللارنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭدەك قىتىغىر ئەمەس ئىدى.
-ھە، دەڭجا مەن بولىمەن. ياتاق بار.كەلسىلە،كەلسىلە،-دېدى ئۇ، ئايالنىڭ جىمجىت قاراپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ سەل ئەيمىنىپ. ئۇنىڭ بۇلۇڭ ئۆينى سورىمىغانلىقى ساۋۇت دەڭجانى سەگىتكەن ئىدى،- مۇشۇ يەردە جىندەك ئولتۇرۇپ تۇرسىلا ،مۇشۇ يەردە... مەن ھازىرلا...
ئۇ نېمىگىدۇر تالاغا مېڭىۋىدى،ئايال ئېغىز ئېچىپ قالدى:
-مەن ئېرىم بىلەن خاپا بولۇشۇپ قېلىپ، بالامنى تاشلاپلا ئۆيدىن چىققان ئۇستام ....دېمەي دېسەم، سىلە خېلى تۈزۈك ئادەم كۆرۈنىلا. سىلىگە ئىشەنچ قىلىۋاتىمەن. بۇ سومكىغا ئۆيدە بار پۇل – پىچەكنىڭ ھەممىنى سېلىۋالغان. شۇڭا...
-ھە،قورقمىسىلا...سىلىگە يارىغۇدەك ئايرىمچە ئۆيدىن بېرىمەن،- ئايالنىڭ جۇۋان ئىكەنلىكىنى ئەمدىراق چۈشەنگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزىگە يۈزى ئېچىلمىغان قىزدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. شۇڭا ئۇ قەستەن قوشۇپ قويدى،- سىلىنى رازى قىلىمەن....
-مانچىسىغا چىقىنالارمەنمۇ؟- دېدى جۇۋان ھېچقانداق سۇنئىيلىك ئارىلاشمىغان تەلەپپۇزدا. ئۇنىڭ تەبئىي، كۈچسىز ۋە غىدىقسىز بۇ چاقچىغى شۇنچە ئۇدۇل، شاخسىز ئېيتىلسىمۇ ، ساۋۇت دەڭجاغا ، ئاللىقانداق تېگى بار گەپتەك ؛ ئۇنىڭ ئېغىزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئەتەي قىلىنغان چاقچاقتەك بىلىنىپ كەتتى.
ئۇ جۇۋانغا تىكىلدى. جۇۋان بۇرۇنقىدەكلا تەمكىن قاراپ تۇراتتى. بۇ تەمكىنلىك، ئايانچلىق ئۇنى تېخىمۇ ئوماقلاشتۇرۋەتكەنىدى. قەددى ئېگىز ئەتىرگۈل، يەنىمۇ گۈزەل، كۆرۈشلۈك بىلىنگەندەك، تەمكىنلىك بىلەن مەغرۇرلۇقى، خۇش تەبەسسۈملۇق بىلەن كەمسۆزلۇكى يۇغۇرۇلۇپ ئىپادىلىنىۋاتقان جۇۋان، ساۋۇت دەڭجاغا ھېلىغىچە كۆرۈنۈپ باقمىغان گۈزەل ئاياللىق ئوبرازىنى نامايان قىلدى....
ساۋۇت دەڭجاغا شېرىن بىر خىل تىترەك ئولاشتى. پۇتۇن ۋۇجۇدىنى تاتلىق سىيلاپ ئويغىتىپ، تېنچ سەزگۈسىنى بېسىپ بولماس دەرىجىدە غىدىقلاۋاتقان ۋە دەقىقىسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بۇ تىترەك ئۇنىڭ يۈرىكىنىمۇ چوڭايتىپ، قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىگىچە كۆمۈلۈپ ياتقان مەردلىكىنى، مەردانىلىقىنى، ئادەمگەرچىلىكى ۋە غۇرۇرىنى چوخچىلاپ ئېچىۋەتتى....
-نېمە قورقىلا خېنىم؟- دېدى ھاياجىنىنى باسالماي قالغان ساۋۇت دەڭجا، جۇۋانغا يېقىنلىشىپ،- پۇل دېگەن مانا مەندە بار!- ئۇ مەيدىسىگە بىرنى ئۇردى،- بۇنىڭ ھەممىسى پۇل!- بۇ يەتمىسە ،مانا ماۋۇمۇ پۇل!- ئۇ، ئايالنى ئىشەندۈرمەكچى بولغاندەك ، تومپايغان بەلبېغىنى تۇتۇپ، بىر - ئىككىنى سىلكىۋەتتى.
-ۋىيەي،ماۋۇ ئادەمنى،- دېدى جۇۋان سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن،- مانچىسىنىڭ گېپىنى قىلسام...- ئۇ ساۋۇت دەڭجاغا يەڭگىل، سىرلىق ۋە سېھىرلىك تىكىلدى...
-مەنمۇ شۇ...
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر