باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قونالغۇ ئاخشاملىرى(4)

2015.03.31 10:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


...
ئۇ، ھارامنى يۇتۇۋالغاندەك كۆڭلى غەش يۈردى. لېكىن، ھەركۈنى دېگۈدەك جەلپكارانە ھەرىكەت، ئىشتىشلىك سۆز، ئۆزگىچە ۋە كۆز چاقنىتار سۈپەت بىلەن كىرىپ كېلىدىغان خۇمار كۆز چوكانلارنىڭ، ئۇنىڭ كۆزىگە قارىسىمۇ يۈرىكىگە توغرىلاپ ئاتقان 《 دەرھال تېگەر 》قاشلىرى؛ ھەر قىسىلغاندا، غايىپ خەنجەردەك ئۆتكۈر، سېھىرلىك نۇرلار ئۇچۇپ چىقىدىغان شەيتان قىلىقلىق كۆزلىرىنى ئوينىتىپ بېقىشلىرى، ئۇنىڭغا ھەممىنى ئۇنتۇلدۇراتتى. كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە تۇرۇپ قالغان غەشلىك تۇمانلىرىمۇ شۇئان يوقايتتى-دە، ئۆزىنى سېھىرلىۋالغان كۆرۈنمەس، ئەمما، ئۈزۈلمەس يىپقا تارتىلىپ، چوكان كىرىپ كەتكەن بولۇڭ ئۆيگە تاپ باستۇرمايلا كىرەتتى...
– ھەركۈنى قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىپمۇ قالغانلا، سىلىمۇ بىر ئېتىپ باقماملا، ئۇستام؟...- تاۋكا ئاشكارە تۈزۈلۈشكە باشلاپ بىر - ئىككى ئايدىن كېيىن، سورۇن تازا قىزىۋاتقان بىر ئاخشىمى قارا مۇتۇق چوكان، ساۋۇت دەڭجاغا شۇنداق دېدى.
-كۆرۈپ ئولتۇراي، كۆرۈپ ئولتۇراي...- ساۋۇت دەڭجا ئورنىدىن سەل- پەل قوزغىلىپ قويۇپ يەنە جىم ئولتۇرۇۋالدى.
-ئۇنداق بولسا، يالغاندىن ئېتىپ باقاملا؟-دېدى قولىدا ھوشۇق تۇتۇپ تۇرغان بىر يىگىت، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ،- پۇل تىكمىگەندىن كېيىن بولدى ئەمەسمۇ؟
-بولدى...ئوخشاش...- ئۇستام يەنە ئۇنىمىدى.
- بولمىسا، ئۇستام ئۈچۈن مەن بىر ئېتىپ باقاي، ئۇستامنىڭ قولى، ياھ...دەتتىكام!
ئۇستام ئۇتتى.
ئارقا-ئارقىدىن ئۇنىڭغا ئاتاپ ئېتىلغان ھوشۇقلار، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەردى. ھەممە ئۇنى تەبرىكلەپ، ماختاپ ئۇچۇرۇۋېتىشتى . چوكانلار، ئۇنى جانلىق تىلىمىزدا كەم ئاڭلىندىغان سۈپەت سۆزلىرى بىلەن مەدھىيەلەپ، رەسمىي ئويناشقا قىزىقتۇردى...ساۋۇت دەڭجا ئىپادە بىلدۈرمىدى. ئۇ《 چۇ 》، 《 سىياھ 》،《 پوزا 》... دېيىلىپ، ھەرخىل شەكىلدە چۈشۈۋاتقان ۋە ھەربىر شەكىلدە يىگىرمە كوي، ئوتتۇز كوي، ھەتتا ئەللىك كويلارغا 《 ئىشلەۋاتقان 》ئاددىيغىنا تۆت تال ھوشۇقنىڭ كارامىتىگە ھەيرانلىق بىلەن ھەۋەسلىنىپ قاراپ كەتتى...
دەڭنىڭ كەچلىك ئىشلىرىغا يېتىشەلمەي يۈرگەن ھېزىمخان، ئېرىنى ئويلىسىلا پۇخان بۇلۇپ كېتەتتى، ئازراقلا سەۋەنلىك ئۆتۈلۈپ كەتسە، كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، خۇددى ئەيىپلىگۈچىدەك ئايىماي سۆزلەيدىغان قونغۇچىلارنىڭ ژىندەك سېسىق گەپلىرى ئۇنى تېخىمۇ جىلە قىلاتتى. مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ قورساقلىرى كۆپۈپ – يېرىلىپ كېتەي دەيتتى. ئۇنىڭ دەڭنى تاشلاپ يىراققا قېچىپ كەتكۈسى، بولۇڭ ئۆيدىن چىقالمايۋاتقان ئېرىنىڭ ياقىسىدىن سۆرەپ چىقىپ 《 ماۋۇ گەپنى سەنمۇ ئاڭلاپ باق 》دېگۈسى... قونغۇچىلار بىلەن جېدەللەشكۈسىمۇ كېلەتتى...لېكىن، ئۇنىمۇ، بۇنىمۇ قىلالمايتتى. قىلىشقىمۇ بولمايتتى. ئۇنى قىلسا، مىڭ جاپالار بىلەن تۇتقان ئۆي بۇزۇلاتتى. بۇنى قىلسا، دەڭگە ئادەم باشلىماي تاقىۋېتىشكە توغرا كېلەتتى ... شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە كۆزىگە زورلايتتى . ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز يېشى ھەممىنى كۆمۈۋەتمەكچى، يۇيۇۋەتمەكچى بولاتتى...
…ساۋۇت دەڭجا ھامان ئۆز ئىشى بىلەن بەنت ئىدى. ھېزىمخاننىڭ يىغىسىمۇ ،قارغىشىمۇ،ئازابىمۇ،ئاچلىقىمۇ...ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. ئۇ،پەقەت دەڭنىڭ كەچلىك كىرىمىنى ئايالىدىن ساق تاپشۇرۇپ ئالسىلا(كۈندۈزلىرى ئەلۋەتتە ئۆزى ئالاتتى) باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئولتۇرمايتتى....ئۇنىڭ كاللىسىدا، بىر ئاماللارنى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپرەك ئۇتۇشتىن باشقا ئۆيىنىڭ بارلىقىغا ھەتتا ئۆزىمۇ ئىشەنچ قىلالمايتتى. ئۇ، ھەممىنى ئۇتۇپ باراتتى، ئۇتقانسېرى ئويناش خۇمارى كۈچىيىپ، ئىختىيارسىز ھالدا باشقىلارنى ئۆزى تەكلىپ قىلاتتى....باشقىلار قىرىق كويلاپ، ئەللىك كويلاپ تىكسە ، ساۋۇت دەڭجانىڭ يۇز كويلاپ، يۈز ئەللىك كويلاپ تىكىۋاتقانلىغىنى ئاڭلىغانلار خېلى - خېلى يەرلەردىن بۇ يەرنى نىشانلاپ كېلەتتى... بۇلۇڭ ئۆي ئۇلارنىڭ «تاپاۋەت» سورۇنى بولۇپ قالدى. بازاردىكى بارچە خەق يىرگىندىغان ئادەملەرنىمۇ كەچلىكى گەپ - سۆزسىز مۇشۇ يەردىن تاپقىلى بولاتتى...
ساۋۇت دەڭجا كېچىسى يەنە ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئىلگىرى ئۇنىڭ مەيلىنى تارتقان چوكانلار ئۇيقۇسىنى قاچۇرسا ، ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ ئىسسىق ئېتىكىدىكى، ئادەمگە يېپىشىپ تۇرغان تۆت تال ھۇشۇق ئېتەك ئىگىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنى تېخىمۇ ئازابلايتتى. ئارىلاپ - ئارىلاپ كۆزى ئىلىنغاندىمۇ ئۇ يەنىلا شۇ ئوتتا كۆيەتتى، تولغىناتتى... خۇددى يېڭىلا ئۆگەنگەن شاھمات مەستانىسىنىڭ كۆزىگە كېچىسىمۇ شاھمات تاختىسى كۆرۈنۈپ تۇرۋالغاندەك، ماڭسا – تۇرسا كاللىسىغا «پېچكا»،«گەردە»...لەر كىرىۋالغاندەك....كۈندۈزلىرىمۇ ئۇ پات - پاتلا يوقاپ كېتەتتى. ھېزىمخان «ساۋۇتاخۇن قېنىدۇ؟» دەپ بولغۇچە، ئۇ بىر ئۆينى تاقاپ ئولتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز نەچچە ئون قېتىم ئېتىپ بولاتتى. ئالاھىدە سېتىۋالغان تۆت تال ھوشۇقى ئۇنىڭغا يېڭى ‹‹ تېخنىكا ››،‹‹ماھارەت›› ئاتا قىلسا، قەيەر دىندۇر تېپىپ كېلىپ، تۇمار قىلىپ بوينىغا ئېسىۋالغان، ھەر ئېڭىىشىپ - قوپقاندا كۆڭلىكنىڭ ئىچىدە پۇلاڭشىپ تۇرىدىغان ‹‹يىلان مۈڭكۈزى››ئۇنىڭغا كۈچ - قۇۋۋەت، ئىشەنچ، غالىبلىق، مەغرۇرلۇق ۋە قورقۇمسىزلىق بېغىشلايتىتى ...‹‹مانا مەن ئىككى يۈز كوي چىقتىم،ياھ ...پىرىم !›› ئۇ خۇددى قىزىق تاۋكادا ئولتۇرغاندەك ھارماى توۋلايتتى، تىنىمسىز ئاتاتتى. رەقىبى ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان قۇدرەتلىك ئەزىمەتتەك، مەيدىسىگە كۈچىنىڭ بېرىچە شاپىلاقلاپ تۇراتتى. قىزىغانسېرى ئۇرۇش كۈچىيەتتى. بېسىپ بولماس بىر خىل روھىي ھەيدەكچىلىك ئۇنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇرۇشقا، شۇ ئارقىلق ھوشۇقىنى كۈتكەن يىېرىدە توختىتىپ، «ئامەت » تېپىشقا ئۈندەيتتى . ئۇنىڭ ھوشۇق قولىدىن چىقىپ، يەرگە چۈشۈش بىلەن تەڭ مەيدىسىگە ئۇرۇپ بولىدىغان قولى، ئۇل چىڭداۋاتقان قاڭدەك، كۆكرىكىنىڭ ئۈستۈنكى سول تەرىپىنى بىسىپ تالدۇرۇپ ،چىڭداپ، قىستاپ ئاغرىتاتتى ... ئاغرىق پۈتۈن بەدىنىگە تارقاپ، ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ، يۈرىكى ھالسىزلىق كۆرسىتىۋاتقاندا، ئاندىن ئۇرۇشنى تىزىغا يۆتكەيتىتى... بىردە ياندىشىپ، بىردە مىنگىشىپ ۋە بەزىدە تىكلىشىپ... چۈشۈرۋاتقان ھوشۇقلار ئۇنى ئىلھاملاندۇراتتى، يەڭڭىللىتەتىتى، ھەممىنى ئۇنتۇلدۇراتىتى ...ئۇ مۇشۇ ئلھام تەقەززاسىدا كەچكە ئاران ئۇلىشاتتى...
يەنە شۇ قوتان خارابىسىدەك چاۋارلاشقان، غۇربەتچىلىك ئۆرلەپ تۇرغان دەڭ. ئىلگىرى ئوقۇر تەكتىدىن سەينا مەركىزىگىچە پەرقلىق قېلىنلىقتا يېيىلىپ تۇرسىمۇ، ياتاق بوسۇغىسىغا يىېتىپ بارالمىغان قىغ - چىلەلەر، ئەمدى دەڭ دەرۋازىسىغىمۇ ئۇلاشقانىدى. ئەخلەت يۇپۇشۇپ تۇرغىنىغا قارىماي، سۈپۈرگە ئىزلىرى ھامان كۆزىگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ياتاق، ئۆيلەرنڭ ئالدى شۇ تاپتا بىر ئەسىر سۈپۈرگە كۆرمىگەندەك، ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئوقۇرلارمۇ،قىڭغىيىپ قالغان دەرۋازىمۇ ئىگىسى يوقتەك تاشلانغان، چېقىلغان ... ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالا - چەكمەن قىلىدىغان جىددىلىك، قۇلاق، مېڭىنى يەپ كىتىدىغان يېقىمسىز ئاۋازلار قاياققىدۇر يۇقالغان. ئات - ئۇلاغلارمۇ پاتمىغۇدەك دەرىجدە ئەمەس ...« ياتسا يېنى، قوپسا جېنى »لا بار سالتاڭلار تېنىمسىز كىرىپ - چىقىپ يۈرىدۇ...كۈن يانغا قايرىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە «چىقىم »قىلىپ باقمىغان ساۋۇت دەڭجا، ئەتراپتىكىلەردىن سىر تۇتىدىغان «ئامەت تۇمارى » غا ئىچىدە مىڭ رەخمەتلەرنى ئېيتتى. ئۇنىڭدىن يەنە ئامەت، مەدەت تىلىدى ... بۇلۇڭ ئۆينىڭ خاسىيتىمۇ، تەلەي كەلگەنلىكىنىڭ ئالامىتىمۇ ياكى يىلان مۈڭگۈزى (ئامەت تۇمارى ) نىڭ كارامىتىمۇ، ئۇ ھەممىنىڭ دەسمايىسىنى بىر-بىرلەپ يىغپ ماڭدى ...ئۇنىڭ يانچۇق، بەلباغلىرى ھەر قانداق چاغدىكىدىن تومپىيىپ كەتتى . چوكانلار مەمنۇنىيەت ، ھەۋەس بىلەن ئۇنىڭغا قارايتىتى. ھە دېگەندىلا ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، يېپىشىپ، سۇگۇلىنىپ تۇراتتى ...باشقىلار تېشىدا بايرام ئويناپ، ئىچىدە ماتەم تۇتۇۋاتاتتى . سۆزلىرى بارغانسېرى قوپاللىشىپ، كۆزلىرىدىن جىددىيلىك، ھەسەتخورلۇق، قىيماسلىق، چىدىماسلىق ...نۇرلىرى ئەكسلىنەتىتى ...ساۋۇت دەڭجا ئۇلارنىڭ ئەكسچە ئىدى. ئۇ خۇشاللىقىنى ھېچ باسالمايۋاتاتىتى. مىنۇتسېرى تومپىيىپ بېرىۋاتقان يانچۇقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلسا، ئۇ يەر - بۇيەرلىرىنى تۇتۇپ، چىمداپ «مۇھەببەت» بىلدۈرۈۋاتقان چوكانلارنى كۆرۈپ، تېخىمۇ مەغرۇرلىناتىتى... شۇ تاپتا ئۇنىڭ جان - جېنىنى يايرىتىۋەتكەن تەڭداشىز شېرىن ھوزۇر، ئۇنى «بىر قېتىملىق قىماردا قىرىق قىزنىڭ مېھرى بار» دېگەنگە چەكسىز ئىشەندۈردى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر