باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قونالغۇ ئاخشاملىرى(3)

2015.03.31 10:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


ساۋۇت دەڭجا تىپتىنىچ ياتاتتى، ئۇ ئايالىنىڭ ئازابلىنىپ ياتقانلىقىنى زادىلا سەزمىگەندەك، ھەتتا ئۇنىڭ قاتتىق - قاتتىق يۆتەلگەنلىكىنىمۇ تۇيمايۋاتقاندەك، ئۆيدە - ئۆزىنىڭ يېنىدا خۇددى ھېچ كىشى يوقتەك ئىدى.ئۇ، كۆپىنچە ھاللاردا 《 مېھمانلاردىن خەۋەر ئالىمەن، ئات - ئۇلاغلارنى يوقلايمەن 》دەپ، كېچە - كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەيتتى، ئۆيدە ياتقان كۈنى ئەنە شۇنداق تاڭ ئاتقۇزاتتى. ئۇنىڭ بۇ ئۆيگە كىرىپ تۇرۇشى، ئايالىغا ئارقىسىنى قىلىپ، ئۇرۇشۇپ قالغاندەك، ئۈن - تىنسىز پۇشۇلداپ يېتىشى...رەسمىيەت ئۈچۈنلا بولۇۋاتقان ئىشتەك قىلاتتى. ئىلگىرى ئۇ، تالا - تۈزگە قاراپ كىرىش ئۈچۈن كېچىدىمۇ ئايالىنى قوپۇراتتى. ئەمدىلىكتە 《 تالا 》غا مۇناسىۋەتلىك كېچە ئىشلىرىغا ئايالىنى مۇتلەق ئارىلاشتۇرمايدىغان بولۇپ قالدى.
《 ...يېرىلالماي ئاران تۇرغاندا، تالاغا قارا دەيدىغان بولسام كەينىمدىن تېخىمۇ بەك ماراپ، ھاڭگىنى مىدە تۇغدۇرۋاتىدۇ، بۇ پىت ئۈچەي،- دېدى ساۋۇت دەڭجامۇ جىمجىت ياتقىنىچە ئۆز خىيالىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- ئۇنىڭدىن ئۆزۈم چىققىنىم ياخشى. خەقنىڭ خۇتۇنلىرى قانداق خوتۇنلىكىن...ھېچ ئىش كۆرمىگەندەك بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرۈيدىكەن. بۇ خوتۇنزە ئەمدى، زىغىر - زىغىر ...مەنغۇ رەمتىلەشخان دەڭجا، چۇۋىراخۇن دەڭجالار قىلغاننىڭ يۈزدىن بىرىنى قىلمىدىم. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەپ تاپسىلا كەينىمدىن ماراپ ...ھېلىغىچە ئۇخلىماي مېنى بېقىپ ياتقىنىنى كۆرمەمدىغان! ئىتتىنمۇ، ئىشەكتىنمۇ كۈنلىگەن ...چىشلىرىنى تۈكۈۋەتسەم .》 ئۇ ئۈلپەتلەشكەن، ئۆزىگە تىجارەت يولىنى ئۆگىتىپ، كۆزىنى ئاچقان دەڭجا بۇرادەرلىرىنى كۆز ئالدىغا كالتۈرگىنىدە، غەزىپى تېخىمۇ ئۆرلەيتتى. ۋۇجۇدىنىڭ نامەلۇم يەرلىرىگە ئورنىشىۋالغان ۋە پۈتۈن ئورگانىزىمغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قانائەتسىزلىك قانلىرى بۆلەكچىلا قايناپ – قىزىپ كېتەتتى... ئۇ باردى - كەلدى قىلىشىۋاتقان دەڭجالار ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. ئۇلار پۇل دېگەننى ساماندەك يىغىۋالاتتى. ساۋۇت دەڭجاچۇ ؟ ھەي...ئۇ دېگەن، پۇل تېپىشنىڭ يولىنى تېخى تاپالمىدى، خوتۇنىنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ ئولتۇرىدۇ... خەق بېرىدىغان بىر - ئىككى تەڭگىگە تەلمۈرۈپ كۈننى كەچ قىلىدۇ...
ساۋۇت دەڭجا ھەممىنى ئايالىغا ئارتىپ قويۇۋاتاتتى. ئۇنىڭچە، ئايالى يوقىلاڭ ئىشلارغا چېپىلىۋېلىپ، ئۇنى ئىلگىرى باستۇرمىغان، قىلىمەن دېگىنىنى قىلغىلى قويمىغان!... ئۇ بارغان دەڭلىرىدە، ئەركىشى خۇددى بىر بەگ ئىدى، ئۇلار قىز - چوكانلار بىلەن خالىغان ئۆيدە كەڭ- كۇشادە پاراڭلىشالايتتى.ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئىچىشەتتى - چېكىشەتتى...قونغۇچىلارمۇ ھېچقانداق چەكلىمىلىككە ئۇچرىمايتتى. ئەرلەر ئاياللىرى بىلەن، ئاياللىرى ئەرلىرى بىلەن يېتىلشىپ كىرىپ، بەھۇزۇر قونۇپ چىقىپ كېتەتتى. ھەر قانداق كىشى 《 ئېرىم 》 ياكى « ئايالىم 》دېسىلا يات جىنىستىكىلەر بىلەن بىر ئورۇندا يېتىشقا رۇخسەت قىلىناتتى. ئۇلار《 ئېرى 》ياكى ئايالى بىلەن ئۆزىگە ئوخشاش 《 ئەر-خوتۇنلار 》نى تېپىپ، تاڭ ئاتقۇچە بەڭ چېكەتتى، ھوشۇق ئوينايتتى. شۇنىڭغا بېقىپ، ئۇلارنىڭ دەڭجاغا بېرىدىغىنىمۇ كۆپ ئىدى..ساۋۇت دەڭجا ھەر قېتىم بارغىنىدا، دەڭجا دوستلىرى ئۇنىڭغا مۇشۇنداق ئىشلارنى ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي كۆرسەتتى ۋە ئۇنىمۇ ئويناشقا،چېكىشكە زورلايتتى... ساۋۇت دەڭجا بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بەرمىدى. بىراق، دوستلىرىنىڭ ئاياللار بىلەن يالغۇز ئۆيدە كېچە - كېچىلەپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشى ئۇنىڭغا تەسىر قىىلدى...ئۇنى قىزىقتۇردى. ئۇ، ئاياللارغا دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئاياللارغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن، دەڭجا دوستلىرىدەك 《 يۈرەكلىك 》بولالمايۋاتقان كۈنلەردە، ئۆزىنىڭ دېڭىگە چۈشكەن بىر چوكاننىڭ ئۇنىڭ يۈزىگە 《 قول تەگكۈزۈشى 》 ئۇنى-ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى، سېزىمىنى ئويغىتىۋەتتى...شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ، دوستلىرىنىڭ دېڭىگە پات - پاتلا بېرىپ تۇرىدىغان، بۇرۇن ھال – مۇڭ بولۇش ئۈچۈن بارسا، ئەمدى《 كۆڭلى تارتىپ 》بارىدىغان، بارغاندا ئىلگىرىكىدەك تارتىنىپ ئولتۇرمايدىغان بولدى...《 ...ئاڭلاپ قوي، بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ ئۇلاردەك پۇلنى ئايرىم ساندۇققا تىقىپ، قۇلۇپ سېلىۋالىمەن،- دېدى ساۋۇت دەڭجا، نۇرغۇن قاينىغاندىن كېيىن ئايالىنى تىللاشنى توختىتىپ، بۇنىڭغا بىر نېمە دەپ باقە قېنى؟!... ھە، مەن دېگەن ئەر! لېكىن بىلىپ قوي، مەن خەقتەك دەڭگە قىمارۋازنى يېقىن يولاتمايمەن. قىمار دېگەن ئوغۇل بالا ئۈچۈن سىرتماق!… ئۆتكەندە تۇتۇلۇپ قالغان چوكاننىڭ ئىشى بىلەنلا، كىرگەن ئەر - خوتۇنلارنى بىر ئۆيدە ياتقىلى قويمىدىم، بۇمۇ ئوبدان بولماپتۇ. ئەر - خوتۇن بىر يەردە ياتماي نەدە ياتىدۇ؟ بىللە ياتسىمۇ ياتسۇن، باشقا خەقتىن جىقراق مانچە تۆلىسۇن. ئەممازە، ئۇلار راست ئەر - خوتۇنمۇ، ئەمەسمۇ،بەكرەك سۈيلەپ ئاندىن ياتقۇزاي... 》
ئۇ، يوتقاننى قايرىۋېتىپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى.جىددىيلەشكەن ھېزىمخان ئەمدىلا بىرنى يۆتىلىپ تۇرۇشىغا، يىراق جايدىن توخۇنىڭ بەس - بەستە قىچقىرىشقان ئاۋازى ئەڭلاندى...ئۇنىڭ ئويلىغانلىرى ئۆز ۋاقتىدىلا ناھايىتى تېز ۋە زور ئۈنۈم بەردى. بۇنىڭ خۇشاللىقىدا كەيىپلىنىپ، بىر مەھەل، رازىمەنلىك ئىچىدە ياشىغان ساۋۇت دەڭجا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يەنە نېمىدىندۇر قانائەتسىزلىك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنىڭغا بىر نېمە كەمدەك بىلىنەتتى. لېكىن نېمە كەم، ئۇ يەنە نېمىگە ئېھتىياجلىق ؟ ... بۇنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ئۆزىنى پۇلى تۇرۇپ پۇلسىزدەك، خۇشال ئۆتىۋاتسىمۇ كۆڭلى يېرىمدەك ھېس قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە دىتىغا ياقمايدىغان بىر ئىش كۆزىگە چېلىقىپ قالدى.
-ئۇستام، بۇلۇڭدىكى ئۆيدىن بەرسىلە جۇمۇ، تازا.
ساۋۇت دەڭجاغا ناتونۇش يېرى قالمىغان بۇ چوكان، بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا يەنە شۇ گېپىنى تەكرارلىدى. ئەلۋەتتە ئۇ، مەست قىلغۇچى ھىدلىرى بىلەن يۈرەكنى جانلاندۇرغان، سېھىرلىك كۆزلىرىدە كەسكىن، يېڭىلمەس ھەيۋە كۆرسىتىۋاتقان قۇدرەتلىك كەرەشمە ئىگىسىگە 《 خوش 》دېيىشتىن ئۆزگىگە جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. توغرىسىنى دېگەندە باشقىچە جاۋابنى ئويلاپمۇ باقمايتتى... شۇ كۈنى كەچتە، ساۋۇت دەڭجاغا تونۇشلۇق بولغان نۇرغۇن چوكانلار ئارقا - ئارقىدىن 《 ئېرى 》 نى ئېلىپ كىرىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دېيىشىۋالغاندەكلا ھەممىسى بۇلۇڭدىن ياتاق سوراشتى ... ئەلياتقۇ ۋاقتىدا ئۇ ئادىتى بويىچە ياتاقلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ بۇلۇڭ ئۆيگە بېرىپ قالدى.
- ۋۇي... ۋۇي ئۇستام كەلدى، ئۇستام...- ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان چوكان تەمتىرىگەندەك بولۇپ، ئۆي ئىچىگە ئىتتىك قارىۋەتتى - دە، ئىشىكنى يەنە يېپىپ قويۇپ، ساۋۇت دەڭجاغا بېقىپ ھىجايدى،- كەلسىلە، كەلسىلە ئۇستام... ساۋۇت دەڭجا ئىلگىرىكىدەك سەل قورۇنۇپراق كىردى. كىردى - يۇ، ھەيران قالدى: بېرىلگەن ياتىقىدا يوق بولۇپ چىققان ئەر - خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى بۇ ياتاقتا تۇراتتى. ئۇلار، ساۋۇت دەڭجاغا قىزغىن مۇئامىلە قىلدى. ئۇنى سۇپىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزلىرى ئورنىدىن تۇرۇشتى.
–ئولتۇرۇشسىلا، ئولتۇرۇشسىلا،- دېدى ئۇ، ئۇدۇللا ،- كەچ بولغاندا ئارام ئالماي، بۇ يەرگە يىغىلىشىۋېلىپلىغۇ؟
- ھە، ئۇيقۇ كەلمەي ...ئۇستام،- بېشىغا كەپكە كىيىۋالغان ئوتتۇرا ياش ۋە ساقاللىق كەلگەن بىرى ئالدىراپلا جاۋاب بەردى،- بىردەم - يېرىمدەم گەپ سوقۇپ ئولتۇرىلى دەپ...
ئۇ گېپىنى دەپ بولالمايلا، يەرگە《 توك 》قىلىپ بىرنېمە چۈشتى. ئەتراپتىكىلەر ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى. باياتىن بېرى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ تۇرغان ھەممىدىن ياش، ئەمما، يىڭنە يەۋالغاندەك ئەبگالىشىپ كەتكەن بىرى ئىشتاننىڭ يانچۇقىدىن چىقارغان قولىنى ئوڭايسىز ھالدا يەرگە ئۇزاتتى. يەردىكىسى بىرتال ھوشۇق ئىدى. ئەسلىدە ئۇ، ساۋۇت دەڭجا دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بايا تىقىپ ئۈلگۈرەلمىگەن، ئارقىسىغا يوشۇرۇپ تۇرغان ھوشۇقنى يانچۇقىغا سېلىۋالماقچى ئىدى. لېكىن جىددىيلەشكەنلىكتىن چاندۇرۇپ قويۇپ...
يىگىت ئەتراپىدىكى چوڭلىرىغا قورقۇمسىراپ قارىدى.ئۇلار، يىگىتكە ھازىرلا ئېتىلدىغاندەك قەھرىلىك چەكچىيىشىپ تۇراتتى. چۆرۈلدۈرۈپ يېقىن قويۇلغان ئىككى- ئۈچ تال شام يۇرۇقى ئۇلارنىڭ چىرايىغا تېخىمۇ سۈر بېرەتتى.
-بۇ يەرگە يىغىلىپ ھوشۇق ئويناپسىلەر-دە!- كەندىرنىڭكىگە ئوخشاپراق كېتىدىغان بىرخىل ئۆتكۈر پۇراقنى ئەمدىلا سەزگەن ساۋۇت دەڭجانىڭ چىرايى تۇتۇلدى. ئۇ ئەتراپتىكى 《 ئويۇنچى 》لارغا نەپرەت بىلەن تەكشى قارىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى لام - جىم دېمەي تۇراتتى. ئۇ 《 ئېرى 》نىڭ يېنىدا تۇرۇشقان تونۇش چوكانلارغا بىر - بىرلەپ قاراپ چىقتى. ئۇلاردا خېجىللىق، قورۇنۇش دېگەندىن ئەسەرمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئەكسىچە ھەممىسى بۇرۇنقى ھالىتىدە، بىر - بىرىگە تۇيدۇرماي يېقىشلىق خۇلۇقلارنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرۇشقا ئۇرۇناتتى...سېھىرلىك تەبەسسۇم، ئوتلۇق بېقىشلار؛ ئىنتىزارلىق تەلمۈرۈش، نازلىق كۈلۈشلەر؛ مەنىلىك كۆز قىسىش، غىدىقلىغۇچى قاش ئېتىشلار ئۇنى راستىنلا چارىسىز قالدۇردى.
– گېزىرىپ تۇرغۇچە، خەققە بىلىندۈرمەيراق ئولتۇرۇپ ئازراق ئىچ پۇشىقىنى چىقاردۇق، كۆڭۈللىرىگە كەلمەس - ھە، ئۇستام؟- دېدى ئۇستامنىڭ غەزەپتىن تىترەپ كېتىۋاتسىمۇ، لېكىن نېمىشقىدۇر كېكەچلەپ گەپ قىلالماي قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇنداق تېز ھەم ئەپلىك ھالدا سول قېشىنى 《 لىككىدە 》بىر ئاتقان دوغلاق چوكان، شۇنىڭغا ئۇلاپلا تاتلىق كۈلۈمسىرەپ قويدى، -خەق ئۇقمىسا ھېچنىېمە بولماس؟
بۇ جان ئالغۇچى خۇلۇق قۇدىرىتىگە ساۋۇت دەڭجا بەرداشلىق بېرەلمىدى. ئۇنىڭ بەدەنلىرى يېقىملىق، چىداپ بولماس بىرخىل شېرىنلىكتە بوشىشىپ، تىلىدىن گەپ، كاللىسىدىن ئەقىل، جىسمىدىن قۇۋەت قاچتى. كۆزلىرى خىرەلىشىپ، تەسەۋۋۇرى تۇتۇقلاشتى. ئۆزىنى ئۇنىڭ قوينىدىكى چېغىدىكىدەك بىھوش سەزدى. ئۇنىڭ كاللىسىدا ھېلىلا پەيدا بولغان ئاچچىق، غەزەپ قاياققىدۇر ئۇچۇپ كەتتى.
-خەق ئۇقمىسۇن، خەق توپۇرلا ئۇقمىسۇن ...-دېدى ئۇ، ئەتراپتىكى چوكانلارنىڭ سىرلىق بېقىشلىرى ئالدىدا تەمتىرەپ،- مۇشۇ ئۆيدىن باشقا يەرەگە چىقمىساڭلار... بۆلەك ياتاقتا ئوينىمىساڭلار ...- ئۇ، نېرى - بېرىنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەيلا شۇنداق دەۋەتتى. ئەتراپتىكىلەر بىردىن خۇشال بولۇپ كېتىشتى . ساۋۇت دەڭجاغا تالاي رەھمەتلەر ئېيتىلدى... چوكانلار ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ، مەنىلىك قىستى، ھاياسىز، ئەمما، ئىسسىق قوزغاتقۇچى قوللىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى غىدىقلاپ تەشنالىق تۇيغۇسىنى ئويغاتتى. ھەتتا، كۈچلىنىپ قوزغىلىۋاتقان تاتلىق، قۇدرەتلىك تۇيغۇ ھېمايىسىدە، ئۇنى قايتا باشلانغان تاۋكا سورۇنىدىن چىقىپ كېتىشكىمۇ يول قويمىدى...
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر