باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قونالغۇ ئاخشاملىرى(1)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 10:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئەمدىلىكتە ئۇ، ياتاق سوراپ كىرگەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنى زادىلا سۈرۈشتۈرمەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئايالى ھېزىمخان ھەيران ئىدى. ئىلگىرى ئۇنىڭ بۇزۇق ئادەملەر كىرىپ قالمىسىلا بولىدۇ دېگەن گېپىنى ساۋۇت دەڭجا بىر ھۆركىرەش بىلەن ئۇچۇرۋېتەتتى. ئۇ، ئالدىغا كەلگەن قونغۇچىلارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، يۇرت - ماكانى، نام-ئەمالى، قونۇش سەۋەبى، بارار نىشانىنى... ئېرىنمەي سوراپ بولغۇچە، ئۆزىنى سوراقچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغاندەك سېزىشكەن كىشىلەرنىڭ نەچچىسى بۇ يەردە قونۇشتىن يالتىيىپ، ئۈن-تۈنسىز كېتىپ قالاتتى...
لېكىن، ساۋۇت دەڭجا ھامان ئۆز مىزانى بويىچە ئىش كۆرەتتى .«سەن، مېھمانلارنى خاپا قىلىپ قويىمىز، دېگىنىڭ بىلەن ئەسكى - تۈسكى ئادەملەر كىرىپ قالسا ، سېنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ، ھېزىم. ھېچ بولمىسا قولىدا خېتى بولسۇن –دە ! ـ دەيتتى ئۇ ئايالىغا دائىم،- يېتىم - يېسىرلارغا بولسا، ئۇ باشقا گەپ...»
ساۋۇت دەڭجا چىڭ تۇتقاچقا، بۇ دەڭگە گۇمانلىق ئادەملەر ئانچە كىرەلمەيتتى. نېمىلا بولمىسۇن، ئېرىنىڭ بۇ تەرەپلىرى ھېزىمىخانغا خېلىلا ياقاتتى. شۇغىنىسى ئۇ، يېقىندىن بېرى ئۆزگىرىۋالغان ئېرىگە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ، ئېرىنى ئاياپ كۆنگەن. ئەمدى ئۇنىڭغا يول كۆرسەتسە، قىلغان ئىشىدىن شاخ چىقارسا، ئۇ نېمە دەر ؟...
دەڭگە كىرىدىغانلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە ئىدى. ئۇلار ئىچىدە سودىگەر - تاپاۋەتچىلەرمۇ، يۇرتىدىن قاڭقىپ چىقىپ تىرىكچىلىك ئىزدەپ يۈرگەن تەۋەككۈلچىلەرمۇ، ھەرخىل دەردۇ – بالا ۋەجھىدىن جاھان كېزىپ يۈرگەنلەرمۇ، غېرىپ - يوقسۇلچىلىق دەردىدە بىرىر كېچىلىك پاناھ ئىزدەپ كىرىپ قالغانلارمۇ، خوۋلۇق - پاراغەتتىن بىزارلىق ھېس قىلىپ، سەپەر - ساياھەت باھاناسىدا بۇلۇڭ – پۇشقاقلاردا كۆڭلىگە ئاراملىق ئىزدەپ يۈرگەنلەرمۇ... ياشلارمۇ، قېرىلارمۇ، ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ ... ئىشقىلىپ، ھەر - خىل قورامدىكى، ئوخشىمىغان مەقسەت - مۇددىئالىق قونغۇچىلار بار ئىدى. نامرات، يېتىم - مۇساپىرلارنىڭ بۇ يەرگە چۈشكىنىنى چوڭ مېھمانخانىلاردا يېتىشقا پۇلى يوق كىرگەن دەپ جەزىملەشتۈرۈشكە بولاتتى. قىسمەن سودىگەرلەرنى مېلىنى دەرھال چۈشۈرۈشكە ئورۇن بولمىغانلىقتىن، دەڭدە ۋاقىتلىق قويۇپ تۇرۇشنى ئويلىغان دېيىش خاتا ئەمەس ئىدى. ئەمما، ھەربىر ئېغىز سۆزى، ھەر قەدىمى ۋە پېشىنى ھەربىر سىلكىشىدىن پۇل « قۇيۇلۇپ »، سۈپەت - سالاپىتى ئادەمنى ئەيمەندۈردىغان كىشىلەرنىڭ ، شۇنىڭدەك ھەممە ياق يۇندا- ژىن پۇراپ تۇردىغان، ئەخلەت - چىرىندىلىق دەڭگە زادىلا ماس كەلمىگەن مودا كىيىملىك، ياسىمال ئاياللارنىڭ... قونالغۇ سوراپ كىرىشىنى ھېچ چۈشۈنىپ بولمايتتى .
قاپقارا بۇرۇتىنى بولۇشىغا قويۇۋېىتىپ، ساقىلىنى پاكىز قىردۇرۇۋالغان، ئۇزۇنچاق يۈزلىرىدىن نۇر ۋە قىزىللىق يېغىپ تۇرىدىغان ساۋۇت دەڭجا كۇن بۇيى كۈلۈمسىرەپ، ھېجىيىپ يۈرەتتى. كۇندىن - كۇنگە كۆپىيىپ بىرىۋاتقان قونغۇچىلار ئۇنى خۇشال قىلاتتى، ئايىغىنى چاققانلاشىتۇراتتى. ئۇ مېڭىپ ھارمايتىتى، ئىشىلەپ تالمايىتتى ، كۈلۈپ قانمايىتتى. گاھ ئۇ ئۆيگە، گاھ بۇ ئۆيگە يۈگۈرەتتى. بىردەم كىرگەنلەرنى جايلاشتۇرسا، بىردەم چىققانلاردىن مانچە ئالاتتى... ئۇنىڭ بۇنداق تىنىمسىزچېپىپ يۈرۇشلىرىنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى ‹‹ساۋۇت دەڭجا قىرىق ئالتە ياشنىڭ قارىسىنى ئالدى » دېگەن گەپكە زىنھار ئىشەنمەيتتى.
ئۇ ئىلگىرىكى ئەخمەقلىقىگە ئۆكۈنەتتى: ‹‹ پۇل ھەممە ئادەمنىڭ ئوخىشاش تۇرسا، نېمە ئۇنداق خەقنى ئايرىپ يۈرۈپتۇۋۇلادى،- دەيىتتى ئۇ پات - پاتلا ئۆزىگە ،- ئېسىت، شۇ چاغلاردىمۇ دەڭجا دەپ يۈرۈپتىكەنمەن ئۆزۈمنى ». ئۇ شۇلارنى تۇنۇپ يەتكەندە ، پۇللىرى يانچۇقىغا سىغىماس بولغانىدى. ئەمدى قىشۇ - ياز باغلىۋالىدىغان قارا - كۆك رەڭلىك بەلبىغى پۇل تۈگىدىغان بىخەتەر ساقلىغۇچ بولۇپ قالدى. ئۇ ھەر قىتىم بەلبىېغىغا قولىنى تەگكۈزگەندە ئالەمچە خۇشاللىق، ئېيتىپ بولماس ئپتىخار ۋە مەغرۇرانە ھېسسىيات پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئىگىلىۋالاتتى ... بەلبىېغى بەكرەك تومپىيىپ كەتكەن كۈنلىرى بولسا ، ئۇنىڭ ئۈچۇن بەئەينى بايرام ئىدى. شۇنداق چاغلاردا ئۇ، قايسى بىر ئاھاڭلارغا غىڭشىپ قۇياتىتى ۋە ياكى ئايالىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇپ، ئۇنڭغا ئانچە – مۇنچە چاقچاق قىلغاچ، ئۇدۇل كەلگەن يىرىنى چىمدىپمۇ ئالاتتى. بەلبېغى قانچە كۆتۈرۈلسە، ئۇنىڭ خۇشاللىقى شۇنچە ئاشاتتى. بەكرەك قىلىقلىنىاتتى، شوخلىشىپ كېتەتىتى ... پۇلى سەزدۇرمەيلا ئۇنىڭغا قۇۋۋەت، غەيرەت ، غۇرۇر ، يىڭى كۆز ۋە يېڭىچە يۈرەك ئاتا قلماقتا ئىدى . ئىلگىرىكى پەمسىزلىكى، شۇكىرى - قانائەتچانلىقىغا شۇ تاپتا ئۆزىمۇ ھەيران ئىدى. ئۇ بىر چاغدىكى ئۆزىنى تىللاۋاتاتىتى، قولغا كەلگەن پۇلنى يۈرەكلىك ھالدا قاماللاپ تۇتالمىغان ئۆزىدىن نۇمۇس قىلىۋاتاتتى ... ‹‹سەندىن نىېمە كىتىدۇ؟- ئويلايتتى ئۇ،- كەلگەن مېھمانلارنى ئوچۇق چىراي كۈتۈۋالىسەن ، قايناق سۇ دېگەننى ھېزىم قاينىتىدۇ... يە ئوغرىلىمايسەن، يە بۇلىمايسەن، ھالال پۇلنىمۇ يۇلۇپ – يۇلۇپ ئالالماي بەش - ئالتە يىلنى گىزىرىپ ئۆتكۈزۇپ... »
پۇل ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ مەقسىىتى، مەنىسى ئىدى. پالانى بايكەن، پۇكۇنى خوجايىنكەن، پۇستانى ئەمەلداركەن ... دېگەندەك ئېغىزدىن تامشىپ چىقىدىغان ئىبارىلەر ئەمدى ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك تەسىرلىك بىلىنمەيتتى .ئۇ، شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەن ئىىدىكى، ئادەمنى توق قىلىدىغانمۇ، شوخ قىلىدىغانمۇ ۋە ئالەمدە يوق قىلىدىغانمۇ پۇل! پۇلسىز ئۆتكەن كۈن – ئاغرىقتا ئىڭراپ ئۆتكۈزگەن تۈن، پۇلسىز ھايات- بىئەجەل مامات!
بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۈرۈش تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. مەغرۇرانە چاقناپ تۇرغان كۆزى ئۇنىڭغا تىخىمۇ سۈر، سالاپەت بېغىشلايتى. گۈزەل ئارزۇ، شېرىن شادلىقلار بۆشۈكى ساۋۇت دەڭجانى يەڭگىل ئەللەيلىتىپ، ساناقسىز كۈنلەرنى ئۇنىڭ ئالدىدىن تاتلىق كۈلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋەتتى. ھېزىمخاننىڭ غەزەپ، ئەندىشىلىرى قورقۇش، تېڭىرقاشلىرى، نارازىلىق، دىلىغۇللۇقى...مۇشۇ كۈنلەر قوينىغا نۇردەك سىڭىپ ئۆتۈپ كەتتى.
قەھرىتان سوغۇق بەدىرەڭ تىىرناقلىرى بىلەن مۇسكۇللارنى ئۇستىخاندىن ئاجىرىتىپ يەيدىغاندەك ئاچچىق - ئاچچىق 《 چىمدىپ 》چېقىۋاتقان بىر كەچ. قۇياش ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا بۇرۇنلا باش قۇيۇپ، كىشلەر كۆزىدىن غايىپ بولغان چاغ. ئەتراپ سۈرلۈك، تۇمانلىق. قونالغۇ سوراپ كىرگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بىرلىرى ئات - ئېشەكلىك، بىرلىرى ھارۋا بىلەن، يەنە بەزىسى يۈك - تاقىلىرىنى مۈرىسىگە ئارتقان پېتى كىرىپ كەلمەكتە. ساۋۇت دەڭجا ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش. ھېزىمخان قونغۇچىلارغا چاي قاينىتىپ بولالماي ئاۋارە. ئۇ ئاغزى دەڭنىڭ دەرۋازىسىدەكلا يوغىناپ كەتكەن، ماڭلىيى ئۇچۇپ چۈشۈپ، دۇت مۇناقىپ تۇرغان ئوچاقنىڭ كولىڭىغا ئېڭىشىپ ئىخلاس بىلەن ئوت پۈۋلىمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ مۇددەتتىن تولىمۇ بۇرۇن شالاڭلاپ كەتكەن ئۇتتۇر چىشلىرى ئوز قەدرىنى راسا كۆرسىتىۋاتاتتى. ئولتۇرۇشقان كۆزلىرى قىسىلغان، ئاچچىق ئىستا ئېچىشقان، ياشاڭغۇرىغان ... ۋاقىتسىز قورۇلغان يۈزىدىكى قالايمىقا ئېرىقچىلار جۇغلانماقتا، دەقىقىسېرى كۆپەيگەندەك بىلىنمەكتە. خۇنسىز چىراي ئوت تەپتىدە قىززىغان، قىزغۇچ رەڭگە كىرگەن...
-مەن بىر كېچە قونۇۋالايمۇ، ئاچا؟
ھېزىمخان چۆچۈپ بېشىنى كۆتەردى. بوسۇغا ئىچىدە سانسىز ياماقلار چۇشكەن قاپقارا خالتىنى مۇرىسىگە ئارتىپ بىر كىشى تۇراتتى. ئۇنىڭ قىزىرىپ، چاپاق باسقان كۆزلىرى ئىسلىنىپ كەتكەن ۋەيرانە بۇ ئۆيگە، ھېزىمخانغا بىچارە ھالەتتە مۆلدۈرلەپ قارايتتى. ئۇنىڭ ياش قۇيۇلۇپ تۇرغان ئۇياتچان كۆزلىرىدە ئاللىقانداق ئەندىشە، غېرىبلىق، بىچارىلىق نۇرلىرى ئەلەڭگىيتتى. رەڭگارەڭ كۆندىن نۇرغۇن جايلىرىغا باستۇرۇپ ياماق سېلىنغان تىتما - تالاڭ پىيمىسىنىڭ ئۇچىدىن پۇتىنىڭ قىزارغان باش بارمىقى ماراپ تۇراتتى. پاختىسى كۆرۈنۈپ قالغان شىرىق تامبىلى ۋە كىر تۇتۇپ پارقىراپ كەتكەن كۆك خادانى پاختىلىق چاپىنىمۇ ئايىغى بىلەن سۇپەتداش ھالەتتە ئىدى...
ئۇنىڭدىن باشقا ئايال بولغىنىدا،ئاتمىش ياش ئەتراپىدىكى قاسماق ساقال بۇ ئادەمنىڭ قىرىق ياشقىمۇ ئۇلاشمىغان ئۆزىنى 《 ئاچا 》دېگىنىگە قاراپ تۇرماس ئىدى. لېكىن ئۇ، بۇنى ئېغىر ئېلىپ كەتمىدى، ئەكسىچە ئۇنىڭغا ئىچى سېرىلدى. شامال ئۆتۈشۇپ تۇرغان جەندە تۇماقلىق چار ساقال بوۋاي ئۇنىڭغا، كوچا - كويلاردا سۆزلەپ يۈرۈپ يىگانە ياشاپ،خارلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەن رەھمەتلىك دادىسىنى ئەسلىتىپ قويدى. ئۇ، ئالدىدىكى بوۋايغا جاۋاپ بېرىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئون توققۇز - يىگىرمە يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن دەردمەن دادىسىنى ئەسلەپ كەتتى...
-ماقۇل ...ماقۇل، قونۇۋالسىلا،- دېدى ئۇ بىر ھازادىن كېيىن ئېسىنى يىغىپ،- ئاۋال پۇت - قوللىرىنى ئىسىسىتىۋالسىلا،ئاندىن...
جالاقلاپ تىترەۋاتقان بوۋاي مىڭ رەھمەتلەرنى ئېيتىپ، ئوچاق تەرەپكە قەدەم بېسىشىغا ئۈلگۈرتۈپ ساۋۇت دەڭجا كىرىپ كەلدى. ئۇ،جىددى بىر ئىش ئۈچۈن كىرگەندەك قىلاتتى.
-ھەي گىجىڭ خوتۇن، نىمە ئۇنداق قاينىمايدىغان چاي بۇ؟ - ئۇ قوپال ئاۋازدا خوتۇنىغا ۋارقىراپ بولۇپ، ھېلىقى بوۋاينى كۆرۈپلا، گېپىنى يۆتكىدى، -نىمە ئادەم بۇ؟
-قونغىلى كىرىپتۇ.
-قونغىلى؟...ياتىدىغان يەر قالمىدى!
-مەن ماقۇل دەپتىكەنمەن، بىر كىشلىك ئورۇن چىقىپ قالار، قېرىغان ئادەم ئىكەن...
-ياتىدىغان يەر يوق دېسەم يەنە قېرىغان ئادەم ئىكەن دەيسەنغۇ؟ سېنىڭ ئورنىڭدا ياتقايمۇ ئەمىسە؟ ھۇ...غەرەز ئۇقمايدىغان ...- كۆزىنى ئېرىدىن قاچۇرۇپ، ئوچاقتىكى پاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا قاراپ تۇرغان ھېزىمخانغا چاينىۋېتىدىغاندەك ھومايغان ساۋۇت دەڭجا، سەل تۇرىۋېلىپ قوشۇپ قويدى،- باشقا دەڭگە بېرىپ باقسۇن...
ئوچاق ئالدىغا بېرىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن بوۋاي، ھېزىمخانغا ئىلتىجالىق تىكىلگىنىچە، ئۈن - تىنسىز ھالدا ئۆرە تۇراتتى. كۆزلىرىدىن تەمە، ئۆتۈنۈش، تىلەش، يېلىنىشقا ئوخشاش كۆپ مەنالىق، گۇڭگا، ئەمما كەسكىن، جىددىي پىكىر ئۇچقۇنلىرى چاقنايتىتى.
ھېزىمخان ئاغزىنى نەچچە ئۆمەللەپ، ئېرىگە قارايتتىيۇ، ئۇزاق تىكىلىپ تۇرالمايتتى، گەپمۇ قىلالمايتتى. گەرچە ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنى خورلانغان ساناپ غەزەپ كۈچى ئىچ - ئىچىدىن تېشىپ تۇرسىمۇ...
-بىر كىشلىك ئورۇن تۇپۇرلا چىقماسمۇ ئۇستام ؟ - قىسقا سۇكۇناتنى يەنىلا بوۋاي بۇزدى، - بىر كېچىلا قونۇۋالسام بولاتتى.
-باشقا دەڭگە بېرىپ باقسىلا بولمامدۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ مېھمانخانىسىغا بارسىلىمۇ بولىدۇ، - ساۋۇت دەڭجا سىناش نەزەرىدە ئۇنىڭغا قادالدى. ئاۋازىمۇ سەل يۇمشاق چىقىۋاتاتتى.
-شۇ...شۇنداق قىلسامغۇ بولاتتى،- بوۋاي كۆزلىرىنى ساۋۇت دەڭجادىن قاچۇرۇپ، گۇناھكارلاردەك يەرگە قاراپ تۇراتتى، پېشانىسىنى مەقسەتسىزلا تاتىلايتتى،- قېچىپ كەتكەن ئوغلۇمنى ئىزدەپ كېلىۋىدىم...ئۇنىمۇ تاپالمىدىم. يېنىمدا تۈزۈك بىر نەرسە قالماي...يېنىمدا بىر نېمە يوق...شۇڭا، شۇڭا ئەرزان ...
-بولدى، بولدى ئاكا، گەپ بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ياتىدىغان يەر تاپالماي قالمىسىلا يەنە،- بوۋاي،《 ئەرزانراق يەردە ياتاي دەپ كەلدىم 》دېمەكچىمىدىكىن، ئۇنىڭ گېپىنى ساۋۇت دەڭجا جايىدىلا ئۈزۈۋەتتى،- گەپلىرىنىڭ ئورامىغا قارىسام، سىلە بىزنىڭ قوشنا يېزىدىن ئوخشايلا، سىققۇدەك ئورۇن بولىدىغان بولسا، سىلىنى قوندۇرۋالماي قالىمەنمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دەڭمۇ يېزىنىڭ تۇرسا... يېزىدىكىلەرنى دەپ قىلىمىز ئەمەسمۇ بۇ ئىشنى؟ مەنمۇ تۇغما سەھرادىن، سىلىگە يالغان ئېيتىپ نېمە قىلارمەن... خوتۇنۇم ياتقان ماۋۇ ئۆيگە ئورۇن سېلىپ بەرسەك بولماس ھېلى...
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر