باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۆزگىلەر ئىستىكىدە نېمە سەۋدا(1)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 10:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەيدىكى ئۆزۈم ھەققىدە

  يۇرت تۇپرىقىغا قەدەم بېسىشىم بىلەنلا، يەنە قانداقتۇر بىر مەسئۇلىيەت ۋە قەرزدارلىق تۇيغۇسى روھىمنى چۇلغىۋالدى. بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، قەلبىمنى چۇخچىلاشقا، چالغىتىشقا باشلىدى. شۇئان، يازمىلىرىمنى ئوقۇپ ئادەتلەنگەن تالاي ئاپتورلار ماڭا ئۇمۇنۇش بىلەن تەلمۈرۈۋاتقاندەك بىلىندى. گۆدەك بالىلارنىڭ ئۇمۇنۇشلىرىنى تاتلىق - تۇرۇملار بىلەن بېسىش مۈمكىن، لېكىن يېتىلگەن ئوقۇرمەنلەر دىلىدا ئويغانغان ئېرىشىش ئىستەكلىرىنىچۇ؟

  يازاي!

  پەقەت مۇشۇلا ئەڭ مۇۋاپىق سوۋغاتتەك بىلىندى. ياش يازغۇچىلارنىڭ شاڭخەيدىكى ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە توربەتلىرى ۋە باسما مەتبۇئاتلاردا كۆپلىگەن يازمىلار ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئاشۇ يازمىلاردا، يازمىلار بايانىدىكى قىزغىن كوللېكتىپ ئىچىدە مېنىڭمۇ ئىز – تېۋىشلىرىم جىمىرلاپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ماڭا قۇچاق ئاچقان قەدىردان كۆڭۈللەرگە يەنىلا ئۆز ئاۋازىم بىلەن كىچىككىنە سوۋغاتلىق ئۇچۇر تەييارلىغۇم كەلدى. پەقەت شۇندىلا كۆڭلۈمدىكى ئارامسىزلىقلار سەل بېسىقىدىغاندەك قىلاتتى.

  شاڭخەيدىكى بىر ئايلىق ئۆگىنىش ۋاقتىنى بەك ئۇزاق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن ئۇ يەرگە بېرىپ كۆرمىگەنلەر، كۆرۈپ كۆنمىگەنلەر ئۈچۈن بەك ئۇزاق، بەكمۇ ئۇزاق ۋاقىت سانىلىدۇ. بەختىمىزگە، قىزغىن كوللېكتىپ تۇرمۇش سەزگۈمىزدىكى ۋاقىت ئوقۇمىنى خېلىلا قىسقارتقانىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ قېتىم ئۆگىنىشكە كەلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈچۈن شاڭخەي يېپ - يېڭى بىر دۇنيا سانىلاتتى. ئۇنىڭ ھەممىلا يېرى، ھەممىلا نېمىسى يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلاتتى. يېڭىلىقلار بەخش ئېتىۋاتقان يېڭى تۇيغۇلارمۇ ۋاقىتنى تەبىئىي ھالدىلا ئۇنتۇلدۇراتتى.

  يېڭى جەريان ۋە يېڭى كۆرۈنۈشلەر يېڭىدىن - يېڭى تۇيغۇلارنى تۇغاتتى. شائىرلار ھاياجانلانماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇچقۇر قەلىمى تۇيغۇ ئاپاراتى بولۇپ، كۆرۈنگەندىن تۇغۇلغان ھىسلارنى سۈرەتكە ئېلىپ باراتتى: گۈزەل شاڭخەي، تەرەققىي قىلغان شاڭخەي، مەدەنىي شاڭخەي، ھەر ياقلاردا تىكىپ قۇيۇلغان ئىمارەت دەرەختەك كۆرۈنىدىغان رەڭدار ۋە كۆككە تاقاشقان بىنالار، تېنىمسىز خۇاڭپۇجىياڭ، مۇشۇ دەريا تۇغقان چۈشتەك گۈزەل كەچلىك مەنزىرە.... بولۇپمۇ، شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى قارمىقىدىكى « ئىجادىيەت بازىسى » غا كەلگەندىن كېيىنكى تېنچ ۋە ساپ مۇھىت، كۆز يەتمەس دەريا، چىرايلىق يوللار، چىمەنزار كۆللەر، قەدىمىي دەرەخلەر، يېشىل ئېتىزلار، تىمتاس مەھەللىلەر، ئارامسىز پاقىلار، توختىماي سايرايدىغان قۇشلار، تىنجىماس كېپىنەكلەر، پارقىراق قوڭغۇزلار.... يەنە نېمىلەركىن، ئىش قىلىپ، شائىرلىرىمىزنىڭ ھاياجانلىق نەزەرىدىن ھېچنېمە قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. مەنمۇ ئۈنسىز سېلىشتۇرۇپ، يەكۈنلەپ باراتتىم: شاڭخەي _ كېچە بولماس شەھەر، شاڭخەي _ توك قاچماس شەھەر، شاڭخەي _ ئېنىرگىيە ئۆكسۈمەس شەھەر، شاڭخەي _ توققۇزى تەل شەھەر.... يېڭى كۆرۈش ۋە يېڭى كۆرۈنۈش دېگەن مانا مۇشۇنداق بولاتتى. ھاياجانلىق دىللارنى ئۆزىگە تېزلا مەھلىيا قىلىپ، ھەممىنى ئۆزى بىلەن بىر دەريادا ئاقتۇراتتى. ھاياجان دېگەن مانا مۇشۇنداق بولاتتى. ئۇ يامراپ كەلگەن ھامان، ھەرقانداق چەك – توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۆرەلگەن مۇددىئاسى تامان سەل بولۇپ تاشاتتى. ھە-ئە، شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمى گويا تۇلپار بولۇپ چاپماقتا ئىدى. ئۇنىڭدىن چاچرىغان يالقۇنلار ھاياجانلىق تور ئەھلىلىرىنىڭ ۋۇجۇدلىرىغا ئوت بولۇپ تۇتىشاتتى. تور بەتلىرى يەكشەنبىلىك دېھقان بازىرىدەك قايناپ كەتكەنىدى. ئىنكاسچىلار شائىرلىرىمىزغا قەسىدە – مەدھىيەلەر ئوقۇشاتتى. مەدەت، ئىلھاملار تىلىشەتتى. كۆپ يېزىشقا، توختىماي يېزىشقا دەۋەت قىلاتتى. كىملەردۇر ئارىمىزدىكى قايسىبىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ماختايتتى، يەنە كىملەردۇر قايسىبىرىمىزنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئىلھام قۇشلىرىمىزنى پەرۋاز قىلدۇرۇشقا، تورغا ئەسەر يوللاشقا، تور بازىرىدىن چۈشۈپ قالماسلىققا چاقىراتتى. قىزغىنلىق شۇ پەللىگە يەتكەنىدىكى، ئەدىبلەر شاڭخەيدەك چوڭ شەھەرگە بارغانىكەن، چوقۇم بىر نەرسە يۇقماي قالمايدۇ. بىر نەرسە يۇققانىكەن، ئەسەر يازالماي قالمايدۇ، دېگەن يەرگىچە ئۇلاشقانىدى. ئىنكاسلار يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ: شاڭخەيگە بېرىپمۇ بىر نەرسە يازالمىغان ئادەمنى ھەقىقىي ئەدىب دېگىلى بولمايدۇ، دېگەن يۆنۈلۈشكە قاراپ سوزۇلۇپ ماڭىدىغاندەكلا بىلىنەتتى. ئەسەبىي ئىلھاملاندۇرۇشلار نېمىلەرنى تۇغدۇرمايدۇ. قىزغىنلىققا مايىللىق نېمىلەرنى تۇغمايدۇ. دىل خانىلىرى شېئىر زىلزىلىسىدىن دەۋرەيتتى. سۆزلەر دېڭىزى قاپىيە تاشقىنىدىن تەۋرەيتتى. شائىرلار توختىماي يازاتتى. كۆرۈپلا ھاياجانلىنالايدىغان، ھاياجانلانغان ھامان دەرھاللا يازالايدىغان قەلىمى يۈگرەك شائىرلار، ئەتراپ مۇھىتىمىزدىكى جىمى شەيئىنى سۈرەتتەك سىزىپ كۆرسىتىپ، تور ئەھلى ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلىپ باراتتى. قىزىققان ئىنكاسچىلارغا لازىمىمۇ مۇشۇ خىل سۈرئەت ۋە ھازىر جاۋاب ماھارەت ئىدى. شېئىرىيەت پەرىشتىسىنىڭ ھەقىقىي ۋىسالىغا ئۇلىشىش بۇ قەدەر تېز، سىجىل ۋە مېخاينىك بولمايدىغانلىقىغا ئىشەنسەممۇ، ئارىمىزدا مۇشۇنداق ئۇچقۇر قەلەم ساھىبلىرىنىڭ بولغىنىغا شۈكرى، دەيتتىم ئىچىمدە. ئەمدى، يازالمىغانلارچۇ؟ تور ئەھلىنىڭ بېسىمى دەل مۇشۇلارغا مەركەزلىشىۋاتاتتى. شائىرلار قوزغىغان قىزغىنلىق تەسىرىدە ئەتراپقا شائىرلىق ئوتى تۇتاشقانىدى. ھەممىلا ئادەمنىڭ شائىر بولغۇسى كېلەتتى. شائىر بولغاندىلا، تور ئەھلىنىڭ شۇ تاپتىكى بېسىمىدىن قۇتۇلغىلى بولىدىغاندەك، ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى تېزلا نامايان قىلغىلى بولىدىغاندەك ۋە بۇ يەردە بىكار يۈرمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. ئېھتىمال، دەۋەت قازانلىرىدا قايناۋەرسە، شېئىر ۋە شائىرلىق قىزغىنلىقىمۇ يۇقسا كېرەك. دەرۋەقە، ئەزەلدىن نەسرىي ئەسەرلەرنى يېزىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىملار شېئىر يېزىپ ۋە ئۇنى تور بەتلەردە ئېلان قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. لېكىن مەنچۇ؟ يەنىلا تىت - تىتلىق ۋە بىئاراملىق ئىچىدە سېلىشتۇراتتىم. باشقىلار بىلەن ئۆزۈمنى، ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈمنى، ئۆز بىلەن ئۆزگىنى، ئادەم بىلەن ئادەمنى، شائىر بىلەن شائىرنى، شەھەر بىلەن شەھەرنى، سەھرا بىلەن سەھرانى، دېھقان بىلەن دېھقاننى.... نەپسىم سىقىلاتتى. ۋۇجۇدۇم تىترەيتتى. مەرھۇم ئاپام ھەققىدە تەكرار كۆرگەن چۈشۈمنى شېئىر قىلىپ يازغۇم كېلەتتى: _ بەك يىراققا كېتىپسەن بالام، _ دەيتتى ئۇ، قولىنى ماڭا سوزغىنىچە كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ، _ ھېمىشە: ۋاق ئۇخلاپ قالغان كۈنۈم مۇڭلۇق ئەزان ئۈنى مېنى ئۇيغۇتىۋېتىدۇ، دەيتتىڭ. يەنە شۇ ئاۋازنى ئاڭلاۋاتامسەن، بالام. ئۇنى ئاڭلىغان ھامان ئورنۇڭدىن چاچراپ قوپالارسەنمۇ، بالام. توۋلىسام ئاۋازىم يېتەرمۇ، بالام. ئۇزاق تۇرۇپ قالساڭ، بىزنى ئۇنتۇپ كېتەرسەنمۇ، بالام؟!

  چاناقلىرىم لىققىدە ياشقا تولغانىدى.

  _ سىلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، ئاپا، _ دەيتتىم شائىرانە ھاياجان بىلەن. ئۇنى كۆرمىگىنىمگە ئۇزاق بولغانىدى. _ ئۆزۈم بۇ يەردە بولساممۇ، ئەس – خىيالىم سىلەردە؛ جىسمىم بۇ يەردە يۈرسىمۇ، يۈرىكىم سىلەر بىلەن؛ ناتونۇش تۇپراققا دەسسەپ تۇرىۋاتساممۇ، تونۇش تۇپراقتىن _ سىلەردىن نەپەس ئېلىۋاتىمەن. ھېلىغۇ بۇ شەھەر ئىكەن، قەدىمىم كۆككە يەتسىمۇ، نەپەس ۋە خىياللىرىم مەڭگۈ سىلەر بىلەن. مەن شۇنداق بالىڭىز، ئاپا!....

  شۇ چاغدا روھىم ئېرىپ، جىسمىم ئۇۋۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك بىلىندى. ئەمما بۇنىڭ ھەقىقىي شېئىر ئۈچۈن قورساق كۆتۈرۈش، ئىجاد ئۈچۈن تولغاق يىيىش ئەمەسلىكىنى كېيىنچە ھىس قىلدىم. شاڭخەينىڭ رەڭگارەڭ چىراغلىرى چاقناپ تۇرغان ئايسىز ئاسمىنىغا قاراپ، يۇرتۇمنىڭ ئاي - يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان چىراغسىز سەھراسىنى كۆرگىنىمدە؛ ھەممىلا يەرنى قاپلىغان سۇغ يېشىللىققا تىكىلىپ تۇرۇپ، چەكسىز ۋە قايناق قۇملۇقلارنى كەزگىنىمدە؛ ئاسايىشلىق ۋە خاتىرىجەملىك ئىچىدە يۈرىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرۈپ، ئەندىشە، مۇھتاجلىق قېتىدا تىپىرلاۋاتقان توپا چىراي ئىنسانلارنى، چارىسىزلىكتىن، بىر سۇغۇرۇم سۇ ئۈچۈن بىر قورساق قېرىنداشلىرى بىلەن ئادا – جۇدا بۇلىشىۋاتقان دېھقانلارنى.... كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە بۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلدىم. كوللېكتىپنىڭ قىزغىن كەيپىياتى ئۈچۈن كۆپ كۈلگەن، كۆپ سۆزلىگەن بولساممۇ، ئاۋاز چىقىرىپ ھىجايغاننىڭ ھەممىسىلا كۈلكە بولمايدىغانلىقىنى، قاھ - قاھلاپ يىغلايدىغان، ئېسەدەپ كۈلىدىغان چاغلارنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدىم. ئالدىن تۈزگەن پىلانىمنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سېلىشتۇرۇش ئىدى. سېلىشتۇرۇش _ تەسەۋۋۇرنىڭ، تەسەۋۋۇر _ ئىجادىيەتنىڭ ئانىسى دېيىلىدىغۇ. لېكىن بۇلار ئازاب ۋە غەزەبنىڭمۇ ئانىسى ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلەي. سېلىشتۇرۇش چوڭقۇرلىغانسېرى، نەپەسلىرىم ئېغىرلىشاتتى، دېماقلىرىم ئېچىشاتتى. بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ كەلگىنىنىڭ شېئىر ئاشقۇنى ئەمەس، يىغا تاشقىنى ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا بىلدىم. دېمەك، ۋۇجۇدۇمدىكى شېئىرسىمان زىلزىلە شېئىرىي تۇغۇمنىڭ چېقىنى ئەمەس ئىكەن، ئەكسىچە،..... ئەتراپىمدىكىلەردىن ھەر كۈنى بىر تالاي شېئىر تۆكۈلۈپ تۇرىۋاتسىمۇ، يەنىلا شېئىرسىراپ كەتكەنىدىم. مېنى يىغا تۇتقانسېرى، ئۆزۈم سېغىنغان ھەقىقىي شېئىر بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكۈم كېلەتتى. ئۇنىڭغا خىتاب قىلاتتىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن چەكسىز بوشلۇقلارغا تەلمۈرۈپ ئىلتىجا قىلاتتىم.... شاڭخەيدىكى ئۆگىنىش ۋە ئۇ ھەقتىكى قىزغىنلىقلار يەنە بىر ئاي داۋاملاشقان بولسا، ئەھۋال يەنە قانداق بولار ئىدىكىن. شۇ كۈنلەردە « كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن » دېگەن تەڭداشسىز ناخشىنى يېنىش – يېنىشلاپ غىڭشىپ ئوقۇش بىلەن شېئىرغا بولغان خۇمارىمنى باستىم. شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ مۇنۇ شېئىرنى ئاخشاملىرى ئاۋازىمنى قۇيۇۋېتىپ دېكلاماتسىيە قىلىپ، مېنى كۆيدۈرگەن شېئىر ئوتىنى پەسەيتتىم:
ئاخشاملىرى چىقىپ تالاغا،
قەلبىمنى پاك ھېسقا ئورايمەن.
مەغرىپ تامان ئۇچقان شامالنى،
ھوزۇرلىنىپ ئۇزاق پۇرايمەن.
شەبنەم تامغان كىرپىكلەر ئارا،
مېھرىم بىلەن ئايغا قارايمەن.
ئاسمىىنىڭنى كەزگەن شۇ ئايدىن،
تۇپرىقىڭنى سۆيگەن شامالدىن،
ئاھ، ۋەتىنىم، سېنى سورايمەن!
قېنىم قىزىغان، بېتىم قىزارغىنى بىلەن، ئىجاد نېرىفلىرىم مىت قىلىپمۇ قويمايتتى. نومۇس قىلاتتىم. خىجىلچىلىقىمنى تىلىمدا يوشۇرماي ئىپادىلەپ تۇراتتىم. « سەن ئارىمىزدىكى ئۆز – ئۆزى بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان بىردىن – بىر ئادەم ئىكەنسەن. ئەمەلىيەتتە، سەن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك نۇقتىلاردا يېزىۋاتىسەن.» دېدى، ئۇزۇندىن بېرى بالىلىرىمىزنىڭ سۆيۈملۈك دوستى بولۇپ كېلىۋاتقان ياش پېداگوگ، شائىر زامانىدىن پاكزاد ماڭا تەسەللىي بېرىپ. لىرىك، چىرايلىق شېئىرلىرى بىلەن ماڭا تونۇش بولۇپ كەتكەن شائىر مۇختار سوپىمۇ ئۆز تەسەللىيسىنى يېنىش - يېنىشلاپ دەپ ئۈلگۈردى: « سىز، بىزگە ئوخشاش، شامالغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئادەم ئەمەس. كۆرگەنلا شەيئىي ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ، تۇيغۇڭىزنى ئىسراپ قىلمايسىز. نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن. سىز بۇنىڭدىن چوڭراق يەرگە بارسىڭىزمۇ مۇشۇ ھالدا تۇرۇۋېرىسىز، ئەمما ئۆز يولىڭىزدا مېڭىۋېرىسىز. » ئۆزگىچە پىروزا ئىجادىيەتلىرى بىلەن دىققەت تارتىپ كېلىۋاتقان ياش يازغۇچى تۇرسۇن ماخمۇتمۇ ئۆز قارىشىنى يۇشۇرمىدى: « سەن، بىز كۈتمىگەن نۇقتىدىن تەپەككۇر قىلىدىغان ئادەمسەن. شاڭخەيدە چوقۇم يېزىش شەرت ئەمەس، ئارام ئال. كېيىن ھامان يازىسەن.... ». شائىر ئوسمان قاۋۇل ۋە شائىر ئۆمەرجان سىدىقلارمۇ تاتلىق سۆزلەر بىلەن كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈپ ئۈلگۈردى. كۈلمەي تۇرۇپ كۈلدۈرەلەيدىغان دوستىمىز، كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ئوبزورچى، يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇر ئۆزگىچە سۆز قاتتى : « شاڭخەيدەك شەھەرگە كېلىپمۇ بىرنەرسە يازالمىغانغا قارىغاندا، ئىككىمىز دۆتمۇ – يا، ئاداش؟! » كۈلۈشكەن بولدۇق. دوستلارنىڭ كۆڭۈل ياساشلىرىدىن سەل – پەل تەسەللىي تېپىپ قالغان بولساممۇ، يۈرىكىمنى يەنىلا بىر نەرسە تاتىلاپ تۇرىۋاتقاندەك بىئارام بولاتتىم. تولغىقى تۇتقان ئايالدەك قىينىلاتتىم. بوغۇزۇمغا شېئىردەك ئوتلۇق، ئازابتەك يېپىشاڭغۇ، غەزەبتەك كۈچلۈك، نەپرەتتەك ئاچچىق بىر نەرسە ھامان كەپلىشىپلا تۇراتتى. مېنى قىيناۋاتقان بۇ كۆڭۈلسىز جەرياننى كۆڭۈللۈك بىر نەتىجىگە ئايلاندۇرغىلى بولسا كاشكى. بەلكىم دوستلارنىڭ ماڭا بەرگەن تەسەللىيلىرى ئورۇنلۇقتۇر. ۋە بەلكىم مەن تەپەككۇرى قاشاڭ ئادەمدۇرمەن. ئويلاپ باقسام، بۇ يەردە نۇرغۇن نەرسىدىن ھوزۇرلىنىپتىمەن، ئەمما ھاياجانلىنالماپتىمەن. مەيلى نېمىلا بولاي، بىر نەرسىگە ئىشەندىم: مەن، كۆزۈم كۆرگەنلا نەرسىدىن ھاياجانلىنالايدىغان ئادەملەر تىپىدىن ئەمەسكەنمەن!....
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر