باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يازلىق يەلتاشما (ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان)(10)

پوۋېست

2015.03.31 09:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاخىر تاڭمۇ ئاتتى. لېكىن قىچىشىش توختايدىغاندەك قىلمايتتى. قېرىشقاندەك، كۈن چىقىشى بىلەن تەڭ قىچىشىشقا قوشۇلۇپ ئۇنىڭ ئىچى سۈرۈشكە باشلىدى. ئىچى سۈرگەن ئادەمنىڭ كۆتىنىڭ قىسىلچىقىنى تاتىلاشقا بولسۇنمۇ. ئىچى - ئىچىدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان بۇ شېرىن قىچىشىشنى قاشلىماي چىدىغىلى بولسۇنمۇ؟– تازا مۇھىم ۋاقتىدا ئاغرىپ قالدىم. ئابدۇساتتار شياڭجاڭنىڭ يەلقاچما جېڭى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەزالارنى يىغىپ يەتكۈزۈۋەتسەم بولاتتى... بۇ قىچىشىشقا ھېچ چىدىيالمىدىم. ۋاي، بۇ قورسىقىم يەنە ئاغرىپ كەتتى...

  ئۇ شۇنداق دەپ زارلىناتتى، زارلىنىپ تۇرۇپ تاتىلايتتى، ھاجەتخانىغا يۈگرەيتتى... بىر كېچە ئۇخلىمىغىنى ئۈچۈنمۇ ياكى قىچىشىشقا قوشۇلۇپ كەلگەن ئىچ سۈرۈشنىڭ ئازابىدىنمۇ، ئۇنىڭ مېڭىسىمۇ باشقىچە بولۇپ قالدى. نەق مەيدان يىغىندا، ئابدۇساتتار شياڭجاڭنىڭ ئادەم بار دېمەيلە ئۇسۇرۇپ قويغىنىنى خىرە - شىرە ئەسكە ئالغاندەك بولدى - يۇ، يەنە شۇئانلا ئۇنتۇپ كەتتى، بۇلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئىشلار ئېسىدىن قاچتى. لېكىن ھەيران قالارلىقى، ئۇ يەلقاچما جېڭى دەپ ئۇقتۇرۇلغان ئورما ۋاقتىنىڭ قايسى كۈنى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىغانىدى.

  ئۇنىڭ ئىششىغان كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، مېڭىسى زىڭىلداپ تۇرسىمۇ، بېغىدىكى ھاجەتخانىدىن يىراققا كەتسە چىدىيالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. شۇڭا ئۇ خوتۇن - بالىلىرى سىمىنى ئۇزارتىپ بەرگەن مىكرافوننى ھاجەتخانىغا ئەكىرىپ، قوپماي ئولتۇرۇپ ۋارقىراشقا باشلىدى:

  – يولداشلار دىققەت! يولداشلار دىققەت! يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشى بويىچە 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يەلقاچما جېڭىنى باشلايمىز، ھە، بۇغداي ئورمىسىغا چۈشىمىز، – قىچىشىش ئەدىگەنسېرى ئۇ تېخىمۇ قاتتىق توۋلاشقا باشلىدى، – ھەرقانداق ئادەمنىڭ بۇغدىيىم پىشمىدى، ئۇ، بۇ دەپ باھانە كۆرسىتىشكە بولمايدۇ، ھە، پەقەت بولمايدۇ! مەن ئوبدان بىلىمەن، بۇ مەھەللىدە خوتۇنىنىڭ ئىشتىنىنى كىيىدىغان بىر نەچچە گۇي بار. ھە دېسىلا خوتۇنىنىڭ كەينىگە كىرىپ، كەنت كادىرلىرىغا شىلتىڭ ئاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كەينىدىن خوتۇن كىشىدەك غەيۋەت قىلىدۇ، ئەمما لېكىن، بۇ قېتىم ئۇنداق قىلىشىغا رۇخسەت يوق. كىمدە - كىم يەلقاچما جېڭىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئانا - مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىدۇ. ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يەلقاچما جېڭىنى باشلايمىز. خوتۇننىڭ قوينىدىن چىقماي ياتسىڭىزمۇ كومبايىن كېلىۋېرىدۇ، بۇغداي ئورمىسىغا چۈشىمىز!... بۇغداي ئورىمىز، بۇغداي!!...

  شۇ كۈنى كىشىلەر، مۇھەممەت مۇسانىڭ كېسىلى تۇتقانلىقىغا رەسمىي ئىشەندى. يولغا چىقىۋېلىپ ئۇسسۇل ئوينىغىنىنى كۆرگەندە بولسا، چوڭ - كىچىك ھەممىلا ئادەم « توۋا! » دېگىنىچە ياقىسىنى تۇتۇشتى.

  رادىيودا ئورمىغا چۈشۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ئاڭلىتىلغان كۈنى كەچتە، مۇھەممەت مۇسا تۇيۇقسىزلا چوڭ يولغا چىقىۋېلىپ ئۇسسۇل ئويناشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى غايىپ ئەرۋاھلارغا تىكىلىۋاتقاندەك، ئەتراپقا ئالاڭ - بۇلۇڭ قارايتتى. ئاللىقانداق بىر ئاۋازنى ئاڭلاۋاتقاندەك، قۇلاقلىرىنى ھەرياققا توغرىلايتتى. ئېغىزىدىن كۆپكۆك كۆپۈك يېنىپ تۇراتتى. ئىشتىنىنىڭ سۆڭگۈچىدىن تارتىپ تېقىملىرىغىچە چىلىق - چىلىق ھۆل ئىدى. يىراقتىنلا گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان ئاشۇ نەملىك ئۈستىدە ئاچ چىۋىنلەر گىژىلدىشىپ يۈرۈشەتتى. كېچىدىن بېرى تاتىلاپ تالغان بارماقلىرىنىڭ ئورنىنى ئەمدى يوغان بىر كەتمەن دەستىسى ئىگىلىگەنىدى. ئۇ كەتمەن دەستىسىنى چاتىرلىقىغا قىستۇرغىنىچە پىر - پىر چۆرۈلۈپ ئۇسسۇل ئوينايتتى...

  بىر جېنىمنى بەش - ئالتىگە بۆلەي دەپ قالدىم،بۇ دەردلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۆلەي دەپ قالدىم.

  ........................

  ئۇ يېزا باشلىقلىرىدىن ئىزانى بولۇشىغا ئىشتقان چاغلىرىدا توقۇۋالغان بۇ مىسرالارنى «قارا دەيدۇ...» دېگەن ناخشىنىڭ ئاھاڭىغا سېلىپ، جېنىنىڭ بارىچە توۋلايتتى. پۇتىنى ئۆزى ئېيتقان مۇشۇ ناخشىغا كەلتۈرۈپ يۆتكەيتتى. گاھ ئوڭغا ئۆرۈلەتتى، گاھ سولغا بۇرۇلاتتى. خۇددى بىرەرى بىلەن بېقىشىپ ئويناۋاتقاندەك، تېقىمىنى ئېگىپ، قوللىرىنى بېشىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ، توختىماي قاش ئاتاتتى. بۇنىڭغىمۇ رازى بولماي، ئىككى قولىنىڭ بىگىز بارمىقى بىلەن ئىككى قېشىنى كۆتۈرۈپ لىكىلدىتاتتى...

  – مېنىڭ مۇدىر بولغۇم بار... يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسام بولمايدۇ. ئابدۇساتتار شياڭجاڭ نېمە دېسە شۇنى قىلىمەن. ئۇنىڭ يېرىنى تېرىپ بېرىمەن. قويلىرىنى بېقىپ بېرىمەن... ئۇ ھاراقنى كۆپ ئىچسە، مەن ئۇنىڭدىن جىق ئىچىمەن. ئۇ چاتىرلىقىغا سەۋزە قىستۇرۇپ ئۇسسۇل ئوينىغان بولسا، مەن ئۇنىڭدىن يوغان نەرسىنى... كەتمەن دەستىسىنى قىستۇرۇپ ئوينىيالايمەن. مۇنداق... مانا مۇنداق!...

  يولدىن ئۆتكەنلەر ھەيرانۇ - ھەس ئىدى. تېخى قايسى كۈنىلا ساپساق تۇرغان، ئۆزى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشكەن ئادەمنىڭ بىر كۈندىلا ئىلىشىپ قېلىشىغا ھېچكىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. لېكىن، ئۇنىڭ قىلىۋاتقان قىلىقىغا قاراپ ئىشەنمەسلىككىمۇ ئىلاج يوق ئىدى. يەنە كېلىپ ساق ئادەمدەك گەپ قىلاتتى - يۇ، ساراڭنىڭ قىلىقىنى قىلاتتى. يېنىش - يېنىشلاپ قىلاتتى...

  ئۇ ئويناپ كېتىۋېتىپ، قىسىلچىقىنى پات - پات تاتىلاپ قوياتتى. قىچىشىش ئارام تاپسۇن دېگەندەك، چاتىرلىقىدىكى كەتمەن دەستىسىنى كۈچ بىلەن قىساتتى، قىسىپ تۇرۇپ ئوينايتتى. كۆز قىساتتى، چۆرۈلەتتى، پىرقىرايتتى...

  «بىر جېنىمنى بەش - ئالتىگە بۆلەي دەپ قالدىم،

  ........................................................»

  ئۇنىڭ چاتىرلىقىغا كەتمەن دەستىسىنى قىستۇرغان پېتى ئۇسسۇل ئويناپ، يولدىن كېتىۋاتقان بىر ئايالنى ئۇسسۇلغا تارتقىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئېرىدىن تاياق يېگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرمۇ شۇ كۈنىلا ئۆي - ئۆيگە ئاڭلىنىپ ئۈلگۈردى.

  * * *– ۋاي خالايىق، چاققان چىقىڭلار، كومبايىن كەلدى! ۋاي مانا، تۇرسۇن زاكىرنىڭ بۇغدىيىغا توغرىلاندى! كۆپكۆك بۇغدايغا تىغ سالغىلى تۇردى!

  كىمدۇر بىرىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى بىلەن كىشىلەر تۇشمۇتۇشتىن يۈگۈرۈپ چىقىشتى. دېگەندەك، ئېگىز بىر كومبايىن بۇغدايلىق بېشىدا گۈركىرەپ تۇراتتى. ۋارقىرىغا بايىقى كىشى بولسا كومبايىننىڭ ئالدىنى توسۇۋالغانىدى.– تېخى تۈزۈك دانمۇ تۇتمىغان بۇغدايغا تىغ سالساڭ يۈرىكىڭ ئېچىشمامدۇ؟ سېنىڭمۇ دېھقان تۇغقانلىرىڭ يوقمۇ؟ – دەيتتى ھېلىقى دېھقان كومبايىننىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى شوپۇرغا ۋارقىراپ.

  – ئۇنداق قىلماڭ ئۇكام، بىر يىلنىڭياقى مۇشەققەت تارتىپ مۇشۇنچىلىك قىپتىمىز، ئەمدى ئۇنى پىشۇرۇپ ئورۇۋالايلى، بىزگىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىسۇن.

  – راست، شۇنداق قىلىڭ جېنىم ئۇكام. سىزنىڭمۇ ئاتا - ئانىڭىز باردۇ... بىزدىن يانمىسا، خۇدادىن يانار. بۇ پېتىم ئورۇۋەتسىڭىز، يىغلاپ تۇرغان كۆپكۆك نەرسىدىن قانچىلىك بۇغداي چىقىدۇ. ئۆلچەمگە توشمىغان بۇغداينى ئېلىپ كەپسەن دەپ ئالغىلى ئۇنىمىسا، باجغا نېمىنى ئۆتكۈزىمىز؟

  – ئىنساپ قىلىڭ ئۇكام!

  كومبايىنچى يىگىت مۇھەممەت مۇساغا قارىدى. ئۇ ئىشتاننىڭ ئۈستىدىن كۆتىنىڭ قىسىلچىقىنى تاتىلىغىنىچە كىم گەپ قىلسا شۇنىڭغا ھومىيىپ قارايتتى. خۇددى كەتمەن دەستىسى قىستۇرۇلغاندەك چاتىرلىقىنى مەھكەم قىسىپ تۇراتتى.

  – ئورمايدىغان ئىش بولسا، كومبايىننىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققىنى تۆلەڭ، ئاداش! – پېشانىسىنى داكا بىلەن تېڭىۋالغان مۇھەممەت مۇساغا قاراپ شۇنداق دېدى يىگىت.

  – ئورمايدىغان ئىش يوق! – كومبايىن ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە تەكشى ھومىيىپ شۇنداق دېدى مۇھەممەت مۇسا. ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن بېجىرىم، كەسكىن ۋە قاپىقى يامان مۇھەممەت مۇسا مانا دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنى ئېلىشىپ قالدى دېيىشكە ھېچكىشىنىڭ تىلى بارمايتتى. تۈنۈگۈنكى مۇھەممەت مۇسا بىر كېچىدىلا ساقىيىپ قالغاندەك ئىدى، – بۇ خەقنىڭ ئەمەس، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايسىز، ئاداش. يېزىدىن نېمە دېسە، شۇنى قىلىدىغان ئادەممەن. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئابدۇساتتار شياڭجاڭ ئۆز ئاغزى بىلەن 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئورمىغا چۈشىمىز. يەلقاچما جېڭىنى باشلايمىز دەپ ئۇقتۇرغان. مانا بۈگۈن 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى. ھازىرلا باشلىمىساق، باھالاپ سېلىشتۇرۇشتىن ئۆتەلمەي قالىمىز، ئېغىر جەرىمانە تۆلەيمىز. بۇغداينىڭ تېخى پىشىپ بولالمىغىنى راست، ئەمما بۇ مېنىڭ گېپىم ئەمەس. ئەمىسە ئىشنى باشلاڭ، ئاداش!

  ئەتراپتىكىلەر تۇشمۇتۇشتىن چوقان كۆتۈرۈشتى، يېلىندى. لېكىن ئەجدىھادەك قارا ئىس ۋە ئوت پۈركۈپ تۇرغان تۆمۈر چىشلىق ھەيۋەتلىك مەخلۇق ئالدىدا ئۇلار ئاجىز ئىدى. گۈركىرەپ تۇرغان بىر يالماۋۇز ھېچكىشىگە رەھىم قىلمايتتى...

  كومبايىن يىغا - زارىگىمۇ پىسەنت قىلماي، تۇنجى قىردىن تېزلا ئاتلاپ ئۆتتى. شوپۇر يىگىت كومبايىننىڭ چىشلىرىنى نارىسىدىنىڭ يېشىدەك سۇ ئېقىپ تۇرغان كۆپكۆك بۇغداينىڭ كۆتىكىگە توغرىلىدى...دەل شۇ چاغدا، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە بولغان شۇ قىسقا دەقىقىدە ئاجايىپ بىر مۆجىزە يۈز بەردى. قۇلاققىچە بېرىلگەن ماينىڭ كۈچى بىلەن يەر - جاھاننى تىترەتكۈدەك قاتتىق ئاۋازدا گۈركىرەپ، ئورنىدىن ئەمدىلا قوزغالغان كومبايىن «كۇش!» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، ئالدى پۇتلىرى سۇنغان بۇقىدەك يەرگە ئېڭىشىپ قالدى. شۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىنمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۇشۇلداش ئاڭلاندى...

  – شور مەھەللىگە كېلىپ نەس باستى. كومبايىننىڭ يىلى چىقىپ كەتتى. بىر ئەمەس، ھەممىلا چاقىنىڭ!...

  ..كومبايىنچى يىگىت تىزلىرىغا ئۇرۇپ ۋارقىرىدى. ئىشتىنى ھۆل بولۇپ كەتكەن مۇھەممەت مۇسا چاتىرلىقىنى مەھكەم قىسقىنىچە، يېلى چىقىپ كەتكەن كومبايىندەك جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالغانىدى...كىشىلەر ھەيران بولدى، كۈلۈشتى. يەلقاچما جېڭى رەسمىي باشلانغانىدى....

  2004 - يىل 28 - ئاپرېل، ئاقسۇ
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر