باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يازلىق يەلتاشما (ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان)(9)

پوۋېست

2015.03.31 09:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاتلىنىپ تۇرۇپ، تۇيۇقسىزلا شۇنداق سورىدى ئابدۇساتتار. ھاكىمنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىمەن دېگەن ئويى ئېسىگە كەلدى بولغاي، مانا ئەمدى ئۇنىڭ يادىغا ناھىيەنىڭ ئۇقتۇرۇشى كېلىپ قالغانىدى.

  – ئالتىنچى ئاينىڭ بەشىدە، – چۆچۈپ جاۋاب بەردى كاتىپ ۋە ئابدۇساتتارنىڭ گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ سەل غەيرەتلەندى. باياتىن بېرى تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ، يۇتىۋەتكەن گېپىنى نېمىلا بولمىسۇن دەپ باقماقچى بولدى.

  – باياتىن بېرى... باياتىن بېرى بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتىلە شياڭجاڭ، – دېدى كاتىپ مىڭ تەسلىكتە، ئابدۇساتتارنىڭ قولىقىغا يېقىن كېلىپ، – ماشىنىنى بىردەم توختىتىپ تۇرسا، دىككىدە ماۋۇ كەينى ئورۇندۇققا ئالمىشىپ، يېنىچە يېتىپ بەرسىلە، مەن تاتىلاپ قويسام قانداق بولار؟ بەك قىينىلىپ كەتتىلە...

  – شياڭجاڭنىڭ قىچىشقان كۆتىنى بېسىقتۇرۇپ قويدۇم دېگەن گەپنى تارقىتاي دەمسىلە ئەمدى؟ – ئاچچىق بىلەن ۋارقىرىدى ئابدۇساتتار.– ياق. ئۇ...

  – بولدى شۈك ئولتۇرۇڭلا!

  «ئەستاغپۇرۇللا، ئەجەب بىر ئىش بولدا بۈگۈن، – دەپ ئويلىدى ئۇ. تولا تاتىلاپ تېلىپ قالغان قوللىرىنى سىلكىپ قويۇپ، – خەپ، يىغىننى تۈگىتىپلا ھېلىقى سورۇنغا بېرىپ ھاردۇقۇمنى بىر چىقارسام. توغرا، ئورمىغا چۈشۈش ۋاقتىنى بۈگۈنكى نەق مەيدان يىغىندىلا ئۇقتۇرۇۋېتەي. قۇربان ھاكىم بىلەن بىردەك بولاي، ھەممە ئىشنى ۋاقتى - ۋاقتىدا قىلاي... 6 - ئاينىڭ بەشى دەمدا؟ راست، شۇنداق دېدى. 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئورمىغا – يەلقاچما جېڭىگە چۈشىمىز دېسەك، دېگەن ۋاقىتقا رېئايە قىلالارمۇ مۇشۇ ھاڭۋاقتى خەق؟ ياق، بۇ خەققە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. ئالىمادىس، ۋاقىتنى كەينىگە سۆرەۋەتسە، قۇربان ھاكىمغا نېمە دەپ جاۋاب بەرگۈلۈك. ياق، ياق... يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزسە بولمايدۇ. قۇربان ھاكىمنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالسام بولمايدۇ. شۇڭا، ھەر ئېھتىمالغا قارشى، ئورمىغا چۈشۈش ۋاقتىنى، قۇربان ھاكىم يەلقاچما جېڭى دەپ ئاتىغان بۇ ئىشنى ئازراق ئالدىغا سۈرەيلى، ئىككى كۈن ئالدىغا سۈرسەك قانداق بولار؟ شۇنداق بولغاندا، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئورمىغا چۈشۈش كېرەك بولىدۇ... توختا، 6 - ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىلا قىلمايلىمۇ؟ دېمىسىمۇ، ئۈچ كۈن بىلەن بەش كۈننىڭ نېمە پەرقى بار؟ توغرا، شۇنداق قىلىلى!...»

  – ئاۋۇ يەرگە بارغاندا يادىمغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلا، يەلقاچما جېڭىنى 6 - ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى باشلايدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇرۇپ قوياي، – دېدى ئابدۇساتتار تۇيۇقسىزلا.

  – نېمە دېلە؟ – قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي، يېنىشلاپ سورىدى كاتىپ.– يەلقاچما جېڭى دەۋاتىمەن. ماۋۇ ئورما جېڭىچۇ!

  ئىككىيلەن – شوپۇر ۋە كاتىپ ئىختىيارسىز ھالدا پاراققىدە كۈلۈۋېتىشتى. بۇلارنىڭ قانداق ئىزا ئىشتقانلىقىنى دەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز. ئەمما، شورياغدى يېزىسىكى ھېكايىلەر مۇشۇ يەردىن باشلاندى.

  – كۆتىگە تەمرەتكە چىقىپ قالغانمىكىن، بىر كۈن تاتىلاپ چىقتى.

  – تاتىلىسىلا مەيلى ئىدىغۇ، بىزنى كۆزگىمۇ ئىلماي، ماشىنىنىڭ ئىچىنى سېسىتىۋەتتى. تاس قالدۇق تىنالماي ئۆلۈپ قالغىلى.

  – ۋاي، تېخى ئاڭلىمىغان ئوخشايسىلەر. ئابدۇساتتار شياڭجاڭ نەق مەيدان يىغىنىنى تۈگىتىپلا ئولتۇرۇشقا بارغان گەپ. ئۇ يەردە تازا مەست بولغاندىن كېيىن، يۇقىرى بىلەن بىردەك بولىمەن، قۇربان ھاكىم نېمە قىلسا، مەنمۇ شۇنى قىلىمەن... دەپ، قورسىقىغا يەل قاچىلىۋالغاندەك توختىماي ئۇسۇرۇپ چىققانمىش. ھوشىنى بىلمەي يىقىلىپ چۈشۈپ ياتقاندىمۇ، كۆتى زادىلا ئارام ئالمىدى دەيدۇ...

  – زىيان قىلىدىغان نەرسە يەپ ساپتۇ، دېيىشىدۇ. ئادەم جىق يەردە شۇنداق بولۇپ قېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن، تازا ئاچ ئادەم ئوخشايدۇ ئۇ.

  – ئاچ بولمىسا، قورساق كۆپۈپ كەتكۈچە يەۋالامدۇ، يەۋېرىپ سىڭدۈرەلمەي قالغان گەپ...

  – تېخى ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يەلقاچما جېڭى ئىكەن - ھە؟

  – ھە - ئە، يەلقاچما جېڭى دەپتىمىش!

  4

  شور مەھەللىدىكىلەر كەنت مۇدىرى مۇھەممەت مۇسانىڭ كېسىلى تۇتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بولغانىدى. لېكىن، ئۈلۈشكۈنكى نەق مەيدان يىغىنىدىن قايتىپ كېلىپلا ئۇنىڭ باشقىچە بولۇپ قالغانلىقى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى. ئايالىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ شۇ كۈنى ئۆيگە كۆتىنى تاتىلاپ كىرگەنمىش، تاڭ ئاتقۇچە كۆتىنىڭ قىسىلچىقىنى قاشلاپ چىققانمىش، ئەتىسى كۈن چىققاندىن باشلاپ قىچىشىشقا ئىچ سۈرۈش قوشۇلۇپ كەلگەنمىش...بۇ گەپ بىردەمدىلا قۇلاقتىن - قۇلاققا يېتىپ، پۈتۈن مەھەللە تەۋرەپ كەتتى. كىشىلەر: مۇھەممەت مۇدىرنىڭ كېسىلى تۇتمىغىلى ئۇزۇن بولۇۋىدى، ئەمدى بۇ قانداق كېسەلدۇ، دېيىشتى. ھەقىقەتەنمۇ، ئۇنىڭ كېسىلى تۇتۇپ قېلىشتىن ھەممىلا ئادەم ئەنسىرەيتتى، بىر پۈكلىسە، قىرقىم ۋاقتى كەلگەن ئوغلاقچىلىك بولۇپ قالىدىغان جىگجىك بوي مۇھەممەت مۇدىر كېسىلى تۇتقان چاغدا ھېچ كىشىگە ئارام بەرمەيتتى. بېشىڭدا ياڭاق چاقىمەن، دەپ مويسىپىت كىشىلەرنىڭ تىزىغا كالا پوقى سۈركەيتتى. يەرنى ئۈسۈپ تېشىۋېتىمەن، دەپ كىمدۇر بىرىنىڭ بوينىغا مىنىۋالاتتى. بوران بولۇپ موراڭنى ئۆرۈۋېتىمەن، دەپ قايسى بىر ئۆيگە كىرىپ، ئاش ئېتىدىغان قازاندا قىپيالىڭاچ بولۇپ تۈگۈلۈپ يېتىۋالاتتى. يەنە بىرلىرىنى ئېمىمەن دەپ قوغلىسا، بىرلىرىنى خوتۇنۇمنى قايتۇرۇپ بەر دەپ تىللايتتى... قىسقىسى، ئۇنىڭ كېسىلى تۇراقسىز ئىدى. ھەر قېتىم قوزغالغاندا قايسى شەكىلدىكى غەلىتىلىك يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ بولمايتتى.

  بىرلا يېرى، كېسىلى قوزغالغان دەقىقىدىن باشلاپ ئۇ ئۆيدە ئولتۇرمايتتى. ساق ۋاقتىدا موتسېكلىتتا ماڭىدىغان يولنى پىيادە بېسىپ، ماڭغانسېرى قەدىمى تېزلىشىپ، ئاخىرىغا بېرىپ بىرسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندەك يۈگۈرۈپ، كەنتكە قاراشلىق ھەممىلا يەرنى ئايلىنىپ چىقاتتى. بارغانلا جايىدا يېڭىدىن - يېڭى ئىش تېرىيتتى. ئۇنىڭ يۇقىرىقى مەھەللىدىكى قوزى ھوشۇرنىڭ ئۈچ كۈنلۈك تەخىيى بار بىر مادىسىغا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىدە. سوئالنى مەن دەپ بەرمىگەن بولسام قىزىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەيتتى، دەپ ئارقا تام قوشنىسىنىڭ قانجۇقىغا بىر كۈن چالما ئاتقانلىقىنىمۇ تېخى ھېچكىشى ئۇنتۇغىنى يوق... مانا ئەمدى يەنە كېسىلى تۇتقان بولسا، مەھەللىدىلىكلەرنى يەنە قانداق پالاكەتكەر كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندۇ. ئارىلاپ كېسىلى تۇتقىنى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغىنى يوق. ئاغرىققا چىدىماي مادا ئېشەككە پىچاق تىققىنى بىلەن، ساق ۋاقتىدا خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيدۇ، دەپ ئۇنى داۋاملىق مۇدىر قىلىۋېرەرمۇ؟

  ئۆي - ئۆيلەردە مۇلاھىزە قايناپ كەتكەنىدى. ھەممە كىشى ئۆزىدىن ئەنسىرەيتتى. قانداقتۇر بىر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئۆيى ئەتراپىغا يېقىنلاپ كېلىشىدىن قورقاتتى...

  مۇھەممەت مۇسانىڭ بۇ قېتىملىق كېسىلى ئىلگىرىكى قېتىملاردىكىگە زادىلا ئوخشىمايتتى. ئېغىزى بوش خوتۇنى باشقىلارغا دەپ بەرگىنىدەك، ئۇ نەق مەيدان يىغىندىن كۆتىنى تاتىلىغىنىچە قايتىپ كەلدى. لېكىن بۇ بىردەملىك تاتىلاش ئەمەس ئىدى. يىغىندا يىرىقى ۋە سۆڭگۈچىدىن باشلانغان شېرىن قىچىشىش، ئۆيگە كەلگەندە نەق قىسىلچاققا مەركەزلىشىپ تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق قىچىشىشنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئۇنىڭ شېرىنلىكىگە چىداپ بولمايتتى. ئەمما تاتىلىغانسېرى قىسىلچاق ۋە مەقئەت يولى قېلىنلاپ باراتتى. ئاشۇ جاي، نەق شۇ قىچىشقان يەر تاتىلىغانسېرى يوغىناپ ۋە قېلىنلاپ، ئاخىر پارتلاپ كېتىدىغاندەك بىلىنەتتى...

  – نەق مەيدان يىغىنىدا، ئابدۇساتتار شياڭجاڭ سۆڭگۈچىنى قاشلاۋاتقاندەك قىلاتتى. بىردەمدىن كېيىن مېنىڭمۇ قىچىشقاندەك بولدى... مانا ئەمدى... قانداق كېسەل بولۇپ قالغاندىمەن. مۇشۇنداق يەرمۇ قىچىشامدۇ، زادى قانداق نەرسىدۇ بۇ؟...ئۇ تاڭ ئاتقۇچە قاشلاپ ۋە زارلىنىپ چىقتى. ئۇ ھېرىپ كەتكەندە خوتۇنى تاتىلىدى... بۇنداق قىچىشىشنىڭ شېرىنلىكىگە چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە قىچىشقان بۇ يەرنى تاتىلاشنىڭ قىيىنلىقىنى مەھەللىدە مۇشۇ ئىككىيلەندىن باشقا ھېچ كىشىنىڭ ھېس قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر