باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يازلىق يەلتاشما (ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان)(8)

پوۋېست

2015.03.31 09:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھاكىمنى يەلتاشما جېڭى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشقا تەستىق سېلىۋېتىپ ئۇسۇردى، دەۋاتقان. بىر يەرلىرىنى قىچىشتى دېمىگەن. ماڭا نېمە ئىش بولدى بۇ. ماۋۇ قىچىشقان يەرنىڭ قاملاشمىغان بىر جاي بولۇپ قالغىنىنى قارىمامدىغان تېخى، – ئۇ قىينىلىپ تۇرۇۋاتسىمۇ، خىيالدىن ۋاز كەچمەيتتى، – خەير، بۇمۇ ئۆتۈپ كېتەر، نەق مەيدان يىغىننى تۈگىتىۋالسام، يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى چاقىرغان سورۇنغا ئۇچىمەن، ھاراقنى خېلى تاللايدىغان نېمە ئۇ. بىرمۇنچە ئىچەرمەن خانىملارنىمۇ باشلاپ كېلىدىغۇ دەيمەن. شۇلار بىلەن قانغۇدەك ئىچسەم، پۇخادىن چىققۇچە ئوينىسام، بۇ قىچىشقاق دېگەننىمۇ ئۇنتۇپ كېتەرمەن. لېكىن... لېكىن قاتتىق تۇرمىسام، ئىچىشتە ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيمەن... مۇشۇنداق ئىچىشۋازلىق سورۇنى كۈندە ئىككى قېتىم بولۇپ تۇرسا، قۇلاق مىدىرلىغۇدەك ئىچىپ، دەرد - ئەلەم، مانا مانىڭدەك قىچىشقاق دېگەنلەرنى ئۇنتۇسا كىشى... – ئاچچىق، كۆيدۈرگۈچى بىر سۇيۇقلۇققا تەشنا بولۇۋاتقان گېلىنى يەڭگىل قىرىپ قويۇپ، داۋاملاشتۇردى ئۇ – ئەمما لېكىن، بۇ يېزىنىڭ ئادەملىرى بولمايدىكەن. قۇربان ھاكىم بىلەن ئاكا - ئىنىدەك يېقىن ئۆتكۈنىمىزنى كۆرەلمەي تاپقان گېپىنى قاراڭ. يېقىن ئۆتكىنىمنىڭ پايدىسىنى شۇلارمۇ كۆرۈۋاتىدىغۇ. ھەر قېتىملىق يىغىندا ھاكىم شورياغدى يېزىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈۋاتىدۇ... مۇشۇنداق مېڭىۋەرسە، ئاز كۈنگە قالماي يېزىمىز ‹نامرات› دېگەن قالپاقتىن قۇتۇلمامدۇ؟ ياخشىلىق ياراشمايدىغان گۇيتۇزلار، ھالىغا باقماي تاپقان گېپىنى تېخى. يېزىغا كەلگىلى بىر يىل بولماي تۇرۇپ بېيىپ تىقىلىپ كەتتى، بىرمۇنچە يەرنى ئۆزى ھۆددىگە ئېلىۋالدى. جىرىم سېلىش ۋاقتىدىمۇ ئۆزىنىڭ جىرىمىنى زورلاپ ساتتى، دېگىنىنى. يەنە تېخى يېزا باشلىقىنىڭ قۇربان ھاكىم بىلەن گېپى بىر. ئۇلار پايدا - مەنپەئەتنى تەڭ ئېلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممە نېمىسى، ھەتتا خوتۇنىمۇ بىر... دەپتۇ. تۈفى! باشقىسىنىغۇ دېسۇن، خوتۇن خەقنىڭ گېپىنىمۇ ئىككىمىزگە تەڭ چاققان بارمۇ. مۇشۇنداق گەپلەر قۇلىقىغا كىرىپ قالسا، قۇيقا چېچى تىك تۇرمامدۇ قۇربان ھاكىمنىڭ. خوتۇن خەقنىڭ گېپىنى قىلغىلى بولىدىغان ھاكىممۇ ئۇ...»

  ئۇ خوتۇن كىشى توغرىسىدىكى گەپنى خۇددى ئۆزى دەپ سالغاندەك، كۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ ئولتۇرالمايلا قالدى. شۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەلگەن كۆپۈش ۋە قىچىشىش ئۇنى تېخىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى.

  نېمە قىلغانغا شۇنچە قىچىشىدۇ؟ نېمە يېگەنگە مۇشۇنچىۋىلا كۆپىدۇ؟ ئەمما، قىچىشىش ۋە كۆپۈش ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىۋاتقاندەك ئىدى. سۆڭگۈچىنى تاتىلىسا، يېرىقى قىچىشاتتى، يېرىقىنى تاتىلاپ بولغۇچە، كۈچلۈك يەل ئېقىمى ھالقىلىق جاينى كۈچەپ قىسىپ تۇرۇشقا مەجبۇر قىلاتتى. مۇمكىن بولسا، ئۇنىڭ ئادەم يوق يەرگە قېچىپ كەتكۈسى، قورسىقىنى كۆپتۈرگەن نەس شەيتاننى بولۇشىغا قويۇۋەتكۈسى كېلەتتى.«تېخى خوتۇنىمۇ بىر دېگىنىنى...» يېرىقىنى كارتىلدىتىپ تاتىلىغاچ، خۇددى چىقىپ كېتىش ئالدىدىكى بىر نەرسىنى قىسىۋاتقاندەك تۈگۈلدى ئۇ. شۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ غەزىپىمۇ قايناپ تاشتى. خوتۇن خەق ھەققىدىكى گەپنى قۇربان ھاكىمنىڭ كۆتۈرمەيدىغانلىقىنى ئۇ ئوبدان چۈشىنىپ قالغانىدى.

  – سىلىنىڭ جىرىملىرىنىڭ ھەممىسى يۇقىرى باھادا سېتىلىپ تۈگىدى ھاكىم، – دېگەنىدى ئۇ، ئەتىيازلىق جىرىم تىكىش ۋاقتىدا قۇربان ھاكىمغا تېلېفون بېرىپ.

  – جىرىم؟ قايسى جىرىم؟ – ھەيران بولۇپ سورىغانىدى قۇربان ھاكىم.

  – ۋاي ئەسلىرىدىن چىقىپ قالدىمۇ ھاكىم؟ ئۆتكەن يىلى: سىلىگە ئاتاپ ئون مو يەرگە كۆچەت تىكتۈرۈپ قويدۇم، دېگەن ئەمەسمىدىم؟ ھە، شۇنىڭ گېپى. سىلىنىڭ بۇ جىرىملىرى بەك جانلىق ئۆسۈپتىكەن. ئورمان تىكىش ۋاقتىدا كەنت - كەنتلەرگە تەقسىم قىلىپ سېتىۋەتتىم. سىلىگە ئاتاپ تېرىپ قويۇۋاتقان ھېلىقى يۈزمۇ يەر بۇنىڭ سىرتىدا. ھە ئۇ يەر باشقا...

  – رەھمەت، رەھمەت! بەك ئاۋارە قىپتىمەن سىزنى! – شۇنداق ھاياجانلىق بىر ئاۋاز ئاڭلانغانىدى تېلېفوندىن.

  – يوقسۇ، يۇقسۇ... سىلى ئاكا، مەن دېگەن ئىنى. بۇنچىلىك ئىش دېگەن ئىنىنىڭ مەجبۇرىيىتى، – سۆزلىشىۋېتىپ يەنە ئاغزى قىچىشقانىدى ئۇنىڭ، – ھە راست، قۇربان ھاكىم، جىرىمنىڭ پۇلنى سۇنىۋەتكەچ، ناھىيەگە بىر باراي دېۋىدىم. چارچاپمۇ قالغانلا، كەچتە ئوبدان بىر يەرنى تېپىپ... بولسا، چىۋىن قونمىغان بىر - ئىككىسى بارىدى، شۇلارنى ئېلىپ بارسام، بىر ھاردۇق چىقارساق دەيدىغان ئىلتىماسىم بارىدى...

  – كىمگە گەپ قىلىۋاتىسىز ھەي ئاداش؟! – يۇقىرى ئاۋازدا شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى قۇربان ھاكىم تۇيۇقسىزلا. ئابدۇساتتار، ھاكىمنىڭ بۇنداق توۋلىغىنىغا ئىشەنمەيلا قالدى، – كۈچۈكۈم، كۈچۈكۈم دېسە، كۈچۈكۈم بىر يەرلىرىنى كۆرسىتىپتۇ دەپ، مۇشۇ گەپنى سىز دەۋاتامسىز ماڭا. ماڭا خوتۇن خەقنىڭ گېپىنى قىلغۇچە قوڭىڭىزدىكى شالتاقلارنى بىر ئادالاپ كېلىڭا ئاداش! خوتۇن خەقلەرگە ئالدىنىدىغان ھاكىم ئەمەس جۇمۇ مەن، بىلىپ قويۇڭ. يېقىنچىلىق قىلىپ قويسا، قانداق...

  بۇ گەپلەر ھازىرمۇ ئابدۇساتتارنىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە خوتۇن خەقنىڭ گېپىنى چىقىرىپ قالسا - ھە!ماشىنا توپا توزىتىپ كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ ئىچى ماتەمدار ئادەملەر ئولتۇرغاندەك سۈكۈتلۈك ئىدى.

  ... لېكىن، ئېسىل ئادەمدە قۇربان ھاكىم، – ئۇنىڭ تەلىپى بىلەن توختىغان ماشىنا قوزغىلىشى بىلەنلا يەنە داۋاملاشتۇرۇدى ئۇ، تاتىلاشنى توختاتماي، – ماڭا ۋارقىرىغاندەك قىلغىنى بىلەن ئەتىسىلا ئۆزى تېلېفون ئۇردى... مەنمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋالمىسام بولمايدۇ. دېمىسىمۇ شۇ ئادەم بولمىسا، ئالىي مەكتەپتىن قوغلىۋەتكەن مەندەك ئادەمگە يېزا باشلىقلىق ئەمەل نەدە. پەيتىنى كەلتۈرۈپ بىر ياخشىلىق قىلىۋەتتى زادى. بىر چىقىپ قالدىممۇ، ئەمدى ئەمەلنىڭ پېشىگە سالجىدەك ئېسىلغىنىم ئېسىلغان. تەلىيىمگە، يېزا باشلىقى بەش يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ دەپ قانۇن چىقىپتۇ ئەمدى. بىر يىل بولماي تۇرۇپ شۇنچىلىك بىر نەرسە كىرىپتۇ. بەش يىلغىچە خېلى بىر نەرسىگە ئىگە بولۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن. پۇللا بولسا كېيىنكى ئىشلارنى شۇنىڭغا تايىنىپ بىر ئىش قىلمامدىم. يېزا باشلىقى بولۇشتا پۇل كۈچىنى كۆرسەتتىغۇ مانا، – تولا قىسىلىپ ھالىدىن كەتكەن مەقئەت يولىنى قولى بىلەن بېسىپ تۇرۇپ ۋە يەنە بىر قولىد اتاتىلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپ، دېدى ئۇ، – ئەممازە، مېنى يېزىدىن باشقا يەرگە يۆتكىمەي تۇرسا بولاتتى. ماۋۇ يېزىدىن باشقا بىر يېزىغا ئالماشتۇرۇۋەتسىمۇ مەيلىتى. لېكىن ئۇنىڭدىن باشقا يەرگە ئاپىرىپ قويمىسا. ئازراق بىر نەرسە يىغىپ قوياي دېگەن ئادەمگە يېزا ياخشىكەن ئەمەسمۇ. ھەممە كەنتنىڭ مۇدىرلىرى شياڭجاڭنىڭ يېرى، دەپ بىرمۇنچە يەرنى تېرىتىپ قويىدىكەن. ئېتىزىنىڭ بېشىغا بارماي، بىر سىنىت خەجلىمەي تۇرۇپ تەرەپ - تەرەپتىن يىغىۋالغىلى بولىدىكەن، يېزىدىكى كارخانىلارنىڭ بىرىۋاتقانلىرىچۇ. ھۆددىگەر، باقمىچىلارنىڭ بېرىدىغىنىمۇ بار تېخى. ئىش قىلىپ، قۇربان ھاكىمغا رەھمەت ئېيتىپ تۇرمىسام بولمايدۇ. ئۇنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقمىسام بولمايدۇ.»

  – راست، ئورمىغا قاچان چۈشۈش كېرەك دەپتىكەنا؟
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر