باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يازلىق يەلتاشما (ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان)(7)

پوۋېست

2015.03.31 09:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، – ۋىلايەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلگەن ئورمىغا چۈشۈش ۋاقتىنى يەنە بىر تەكرارلاپ قويدى ئۇ، – بۇنىڭغا جەزمەن كاپالەتلىك قىلمىساق بولمايدۇ. ۋىلايەتنىڭ ئۇقتۇرۇشى – مامۇت ۋالىينىڭ ئۇقتۇرۇشى، – ئەمدى ئۇ كىندىكىنىڭ ئەتراپىنى تاتىلاشقا باشلىغانىدى، – مامۇت ۋالى دېگەن مېنىڭ، بىز ھاكىملارنىڭ شاپائەتچىمىز. ئۇنىڭ ھەربىر سۆزىنى دېگىنىدىن ئاشۇرۇپ قىلمىساق بولمايدۇ. ئۇ 10 - چىسلا دەپتۇمۇ. دېمەك بۇ بۇيرۇق. بۇنىڭدىن بىرەر سائەتمۇ كېچىكىشكە بولمايدۇ. لېكىن، لېكىن... – قىچىشىش كىندىكى ئەتراپىدا پەيدا بولغاندىن باشلاپ ئۇ سەل جىلى بولغىلى تۇردى. بىچارە مامۇت ۋالى مۇشۇنداق قىچىشىشقا قانداق چىدىغاندۇ، دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتى، – مامۇت ۋالىينىڭ گېپىنىڭ قەدرىگە يېزىدىكى شۇ ھاراقكەش باشلىقلار يېتەرمۇ؟ سەھرالىق دېگەن ۋاقىتقا رېئايە قىلمايدىغان خەق. 10 - چىسلا، دەپ ئۇقتۇرۇش تارقاتساق، ھاراق سورۇنلىرىدا يۈرۈپ ۋاقىتنى ئۇنتۇپ قېلىپ، 11 - چىسلا ياكى 12 - چىسلاغا سۈرۈۋەتسىمۇ ئېتىۋېرىدۇ. ئۇ نېمىلەر يازلىق ئورمىغا تەسىر يەتكۈزسە – مامۇت ۋالىي مەندىن خاپا بولۇپ قالىدۇ. مامۇت ۋالىنى خاپا قىلىشقا يۈزۈم قانداق چىدايدۇ؟ ياق، ۋاقىتقا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز تارقىتىدىغان ئۇقتۇرۇشتا ئورمىغا چۈشۈش ۋاقتىنى سەل ئالدىغا سۈرەيلى. توغرا، مۇشۇنداق قىلايلى. 7 - چىسلا دېسەك بولارمۇ؟ 8 - چىسلا دەيلىمۇ - يا؟ سەھرا دېگەندىغۇ ۋاقىت قارىشى دېگەن نەرسە يوق. بولدىلا، 5 - چىسلالا قىلايلى. ھە، مۇشۇنداق بولسۇن. دېمىسىمۇ، 10 - چىسلا بىلەن 5 - چىسلانىڭ نېمە پەرقى؟ يۇقىرى بىلەن بىردەك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق يەرلىك سىياسەت بولمىسا بولمايدۇ. ھە، مۇشۇنداق قول قويۇۋېتەي...»

  ئۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۈستۈنكى سول تەرىپىگە: 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئورمىغا چۈشۈش ۋاقتى قىلىپ بېسىلسۇن، دېگەن تەستىقنى سالدى. شۇئان، كۆڭلى سەل ئارام تېپىپ قالغاندەك بولدى. كۆزىگە مامۇت ۋالىينىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سېمىز، مېھرىبان چىرايى كۆرۈندى. ئۇ قۇربان ھاكىمنىڭ غېمىنى يەۋاتاتتى. قۇربان ھاكىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئايالى رەشىدەنىڭ چىرايلىق قۇلىقىغا ئاغزىنى يېقىپ تۇرۇپ پىچىرلاۋاتاتتى...

  «ياشاپ كەتسىلە، مامۇت ۋالى! – بىردىنلا شۇنداق دەۋەتتى ئۇ ئىچىدە. ئۇنىڭچە، مامۇت ۋالىينىڭ رەشىدەگە يېقىن بولغىنى، ئۇنىڭ ئۆزىگە – قۇربان ھاكىمغا يېقىن بولغىنى ئىدى. لېكىن.... لېكىن بۇ قىچىشىشقا قانداقمۇ چىدىغانلا؟ دېدى ئۇ بارغانسېرى ئەدەپ كېتىۋاتقان قىچىشىشقا ھېچ ئامال قىلالماي. ئۇ مامۇت ۋالىينىڭ قىچىشقاق ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بارمىغىنىنىمۇ ئاڭلاپ قالغانىدى.

  – بولدىلا! – قەتئىي نىيەتكە كەلدى ئۇ، – سىلى چىدىغان قىچىشقاققا مەنمۇ پايلايمەن. خېيىم - خەتەر، جاپا - مۇشەققەتتىمۇ، خۇشاللىق، راھەت - پاراغەتتىمۇ سىلى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمەن. سىلى نەگە باشلىسىلا، نېمە قىلسىلا، مەنمۇ شۇ...»ئۇ، ھاياجانلىنىپ كېتىۋېتىپ بىردىنلا تىلى قىسىلغاندەك بولدى. قانداقتۇر بىر ئىشنى مامۇت ۋالى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ قىلالمىغاندەك بىلىندى.

  «ئۇقتۇرۇشقا تەستىق سېلىپ بولۇپلا بىرنى ئۇسۇرىۋەتتى!»

  توغرا، مامۇت ۋالىينىڭ كاتىپى دەل مۇشۇ گەپنى دېگەنىدى. راھەتنىمۇ تەڭ كۆرۈپ، قىچىشقاقمۇ تەڭ بولۇپ... ئەمدى بۇ يەرگە كەلگەندە... ۋالىي بىلەن چوقۇم بىردەك بولۇش كېرەك!

  «توغرا، توغرا!... – بىر نەرسىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدى قۇربان ھاكىم، – مامۇت ۋالىيدەك ئەۋلىيا سۈپەت ئادەم كاتىپى بار يەردە بىكارلا ئۇسۇرۇپ يۈرمەيدۇ، – دېدى ئۇ پىكىر يولى ئېچىلغانسېرى، كۈچلۈك بىر شېرىنلىك يامراپ كېلىۋاتقان قورسىقىنى كۈچەپ تاتىلاۋېتىپ، – ئۇنىڭ بىر ئۇسۇرۇشىنىڭ تېگىدە چوقۇم بىر گەپ بار. پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان چوڭقۇر مەنا بار. ئېھتىمال، يۇقىرىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىنى ئىجرا قىلىشىمىز تەس گەپ ئەمەس، بىزدەك ئادەم ئۈچۈن ئۇنچىلىك ئىش دېگەن ئۇسۇرۇقتەك ئاددىيلا بىر نەرسە دېگىنىدۇ ياكى بولمىسا مەن ئالايىتەن قول قويغان ئۇقتۇرۇشنى ئىجرا قىلمىغان ھاكىم مېنىڭ ئۇسۇرۇقۇمغا تەڭ دېگىنىدۇ. يەلتاشما جېڭىگە ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولمىغان ھاكىملار پوقتەك سېسىيدۇ... دېگىنى بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەيلى نېمە مەقسەتتە ئۇسۇرغان بولسا، جايىغا كەلتۈرۈپ ئۇسۇرۇپتىكەن. قالتىس ئۇسۇرۇپتىكەن... يازلىق ئورما جېڭىگە يەلتاشما جېڭى، دەپ ئات قويغىنىنى دەيمىنا. شۇنىڭغا ئۇلاپلا، تازا توغرا كەلتۈرۈپ ئۇسۇرغىنىچۇ. مامۇت ۋالىيغا مۇشۇنداق يېڭى - يېڭى ئەقىل نەدىن كېلىىغاندۇ دەيمەن، توۋا!...

  – ئۇ، قورسىقىنى قولى - قولىغا تەگمەي تاتىلاۋېتىپ، شېرىن قىچىشىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان تاتلىق خىيالىنى يەنە داۋاملاشتۇردى. – رەشىدە: مامۇت ۋالىي سىزنى يەنە ئۆستۈرىدىغان گەپنى قىلىۋاتىدۇ. ۋىلايەتكە يۆتكىلىپ كەلسەڭلار، پات - پات كۆرۈشۈپ تۇرساق بولاتتى، دەۋاتىدۇ، دېگەندەك قىلىۋاتاتتى. ئۆستۈرسە قايسى ئىدارىغا ئاپىرار؟ يامان يېرى، ۋىلايەتتىكى باشلىقلارنىڭ كاتىپلىرى ئايال بولىدىكەن دەپ ئاڭلايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت بېكىتىپ بېرەرمىش. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى قاملاشماپتۇ. ئايالنىمۇ كاتىپلىققا بېرەمدۇ. ئالىمادىس، ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان قىز بالىدىن بىرنى بېرىپ سالسازە ئىش چاتاق... – خىيالى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ يەنە مامۇت ۋالىينى ئەسلەپ كەتتى، – لېكىن، مامۇت ۋالىي مېنى كۆيدۈرۈۋاتىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. بۇنى رەشىدەمۇ يەتكۈزۈپ تۇرغاندۇ... ھەربىر ئىشنى يېڭىچە ئەقىل بىلەن قىلىدىغان ۋالىي بۇ تەرىپىنىمۇ ئويلىماي قالمايدۇ... رەھمەت، مېنى ئەسلەپ تۇرغان، ئېسىدىن چىقارمىغان مامۇت ۋالىيغا رەھمەت! مەن چوقۇم سىلى بىلەن بىردەك بولمىسام، بۇيرۇقلىرىنى سىلى دېگەندىن ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلمىسام بولمايدۇ. سىلى، بۇنچىلىك ئىش دېگەن ئۇسۇرغانچىلىك ئاددىي، دەپ ئۇسۇرغان بولسىلا، ماڭىمۇ شۇ. بۇيرۇقۇمنى ئىجرا قىلمىغان، يەلتاشما جېڭىگە سەل قارىغان يېزا باشلىقلىرى نىجاسەتتەك سېسىيدۇ. مانا ئەمىسە!... ھە، سىلى بىلەن ھەرقانداق ئىشتا بىللە بولىمەن، بىردەك بولىمەن، مامۇت ۋالىي. سىلى چوڭقۇر مەنا بىلەن بىرنى ئۇسۇرغان بولسىلا، مەن شاگىرتلىرى ئىككىنى... سىلى بىلەن ھەممىدە بىردەك بولىمەن!» دېگەندەك، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، قۇربان ھاكىمنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرى يىغىلغان سورۇندا چاتىرلىقىغا تەرخەمەك قىستۇرۇپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن ناھىيەگە پۇر كەتتى.

  3

  شورياغدى يېزىسى نامراتلىقى بىلەن پۈتۈن ۋىلايەتكە داڭلىق. بۇرۇنقىلار ئىسمىنى بىلىپ قويغاندەك بۇ يېزا تۈرلۈك دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ نامراتلىقتىن زادىلا قۇتۇلالمىدى. ئەكسىچە، شوركەلدى ناھىيەسىنىمۇ نامراتلىق بىلەن ۋىلايەتكە، ھەتتا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە تونۇتتى. بىر چاغلاردا داجەي كەنتى يېزا ئىگىلىكىدە ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولغىنىغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە شور ياغدى يېزىسى، ئۇنىڭ نامى بىلەن قوشۇلۇپ شوركەلدى ناھىيەسىمۇ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نامراتلىقنىڭ ئۈلگىسى. ۋالىيلار يىغىن ئاچسا، ھاكىملار غەيرەت قىلايلى، شوركەلدى ناھىيەسىدەك، بىر يېزىنىڭ كاساپىتى بىلەن نامراتلىقنىڭ قارىسىنى يۈزىمىزگە سۈركەپ يۈرمەيلى، دەيدۇ. ھاكىملار سۆزلىگۈدەك بولسا، يەنە بىرىنچى بولۇپ شورياغدى يېزىسىنى ئىبرەت مىسالى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. كىيىمى كونىراق كىشىلەرمۇ، بېخىلراق ئادەملەرمۇ... ھامان شورياغدىلىققا ئوخشىتىلىدۇ.

  ئەمما، شور ياغدى يېزىسىنىڭ باشلىقلىرى يېزىنىڭ ئىسمىدىن بىزار. ئۇلار ھەممە پېشكەلچىلىكلەرنى «شور ياغدى» دېگەن مۇشۇ ئىسىمدىن كۆرىدۇ. يېزىنىڭ ئىسمى شۇنداق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرى كۆزگە كۆرۈنمەيۋاتقاندەك، نى - نى ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى يېزىنىڭ «ياغلىق قاپاق» بولۇپ كەتكەن ئىسمى كۆمۈۋېتىپ بارغاندەك بىلىنىدۇ. شۇڭا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ يېزىنىڭ نامى ئون نەچچە قېتىملاپ ئۆزگەرتىلدى. «باھار كەلدى» كوممۇناسى دېيىلدى. «شەرق قىزاردى» يېزىسى ۋە «ئالغا» يېزىسىمۇ دېيىلىپ باقتى... لېكىن، تامغا، ۋېۋىسكىلارنىڭ ئۆزگىرىشى يېزىنىڭ ئەسلى نامىنى ئۇنتۇلدۇرالمىدى. «شورياغدى» دېگەن بۇ يېقىمسىز نام كىشىلەرنىڭ دىلىغا ۋە تىلىغا ئەبەدىيلىك چاپلىشىپ كەتكەندەك تۇراتتى...نامراتلىق، شورلۇقنى تىلەپ تاپىىغان بۇ كىشىلەر ئۈچۈن يېزا رەھبەرلىرى تېخىمۇ چوڭقۇر باش قاتۇردى. ئۇلار يېزىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش بىلەنلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولمايىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، باشقىچە يول بىلەن نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىماقچى بولۇشتى. ئالدى بىلەن يۇقىرىغا يوللايدىغان سان - سېفىرلارنى ئالاھىدە باش قاتۇرۇپ ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن تۇتام - تۇتام پۇل خەجلەپ، نوپۇزلۇق گېزىت ۋە رادىئو - تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ، ئىشلەنگەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئارقا - ئارقىدىن تەشۋىق قىلدى. بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي، يۇقىرىدىن تۈرلۈك رەھبەرلەرنى بىر ئاماللار بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ باغ سەيلىسى، بېلىق سەيلىسى، ئوغلاق سەيلىسى ۋە توشقان سەيلىسى... قاتارلىق تۈرلۈك زىياپەت، تېتىپ كۆرۈش پائالىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى كۆرسىتىپمۇ ئۈلگۈردى... ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇنىڭ بىلەنمۇ يېزىنىڭ يېڭى نامى ئومۇملاشمىدى. يېڭى نام ئۆزلەشمىگىنى ئۈچۈن، «نامرات» لىق قالپىقىدىنمۇ قۇتۇلغىلى بولمىدى، نەس باسقان يېزا، خۇدا ئۇرغان خەلق!...

  ھەر قېتىملىق يېزا باشلىقلىرى مۇشۇنداق خۇلاسە بىلەن شورياغدى يېزىسىدىن خوشلاشقانىدى. لېكىن، بۇقېتىملىق باشلىق ئابدۇساتتار ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر يولنى تۇتقاندەك قىلاتتى. ئۇ نامراتلىق قالپىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇسۇلى – بىرلا ئادەمگە تايىنىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ تاپقانىدى. بۇ ئۇسۇل بەكمۇ ئاددىي بولۇپ، ئابدۇساتتارنىڭ يېزا باشلىقى بولۇش سەۋەبىنى ئۇلتاش قىلسىلا مەسىلە ھەل بولاتتى. بۇنىڭ ئۇلتېشى قۇربان ھاكىم ئىدى. ناھىيەگە ئەمەس، ھاكىمغا تايىنىش؛ كوللېكتىپقا ئەمەس، بىرلا ئادەمگە تايىنىش – مانا بۇ ئابدۇساتتارنىڭ يېڭى خىزمەت فورمۇلاسى ئىدى. دەرۋەقە، بۇنىڭ ئۈنۈمى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ناھىيەدىكى تۈرلۈك يىغىنلاردا، قۇربان ھاكىم «شور ياغدى يېزىسىدا ئىلگىرىلەش زور» دېگەن گەپنى پات - پاتلا دەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئابدۇساتتارنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغاندا، باشقا يېزىنىڭ باشلىقلىرى ئىستەك قارىداپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. شۇنىڭغا ماسلاشقاندەك شورياغدى يېزىسىنىڭ دېھقانلىرىمۇ بۇرۇنقى ئوسال مىجەزىنى تاشلىمىغانىدى. ئۇلار ھەدېسىلا ئابدۇساتتارنىڭ كەينىدىن گەپ تارقىتاتتى. ئۇنى خۇشامەتچىلىكتە ئەيىبلەپ، ھەر تۈرلۈك لەقەم قوياتتى. يارىماسقا چىقىرىپ، ناھىيەگىچە ئەرز قىلىپ باراتتى. بولۇپمۇ، يېقىندا ئېقىپ يۈرگەن بىر گەپ ئابدۇساتتارنى بەكلا رەنجىتتى.

  – ئولتۇرۇش دېگەننىڭغۇ قېلىپى بولامدۇ. ھاراق ئىچكەندە نېمە ئىشلا بولمايدۇ؟ – دەپ توۋلىدى ئۇ، جىپ ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان يېزىلىق ھۆكۈمەت كاتىپىغا قايرىلىپ قاراپ. ئۇ ئۆزى ھەققىدە تارقالغان گەپنى بۈگۈنلا ئاڭلاپ ئولتۇراتتى، – ئابدۇساتتار شياڭجاڭ چاتىرلىقىغا سەۋزە قىستۇرۇپ ئۇسسۇل ئويناپتۇ، دېگەن گۇينىڭ تۇمشۇقىغا سالساڭلا بولمامدۇ، ئاداش. سورۇن ئۆزۈمنىڭ بولغاندىكىن، سەۋزە قىستۇرامدىم، ياكى پالانى نېمەمنى قىستۇرۇپ ئوينامدىم نېمە كارى ئۇ قەلەندەرنىڭ. جىق ئادەم بار يەردە شۇ گەپنى دېگەندىكىن كومشىرىنى يىرتىۋېتىشىڭلا كېرەكتى. ئەرز قىلسا، مېنىڭ قېشىمغا كېلەتتى. راست، بەك ئەسكى خەق باركەن بۇ يېزىدا، بىلمەي يۈرۈپتىمەن. سىلىمۇ ئاپتاپپەرەستەك كۈنگە قاراپ ئىش تۇتىدىغان ئاداشمۇ نېمە؟ خەق يامان گېپىمنى قىلىۋاتسا، ئىككى چىشلىق غوزىدەك ھىجىيىپ تۇرغان ئوخشايسىلە. تەپ تارتماي يەنە شۇ گەپنى كۆتۈرۈپ كەپسىلە. ھېلىقى گۇي، ئاناڭنىڭ ئاشنىسىمىدى - يا، ئاداش؟ بىلىپ قويۇڭلا، مەن بۇرۇنقى شياڭجاڭغا ئوخشىمايمەن. مەن دېگەن ئابدۇساتتار شياڭجاڭ جۇمۇ!توپىلاڭ يولدا تەۋرىنىپ كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئىچى جىمىپ كەتتى. گەپ كوچىلاپ ماڭغان يېزا باشلىقىغا مۇشۇ گەپنى دەپ سالغان كاتىپمۇ، ئۇنىڭغا لوقما سالغان شوپۇرمۇ غىققىدە تويدى.ئۇلار تۆۋەنكى كەنتكە نەق مەيدان يىغىنىغا كېتىپ باراتتى. يېزىنىڭ باشقا كادىرلىرى ھەر خىل قاتناش قوراللىرى بىلەن ئارقىدىن ئەگىشىپ كەلمەكتە ئىدى.

  – ئاناڭنى... گۇي! – دېدى ئابدۇساتتار، ئۇزاق جىمجىتلىقتىن كېيىن چىشىنىڭ ئاراچلىرىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ ۋە قورسىقىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى كارتىلدىتىپ تاتىلاپ.

  ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان ئىككەيلەن – كاتىپ ۋە شوپۇر ئۇجۇقۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار خۇددى مىق ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك كېتىپ باراتتى. كىمگە قاراتقانلىقىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئابدۇساتتارنىڭ ھەر سۆزى، قاراشلىرى، مىدىرلاش، ھەتتا تىنىشلىرىغىچە... ئۇلارغا تىكەن بولۇپ سانجىلاتتى.– ئەتىگەنكى ئۇقتۇرۇشنى نېمە ھەققىدە دېدىڭلا؟ – دېدى ئابدۇساتتار، كەينىگە قىيا ئۆرۈلۈپ.

  – يازلىق ئورما ھەققىدە، – ئىتتىكلا جاۋاب بەردى كاتىپ.

  – ئەكىلىڭلا، - سول قولىنى بوش كۆتۈردى ئابدۇساتتار، ئوڭ قولى بىلەن شېرىن قىچىشىۋاتقان سۆڭگۈچىنى تاتىلاۋېتىپ.

  كاتىپ ئىچىدە «ئۇھ» دېدى ۋە كىچىك سومكىسىدىن ناھىيەنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى چىقاردى. ئۇنى ئىشخانىغا ئەكىرىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ سومكا بىلەنلا كۆتۈرۈپ كەلگىنىنى تەلىيىمنىڭ ئوڭدىن كەلگىنى ئىكەن، دەپ ئويلىدى ئۇ. باشقا كۈنلىرى ئۇقتۇرۇش، ھۆججەت دېگەنلەرگە ئابدۇساتتارنىڭ كۆز قىرىنىمۇ سېلىپ قويمايدىغانلىقىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى.

  «‹يازلىق ئورمىغا چۈشۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش› نى تارقاتقانلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»

  سىلكىنىپ، تەۋرىنىپ كېتىۋاتقان ماشىنىدا مۇشۇ خەتنى ئاران ئوقۇپ تۈگەتتى ئابدۇساتتار. لېكىن مۇرەككەپ بۇ ماۋزۇدىن ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يارىيار ھارۋىدەك گاھ كاتاڭغا، گاھ دۆمبەلگە دەسسەپ، سىلكىنىپ كېتىۋاتقان ماشىنىدا ئولتۇرۇپ، نەچچە بەتكە سوزۇلغان ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ تۈگىتىشكىمۇ ئۇنىڭ كۆزى يەتمىدى.

  ¬¬¬– ئورمىغا زادى قايسى كۈنى چۈشۈڭلار دەپتۇ، شۇ يېرىنى تېپىپ بېرىڭلا ماڭا، - دېدى ئۇ، ئوقتۇرۇشنى كەينىدىكى كاتىپىغا مۈرىسىنىڭ ئۈستىدىن سۇنۇپ. ئۇ ئەتىگەندىمۇ ئىشخانىسىغا كىرگەن كاتىپقا ئۇقتۇرۇشنى شۇنداق دەپ قايتۇرۇپ بەرگەنىدى.

  – ئەتىگەندە كۆرگەنتىم، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشۈش كېرەك دەپتىكەن ئورمىغا، - دەرھاللا جاۋاب بەردى كاتىپ. – 6 - ئاينىڭ 5 ى دەڭلا.

  ماشىنىنىڭ ئىچى يەنە جىمىپ كەتتى، ئابدۇساتتارنىڭ بىر قولى يېتىشمىگەندەك، ئىككى قولى بىلەن دوسۇن، يىرىق ۋە سۆڭگەچلىرىنى كۈچ بىلەن تاتىلاشلىرى ماشىنىنىڭ ئىچدىكى بىردىن - بىر ئەركىن ھەرىكەت ئىدى. يولغا ئېھتىيات بىلەن نەزەر سېلىپ كېتىۋاتقان شوپۇر، يېزا باشلىقىنىڭ كۈچىنىپ تاتىلاشلىىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا، خۇددى ھېچنېمىنى كۆرمىگەندەك بىر ھالەتتە قاراپ قوياتتى. ئابدۇساتتار بولسا ھەممىنى ئۇنتۇپ، دۇنيادا شۇنىڭدىن باشقا ئىش يوقتەك تاتىلايتتى. ياندۇرۇپ - ياندۇرۇپ تاتىلايتتى... شۇنداق قىلمايمۇ ئىلاجى يوق ئىدى. كىندىكىدىن باشلانغان شېرىن قىچىشىش دوۋسۇنى ئارقىلىق يىرىق ۋە سۆڭگۈچىگە كۆچكەنىدى. تاتىلىغانسېرى قىچىشىش، قىچىشقانسېرى قېلىنلاش... ئۇ سەزگەن ئاساسلىق ئالامەت ئىدى. ئەمما، بۇنىڭغا چىدىغىلى بولمايتتى، تاتىلىماي چىداش زادىلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى!

  – دۆڭنى قويۇپ ئويغا، تۈزنى قويۇپ كاتاڭغا ھەيدىمەي سىلىق، ئاستا ھەيدىسەڭلا بولمامدۇ، ئاداش! – ئىككى قولىدا سۆڭگۈچىنى تاتىلاپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى ئابدۇساتتار، – ئېشەك ھارۋىسى ھەيدەشكە سالىدىغان نېمىكەن بۇ!

  شوپۇر لىۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ سۈرئەتنى ئاستىلاتتى. تېخى ھېلىلا ئۇ ئاستا ماڭغىنى ئۈچۈن ئىزا ئىشىتقانىدى.

  «زادى ئەسكى ئادەملەر بارىكەن بۇ يېزىدا، – دەپ ئويلىدى ئابدۇساتتار، چاناقلىرىدا ياش لىغىرلاپ تۇرغان شوپۇرغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئالىيىپ قويۇپ، – يېزىغا كەلگىنىمگە بىر يىل بولا - بولمايلا بىر مۇنچە لەقەم قويۇشۇپ بولغىنىنى... چارتىرلىقىغا سەۋزە قىستۇرۇپ ئۇسسۇل ئوينىغان بولسام نېمە بوپتۇ. قۇربان ھاكىممۇ تەرخەمەك قىستۇرۇپ ئويناپتىكەنغۇ؟ باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشقان شۇنداق گۇيلىنى... – ئۇنىڭ قورسىقى يەنە كۆپۈپ كەتتى. بايا ئىختىيارسىز ھالدا بىرنى ئوسۇرۇۋېتىپ، گېلىنى قىرغان بولۇپ تۇرۇۋالغانىدى. ماشىنىنىڭ جالاقلاشلىرىدىن شوپۇر ۋە كاتىپ بۇنى ئاڭلىدىمۇ ياكى ئاڭلىمىدىمۇ بىلەلمىدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ كۆپ خىجىل بولدى. قۇربان ھاكىمنىڭمۇ مۇھىم پەيتتە ئۇسۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ كاتىپىدىن ھەممىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىپ كۆڭلى سەل ئارام تاپتى، – قارىغاندا مەقسەتلىك ئۇسۇرسا كېرەك، – داۋاملاشتۇرۇدى ئۇ، قىچىشقان سۆڭگۈچىنى ئىشتاننىڭ ئۈستىدىن چىمداپ قويۇپ، – بولمىسا، چوپچوڭ ئادەم كاتىپنىڭ يېنىدا ئۇسۇرۇپ يۈرمەس.»

  ئۇ زادىلا چىدىيالمىدى. ئەتىگەندە كاتىپ ئۇقتۇرۇشنى ئېلىپ كىرگەندە كۆپۈشكە باشلىغان قورساق مانا ئەمدى چىداپ تۇرغۇسىز ھالغا يەتتى. شۇ تاپتا مىڭ مۈشكۈلاتتا قىسىپ ئولتۇرمايدىغان بولسا، كاتىپ ۋە شوپۇرنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇۋەتكۈدەك زور ئاۋاز ئارقا - ئارقىدىن گۈمبۈرلەپ چىقىشى مۇمكىن ئىدى. قىچىشىشقا بىر ئاماللار بىلەن تاقابىل تۇرغىلى بولاتتى. يېنىدا ئادەم بارلىقىغا پەرۋا قىلماي تاتىلاشنى بەك ئەيىب ساناپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى. لېكىن قورساق كۆپۈش يامان ئىدى. تېخىمۇ يامىنى، قىچىشىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا قىستاپ كەلگەن بۇنداق يەل ئادەمگە ئاراملىق بەرمەيتتى...

  – ماشىنىنى توختىتىڭلا! – دېدى ئابدۇساتتار، تېخى توختاپ بولالمىغان ماشىنىدىن ئۆزىنى ئاتىدىغاندەك بىر ھالەتتە.بۇنداق ئىشنىڭ قانچە قېتىم تەكرارلانغانلىقىنى شوپۇرمۇ دەپ بېرەلمەيتتى. ئابدۇساتتار ھەر قېتىم ماشىنىدىن چۈشكىنىدە، ئۇدۇل دالدا يەرگە قاراپ يۈگرەيتتى. ماشىنىنىڭ كەينىگە يۈگۈرگەن بىر قېتىمدا، كاتىپ كالا مۆرىگەندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولدى...«قۇربان ھاكىمغۇ مەقسەتلىك ئۇسۇرۇپتۇ. مەن ئۇسۇرمايمەن دېسەممۇ ھېچ تۇتۇۋالالمايمەن. قىچىشىش، كۆپۈش... نېمە گەپ بولۇپ كەتتى بۇ»

  ئارىلاپ - ئارىلاپ جالاقلاپ قويغاندىن باشقا، ئىچى سۈكۈتكە تولغان ماشىنىدا قوشلاپ جەڭ قىلىۋاتقان ئابدۇساتتار خىيالىنى ئەنە شۇنداق داۋاملاشتۇراتتى.

  
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر