باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يازلىق يەلتاشما (ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان)(4)

پوۋېست

2015.03.31 09:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2

  «ۋالىي دېگەن ئۇسۇرۇپ يۈرمەيدۇ، بەلكىم كېكەرگەندۇ» دەپ ئويلىدى قۇربان ھاكىم، ۋىلايەتتىن كەلگەن ئۇقتۇرۇشنىڭ يوغان قىزىل خەتلىرىگە تېزلا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ. ئۇقتۇرۇش ۋالىينىڭ كاتىپى يەتكۈزگەن يېڭى خەۋەردىن كۆپ كېچىكىپ كەلگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، ھاكىمنىڭ كاللىسىغا قولىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى ئەمەس، ۋالىينىڭ بۇ قېتىمقى يەنە بىر يېڭى ئىشى كىرىۋېلىپ، ھە دېسىلا دىققىتىنى چاچاتتى.

  مەنپەئەت يىپى بىلەن ئۇ كاتىپ قىزنى ئىلىۋالغىنىغۇ يامان بولماپتىكەن. نېمە يېڭى گەپ بولسا يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. ئۆزى (قۇربان ھاكىم) ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى شوركەلدى ناھىيەسى ھەققىدىمۇ ئەپ تاپسىلا ۋالىيغا ياخشى گەپلەرنى دەپ تۇرىدىغۇ ھەقاچان. ھەر ھالدا ۋالىي ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان شۇ قىز بىلەن ۋالىيغا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ ئالاقە قىلىپ قويغاننىڭ كۆپ پايدىسى تەگدى. يېڭى رەھبەرنىڭ ئالمىشىش خەۋىرى بولامدۇ، ئۆزىگە پايدىسى ياكى زىيىنى تېگىدىغان پىلان - مۇزاكىرە بولامدۇ ۋەياكى ۋالىينىڭ شەخسىيەت - ئاجىزلىقلىرى بولامدۇ... ئىشقىلىپ، ئۇ ئۆزى قىزىققان ھەممىلا ئىشتىن ۋاقتى - ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ تۇردى. ھەتتا، ۋالىينىڭ ئۇسسۇلغا ئامراق، قىز - چوكانلارغا زىيادە ھېرىس ئىكەنلىكىنىمۇ ئاشۇ كاتىپ ئارقىلىق بىلدى. بۇرۇنقى كاتىپى بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەت باغلىۋالغانلىقى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى رىياسەتچى قىز بىلەن تۇتۇلۇپ قالغانلىقىدىن تارتىپ، قايسى بىر نازىر قاتناشقان سورۇندا ئۈزۈم بارىڭىغا چىقىۋېلىپ ۋە چاتىرلىقىغا بانان قىستۇرۇپ ئۇسسۇل ئوينىغىنىغىچە... بولغان ھەممىلا خەۋەرنى شۇنىڭدىن ئاڭلىدى. ھېلىغىچە ئاڭلىغان خەۋەرلىرىغۇ بىر - بىرىدىن يېڭى، ھەيران قالارلىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ، بۇ قېتىمقى ئاڭلىغان خەۋىرى ئىلگىرىكى خەۋەرلەردىنمۇ يېڭىچە بىلىندى. دېمىسىمۇ ۋالىينىڭ بۇ قىلىقىنىڭ تېگىدە باشقىچە بىر گەپ بارمۇ قانداق؟ ئەگەر شۇنداق بولمىسا، چوپ - چوڭ بىر ئادەم، بىر ۋىلايەتنى سوراۋاتقان زات، كاتىپى بار يەردە شۇنداق ئىش قىلىپ يۈرەرمىدى؟

  «‹يازلىق ئورمىغا چۈشۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش› نى تارقاتقانلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش»

  ئۇ ئۇقتۇرۇش ماۋزۇسىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى. ئەمدىلىكتە، ئىككى قۇرغا يوغان قىلىپ بېسىلغان ماۋزۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنگەندەك بولدى. «يازلىق ئورما ھەققىدىكى گەپ ئىكەندە» دېدى ئۇ ئىچىدە. شۇئان، ئۇنىڭ گېلى قىچىشقاندەك بولدى. مەيدىسىنىڭ بىر يەرلىرى چىمىلدىدى. گېلىنىڭ ئىچى تەرىپىدىن باشلانغان قانداقتۇر بىر غەلىتە سېزىم سىرتقا ۋە پەسكە قاراپ ئېقىۋاتقاندەك بىلىندى.

  «بۇغداي ئورمىسى...» تەكرارلىدى ئۇ ۋالىي ھەققىدىكى خەۋەردىن چېچىلىپ كېتىۋاتقان زېھنىنى يىغىشقا تىرىشىپ ۋە كۈچەپ قىچىشىۋاتقان گېلىنى تاتىلاپ، «لېكىن... لېكىن ۋالىي نېمىشقا بۇنى يەلتاشما جېڭى دېگەندۇ؟ يەلتاشما... چۈشەنمىدىم، ھېچ چۈشىنەلمىدىم...» سول قولى بىلەن تۈكلۈك مەيدىسىنى توختىماي تاتىلىغاچ، ئوڭ قولىدا قۇتىدىكى سوغۇق چايدىن گۈپۈلدىتىپ ئىچتى ئۇ. «... دېگەن بىلەن... دېگەن بىلەن، ۋالىي بولسا شۇنداق بولسا، بەك چوڭقۇر پىكىر قىلىدۇ جۇمۇ ئۇ ئادەم. قارىمامدىغان يەلتاشما جېڭى دېگىنىنى... ۋالىينىڭ كاتىپى ئۇيغۇر تىلىغا خېلى پۇختا نېمە، ۋالىينىڭ گېپىنى ھەرگىز خاتا ئاڭلاپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ يەلتاشما جېڭى دېگىنى راست. يازلىق ئورما جېڭىگە مۇشۇنداق ئات قويۇش قانداق ئېسىگە كەلگەندۇ دەيمەن، توۋا!...

  ئويلىغانسېرى، ئۇنىڭ ۋالىيغا بولغان ھۆرمىتى ئېشىپ بېرىۋاتاتتى. نېمىشقا شۇنداق بولمىسۇن؟ ئاشۇ ھۆرمەتلىك مامۇت ۋالىي بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ بۈگۈنى بولامتى. مامۇت ۋالىينىڭ شەپقىتى بولمىغان بولسا، ئۇنىڭدەك نامرات دېھقاننىڭ پۇشتىغا مۇشۇنداق ھاكىملىق تاجىسى تېگەمتى؟

  ئۇ مەمنۇنىيەت ئارىلاشقان بىر خىل مەغرۇرلۇق بىلەن ئىشخانىسىغا تەكشى قاراپ قويدى. ئىشخانا ھەقىقەتەنمۇ ھەيۋەتلىك بېزەلگەنىدى. ئىچكەك - تاشقاق قىلىپ سېلىنغان ئازادە ئىشخانىنىڭ تاشقىرىسى كاتىپ ئۈچۈن راسلانغان بولۇپ، ئىشىككە ئۇدۇل قىلىپ ئېگىز ۋە چىرايلىق ئۈستەل قويۇلغان. كاتىپنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تامنىڭ ئىككى بۇلۇڭىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا كىيىم ئاسقۇچ ۋە كىتاب - ماتېرىيال ئىشكابى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىشىكنىڭ ئارقىسىغا قول يۇيىدىغان داس - جۈمەك، ئىككى يان تامغا بولسا، ئىشىكنىڭ رەڭگىدە، پارقرىاپ تۇرىدىغان پورەڭ خىرۇم كىرىسلۇ ۋە ئۇنىڭغا ماس پاكار ئۈستەل تىزىلغانىدى. ئىككى - ئۈچ خىل گېزىت قىستۇرۇلغان چىرايلىق گېزىت تاختىسى ئىشخانىنىڭ كۆركىنى تېخىمۇ ئاشۇراتتى. يارىشىملىق، نەپىس سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بۇ ئىشخانىدا ئۇنىڭ كاتىپى ئولتۇراتتى. كاتىپنىڭ قانداق ھالەتتە ئولتۇرىدىغانلىقى، مۇھىم دوكلاتلارنى دۈمچىيىپ ئولتۇرۇپ، قانداق كىرتىلدىتىپ يازىدىغانلىقى، سىرتتىن كەلگەنلەرنى نېمىدەپ كىرگۈزىدىغانلىقى ۋە قانداق باھانە بىلەن ھەيدەپ چىقىرىدىغانلىقى، قانداق تېلېفونغا ئۆزى جاۋاب بېرىپ، يەنە قانداق تېلېفونغا ھاكىمنى چاقىرىدىغانلىقى... ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. خۇددى ھاكىمنىڭ بارلىق ئىش - پائالىيەتلىرى، ئالغان ۋە بارغانلىرى كاتىپقا ئايان بولغىنىدەك. ئۇنىڭ خۇش بولىدىغىنى، كاتىپ ئىت قوغلىغاندەك ئىتتىك گەپ قىلغىنى بىلەن، كەسىپكە پۇختا، چىرايى پاكىز ۋە ئېغىزى چىڭ يىگىت ئىدى.ئىچكىرىكى ئىشخانا – ئۇ شۇ تاپتا ئولتۇرۇۋاتقان ھەشەمەتلىك خانا ئۇنىڭ خاس دۇنياسى ئىدى. بۇ يەرگە ھەتتا ئۇنىڭ كاتىپىمۇ ھېيىقىپراق كىرەتتى.

  يەرگە ئوتقاشتەك قىزىل گېلەم سېلىنغانىدى. ئۇزۇن، ھەيۋەتلىك ئۈستەل گېلەم ئۈستىدە ئىشخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىشىككە ئۇدۇل قاراپ تۇراتتى. ئۈستەلنىڭ ئارقا تەرىپىگە توغرا كەلگەن يوغان دېرىزىگە قات - قات قېلىن پەردە تارتىلغانىدى، ئاشۇ نۇر ئۆتمەس پەردە تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرۇپ تۇرغان بوشلۇققا – ئۈستەل بىلەن بىز گېپىنى قىلغان دېرىزە ئارىلىقىغا لۆم - لۆم كارىۋات قويۇلغان. مۇشۇ كارىۋات ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى ھۇزۇرخانىسى ئىدى. يېنى يەر تارتىپ قالغاندا، بەللىرى سەل تالغاندا ياكى ئالدىنقى كۈنلىرىدىكى سورۇن كەيپى باش - كۆزلىرىنى قوۋمىغا ئالغاندا ئۇ مۇشۇ راھەتبەخش كارىۋىتىغا ئاستا قىڭغىياتتى. شۇئان، خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، سەزگۈر كاتىپنىڭ قىزلارنىڭكىدەك يۇمشاق قوللىرى ئۇنىڭ بەللىرى ئۈستىدە ئۈن - تىنسىز ھالدا پەيدا بولاتتى. شۇ چاغدا، ئۇنىڭ بەدەنلىرى يۇمشاق ئۇۋىلىنىشقا باشلىغاندا، ئۇۋىلاش ئورۇنلىرىدىكى يېرىم يالىڭاچ قىزلاردىن كۆرگەن ھۇزۇرىنىڭ ئىشخانىغىمۇ كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغاندەك بولاتتى. كوچىغا چىقىۋالسا ئۆزىنى ھېچ كىشىگە تەڭ قىلمايدىغان باداڭ قورساق باشلىقلارنىڭ، ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا قەدەم بېسىشى بىلەنلا تىلى تۇتۇلۇپ قېلىشلىرىچۇ؟ گالىستۇكلىرىنى قاتۇرۇپ تاقىۋېلىشقان نامدار زىيالىيلارنىڭ، ھەيۋەتلىك سەللىسىنى قۇلىقى يېپىلغۇچە ئورىۋالغان موللا - ئۆلىمالارنىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا ھاجەتكە كىرىپلا گۇناھكارلاردەك بېشنى ئېگىپ تۇرۇشلىرىچۇ. بۇلارغۇ مەيلى، پۈتۈن ناھىيەنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىۋېتىدىغان گەپدان سەتەڭلەرنىڭ ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا سەبىي بالىلاردەك تارتىنىپ، جىمىپ كېتىشلىرىچۇ... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇزۇر، باشقىلار ئېرىشەلمەيدىغان، ھېس قىلالمايدىغان ھۇزۇر. بۇ ھۇزۇرلار ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا، مۇشۇ ھەيۋەتلىك ۋە سۈرلۈك ئىشخانا ئارقىلىق نوپۇز تاپقان قۇربان ھاكىمنىڭ جاي - جايلارغا بېسىلغان قەدەم ئىزلىرىدا، كاتىپ قەلىمى ئارقىلىق پاساھەت تاپقان تەسىرلىك سۆزلىرىدە... ئۇ يەنە ئۆزىگە كەلدى. خىيال ئەمەس، دەل ھازىرقى ھالىتىلا ئۇنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قانائەت تاپقۇزاتتى. چۈنكى بۇ يەر ھاكىم ئىشخانىسى ئىدى. مۇمكىن بولسا، ھاياتى مۇشۇنداق ئىشخانىدىلا ئۆتسە، ھۇزۇر تاپسا، باش ئەگدۈرسە، دەرد ئېيتقۇزسا، يالۋۇرتقۇزسا...

  ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا كەرىلىپ قويدى. ئىستەكلەر باسقان ئۇمۇرتقىسىنى مامۇت ۋالىينىڭ كۆرۈنمەس قوللىرى يۆلەۋاتقاندەك بىلىندى.

  «راست، قالتىس ۋالىيدە» دېدى ئۇ ئۆز - ئۆزىگە، قورساقلىرىغىچە يامراپ كەلگەن قىچىشقاقنى تاتىلاش بىلەن يوقاتماقچى بولغاندەك تېخىمۇ كۈچىنىپ تاتىلاپ. «ئاخىر دېگىنىنى قىلدى... ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن شوركەلدى ناھىيەسىنىڭ بىرىنچى قول ھاكىمى بولۇشنى ئويلىغانمىدىم؟ ياق، بۇ ھەقتە چۈشەشكىمۇ پېتىنالمايتتىم. بىر ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇشقىمۇ كۆزۈم يەتمەيتتى. توۋا، خوتۇنۇمنىڭ ئۇنىڭ كاتىپى بىلەن ساۋاقداش بولۇپ قېلىشى بەخت يولۇمنى ئېچىۋەتتى دېسە. ۋالىيغا بۇرۇنراق كاتىپ بولسىچۇ شۇ قىز. ئۇنىڭ مەسلىھەتى بىلەن يۈرىكىمنى قاپتەك قىلىپ بىر قىچقارغان باھانە بىلەن چىقىشىپلا قالدۇق ئۇ ۋالىي بىلەن. تېخى ئۆزۈمنىڭ بەختى ھەققىدە پال ئاچقۇزۇپ كەتكەنلىرىم... پال ئاچقان شۇ خەنزۇ ئايالمۇ چىڭ ئۇستا نېمىكەندۇق. بەزى گەپلىرىنى سەل ئۇقالماي قالغان بولساممۇ، بەخت يولۇمنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ماڭا بىر نېمىلەرنى قىلىپ ئۇقتۇردى. راست دېگەندەك ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى كەلدى ئەمەسمۇ ئاخىر. قېرى بولغىنى بىلەن گېپى دانە - دانە ئايالكەندۇق. بىرمۇنچە ئۇششاق تاشلارنى ئۇيان - بۇيا گۇرۇپپىلاپ يۈرۈپ بىردىنلا: خوتۇنۇڭ ياش ۋە بەك چىرايلىق ئىكەن، دېدى. نېمە دەيتتىم، مەنمۇ خوتۇنۇمنى چىرايلىق دەپ ئالغان، بۇنىسى راست بولغاندىكىن، ئىككىلەنمەيلا راست چىرايلىق، دېدىم. شۇڭا سەن بەختلىك ئىكەنسەن، دېدى. ئۇ ئۇلاپلا بۇ چىرايلىق خوتۇنۇڭنى ھەرگىز قويۇۋەتمە، مۇشۇ خوتۇنۇڭ قولۇڭدىلا بولسا، بەختىڭ ئوچۇق بولىدۇ.

  ئېنىقراق ئېيتسام، خوتۇنۇڭ زىيادە چىرايلىق بولغاچقا ئامەتلىك ئىكەنسەن. كېسىپ ئېيتىمەنكى، چىرايلىق خوتۇنۇڭ بەخت ئېلىپ كېلىدۇ، سەن چوڭ باشلىق بولىسەن... دېدى. ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپلا قالدىم، خۇش بولدۇم. لېكىن ئىشەنمىدىم. ئاخىردا نېمە بولدى؟ نەق شۇ قېرى پالچىنىڭ دېگىنىدەك بولدى. چارۋىچىلىق ئىدارىسىدا قېقىلىپ - سوقۇلۇپ ياشايدىغان قۇربان كالا (مانا ئەمدى، مۇشۇ لەقەمنى قويغان گۇينىڭ ئانىسىنى مىڭ...) بىر سورۇن بىلەنلا مامۇت ۋالىي بىلەن تونۇشتى... ئىدارە باشلىقى بولدى... مانا ئەمدى بىر ناھىيەنى قولىغا ئالدى. بىر قەدەم بولسا ئوڭۇشلۇق، ئاياڭغىسى ھېچ گەپ ئەمەس، دېگەن ناخشا راست بولۇپ چىقتى – دە. ۋالىي كېلەرمۇ - كەلمەسمۇ دەپ دېلىغۇللۇقتا چاقىرغان بولساممۇ، قالتىس ئىش قىپتىكەنمەن - ھە، شۇ چاغدا. شۇ بىر ئىشتا ھە... بىرىنچى قەدەمنى كەتكۈزۈپ قويغان بولسامزە...»

  ئۇ ھېلىغىچە بولغان ھايات مۇساپىسىدە نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە رازى ئىدىكى، ئىستىقبال يولىنى ئۆزگەرتكەن شۇ بىر قېتىملىق مېھماندارچىلىقنى ئۇنتۇمايتتى. ساداقەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان قۇربان ھاكىم بۇنى بەلكىم ئاخىرەتكە ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.دېمىسىمۇ ئۇ ئاجايىپ ئولتۇرۇش بولغانىدى. قېرى پالچىنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىش يەنىلا ئۇنىڭ چىرايلىق خوتۇنىدىن باشلاندى.

  – بېيجىڭدا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم مامۇت ۋالىيغا كاتىپ بوپتۇ، – دېدى، رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان خوتۇنى رەشىدە بىر كەچلىكى، – ئۇنى تەبرىكلەپ قويساق بولارمىكىن. نەدىكى تونۇمايدىغانلارمۇ بەس - بەستە قىچقارغىلى تۇرۇپتۇ.

  – تەبرىكلەپ قويساق قويايلى، – دېدى قۇربان ئىشەنچسىزلىك بىلەن، – لېكىن ئۇ كەلگىلى ئۇنارمۇ؟ ۋالىينىڭ كاتىپى دېگەن كىچىك ئادەم ئەمەس. مۇھىم ئىش چىقىپ قالدى. ئۇ، بۇ... دەپ...

  – كېلىشى كېلىدۇ، – دېدى رەشىدە ئىشەنچ بىلەن، – ھازىرقى گەپ، نېمىلا بولمىسۇن بىر قىچقىرىپ قويىمىزمۇ، يا كۆزىمىزنى يۇمىۋالىمىزمۇ دەۋاتىمەن. سىزنىڭ ئەسلى بۇنداق ئىش بىلەن خوشىڭىز يوق. شۇنداقتىمۇ باشقىلار قىلىۋاتقاندىكىن دەيمىنا... ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلاردىن مەن يېقىن ئۇنىڭغا. قايسى كۈنى تېلېفوندا بولسىمۇ بىر تەبرىكلەپ قوياي دەپ تېلېفون ئۇردۇم. ۋالىيغا كاتىپ بولۇپ كېتىپسەن، بىزنى ئۇنتۇپ قالما ئاداش، شوركەلدى ناھىيەسىگە كېلەلىسەڭغۇ ياخشى بولاتتى. بەك بولمىسا، ۋىلايەتكە يول چىققاندا بېرىپلا تەبرىكلەپ كېلەرمەن. قائىدە قېرىماس، دېسەم، ئۇ: بۇ نېمە دېگىنىڭ. ئىككىمىز دېگەن ئەڭ يېقىن ئۆتۈشكەن ساۋاقداشلاردىن تۇرساق. ئاۋارە بولمىساڭمۇ بولىدۇ. لېكىن شوركەلدى ناھىيەسىگە ئاپىرىش نىيىتىڭ بولسا، ھەرقانداق مۇھىم ئىشنى قويۇپ، جان دەپ بارىمەن. بۇ تاما تارتقىنىم ئەمەس، سېنى ئۆز كۆرۈپ دەۋاتىمەن. راست شۇنداق ئويۇڭ بولسا ئاداش، بۇرۇنراق دەپ قوي. ھازىر دېگەن ئۈرۈكنىڭ تازا پىشقان ۋاقتى، باغ سەيلىسى دېگەن نام بىلەن ئورۇنلاشتۇرساڭ، مامۇت ۋالىينىمۇ بىر ئاماللار قىلىپ ئېلىپ بارىمەن. سەيلى - ساياھەت، ئويۇن - تاماشا دېگەنگە بەكلا ئامراق ئادەمكەن بۇ. بولسا تۈزۈكرەك دوستلىرىڭدىن بىرقانچىنى قوشۇۋالساڭ تېخىمۇ ياخشى. تانسا ئويناپ كەلسە ئۇ يەرگە بارغىنىغىمۇ رازى بولۇپ يانىدۇ. مۇشۇ باھانىدە ۋالىي بىلەن تونۇشۇپ قالساڭلار زىيىنى بولماس، دېدى. ئەگەر چاقىرىپ قالساق ۋالىينىمۇ ئېلىپ كېلىدىغان بولدى ئۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر