باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يازلىق يەلتاشما (ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان)(2)

پوۋېست

2015.03.31 09:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇ قىزغىن ئويناپ كېتىۋېتىپ، بىردىنلا ئۈزۈم بارىڭىنىڭ پۇتماقلىق بىر ئاچىسىغا يامىشىپ چىقتى. باشقىلار قىقاس - چوقان كۆتۈرۈشۈپ، ۋالىي باراڭ ئۈستىدە نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ، دەپ بولغۇچە، ئۇ ئاچىنىڭ پۇتماقلىق يېرىدە مايمۇندەك چىرمىشىپ ئولتۇرۇپ بىر قولى ۋە بېشى بىلەن ئۇسسۇل ئويناپ ئۈلگۈرگەنىدى. باشقىلار كۈلگەنسېرى ۋالىي قىزىشاتتى. ئۇ پەستە تۇرغان كىشىلەرگە توختىماي قاش ئاتاتتى، كۆز قىساتتى، بىر ئالقىنىنى دۈم قىلىپ، ئېڭىكىنىڭ ئاستىغا توغرىلاپ، گۆشلۈك ئېڭىكىنى نازلىق ئۇسسۇلچى خېنىملاردەك ئەپچىللىك بىلەن ئىرغىتاتتى. ئەگەر ۋالىيلىق نوپۇزى يېپىپ تۇرمىغاندا ئىدى، باشقىلار چوقۇم ئۇنى خۇمدان دەزى بار ئەر ئىكەن دەپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. سورۇن ئەھلى ئۆزىنى تۇتالماي كۈلەتتى، ئالىقانلىرىغا ئۇرۇشاتتى. يوتىلىرىغا قارسىلدىتىپ شاپىلاقلايتتى... بۇنى كۆرگەن ۋالىي تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتتى. ئۇ بالىلاردەك چاققانلىق بىلەن يەرگە سىيرىلىپ چۈشەتتى. مۈشۈكتەك تېزلىكتە يەنە يامىشىپ چىقاتتى. مايمۇندەك شوخلۇق بىلەن، قىزلاردەك ناز قىلىپ ئۇسسۇل ئوينايتتى. ئاچىدىن چۈشكەندىمۇ، يېنىشلاپ چىققاندىمۇ سېمىز گەۋدىسىگە ماس كەلمىگەن قىزلارچە ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى بىر خىلدا تەكرارلايتتى...– ياپىرىمەي!...

  – يا پاناھ!...

  كىمدۇر بىرلىرى مۇشۇنداق دېگەندەك قىلاتتى، بەلكىم سورۇن ئەھلىنىڭ ھەممىسى شۇنداق دېگەندۇ. لېكىن، ۋالىينىڭ ئۇلار بىلەن نېمە كارى. شۇ تاپتا كۆڭۈلنىڭ خۇشلۇقى ئۇسسۇل، سورۇننىڭ شادلىقىمۇ ئۇسسۇل! ئۇ ئاچىدىن سەكرەپ چۈشتى - دە، داستىخاندىكى باناندىن بىر تال ئېلىپ چاتىرلىقىغا قىستۇردى. ئەتراپتا يەنە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. ئۇ مېھمانلارنى تېخىمۇ كۈلدۈرۈۋېتەي دېگەندەك، قىستۇرۇقلۇق باناننى ئېلىۋەتمەي تۇرۇپ، كېلەڭسىز سۆڭگۈچىنى قوپال ئۆتكەمىدەك ھەريان ئېتىپ، چۆرۈشكە باشلىدى...

  كۈلكە...

  مەڭگۈ تۈگىمەيدىغاندەك ئەسەبىي كۈلكە!...

  – مانى كاپلا قىلىپ، ئىسىقىدا يەۋېلىڭا خېنىم! – باياتىن بېرى چاتىرلىقىغا قىستۇرۇلغان باناننى ئېلىپ تۇيۇقسىزلا سازەندىلەر ئارىسىدا ئۆرە تۇرغان بىر ئارتىس قىزغا تەڭلىدى مامۇت ۋالىي.

  – بۇنى... بۇ...- قىز پەقەت شۇنداقلا دېيەلىدى. لېكىن باناننى ئالمىدى.

  – مۇھىم يەردىن چىققان نەرسە، پايدا قىلىدۇ ...- دېدى ۋالىي.– ئۇنداقتا، قىزلىرىغا ئاپىرىپ بەرسىلە!

  مامۇت ۋالىينىڭ گاراڭ مېڭىسىگە يەنە ئاغرىق كىرىپ كەتتى. يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرى يىڭنە سانجىغاندەك چىمىلدىدى. راست، مۇشۇنداق ئىش بولغانمىدۇ؟ – لۆم - لۆم كارىۋاتنى غىرسىلدىتىپ تۇرۇپ يەنە بىر ياققا ئۆرۈلدى ئۇ، – شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداقمۇ قىلغاندىمەنمۇ؟... بۇ چۈشۈممىدۇ - يا؟ چۈشۈممىكىن دېسەم، بېشىم نېمىشقا ئاغرىيدۇ، نېمە دەپ ھۆ بولىمەن؟... ئەستا ھېلىقى نازىر نېمە دەپ قالغاندۇ. باشقىلار نېمە دەپ ئويلىغاندۇ. ھەي!... مانا ئەمدى سېسىپتىمەن. بۇ گەپ يۇقىرىغىچە بارغىلى تۇرسا...

  «ئاللا خالىدەم،

  ئاللا بوستان چاچ.»

  ..............ئۇنىڭ ئەندىشىسىمۇ بىردەملىك ئىدى. مەستلىكتىن غۇڭۇلداپ تۇرىدىغان قۇلىقىغا ھامان مۇشۇ ناخشا ئاڭلانغاندەك قىلاتتى. ئاخشامقى سورۇندا ئېيتىلدىمىكىن ياكى ھېلىقى لېۋەن تانسا ئويناۋېتىپ ئېيتىپ بەردىمىكىن، ئىشقىلىپ قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە مۇشۇ ناخشا، ئاپپاق بەدەنلىك خالىدەم ھەققىدىكى ناخشا!

  «ئاللا خالىدەم...»ئەمدى ئۇ ناخشا قېتىغا كىرىپلا كەتتى. مەسلىكتىكى ياۋايىلىقلىرى خالىدەم ھەققىدىكى شېرىن خىياللارغا ئورۇن بوشاتقانىدى...

  جۈپ رومكا قولدىن - قولغا يۈرۈشەتتى. لېۋەن قىزلار مەستتىن - مەستكە ئالمىشاتتى. ئۇلارنى دەلدەڭشىگەن گەۋدىلەر قاراڭغۇ تەرەپلەرگە سۆرەيتتى...

  – ھە دېسە مېنىلا تارتىپ كەتلىغۇ ئەجەب؟ – خالىدەم ئاتلىق لېۋەن ئارتىستنىڭ خۇشياقمىغاندەك بىر قىياپەتتە شۇنداق دېگىنى مامۇت ۋالىينىڭ ئېسىدە. لېكىن ئۆزىمۇ بوش كەلمىدى - دە. ئۇ ئۇلاپلا:– كېپىنەكمۇ گۈلنىڭ چىرايلىقىغا قونىدۇ خېنىم، سىز دېگەن پۇرىقى بار، رەڭگى بار... گۈل، – دەۋەتتى.

  – ۋىييەي!...

  شۇنىڭدىن كېيىنلا مامۇق ۋالىي ئۇنىڭغا چاپلىشىپلا ئالدى. دېمىسىمۇ، «ۋىييەي!...» دېگەن گەپ بوش يەردىن چىقامتى. باشقا مېھمانلارمۇ شۇنى بىلگەندەك، خالىدەم ئىسىملىك ئارتىستنىڭ ئالدىغا بېرىپمۇ قويمىدى. رەھبەر دېگەننىڭ پەزىلىتى باشقىچىدە!

  مەستلىكتىن كۆزلىرى خۇمارلاشقان مامۇق ۋالىغا خالىدەمدىن باشقا ھەممە نەرسە قاراڭغۇ كۆرۈنەتتى. «ئاللا خالىدەم!...» دىن ئۆزگە ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. گەرچە سازەندىلەرنىڭ ناخشا - سازلىرى باغنى بىر ئالغان بولسىمۇ.

  ئۇنىڭ يۇمۇلۇشقا ئاران تۇرغان نۇرسىز كۆزلىرى زىلۋا بەدەن خالىدەمنىڭ يېرىم ئوچۇق تۇرغان چىرايلىق كۆكسىدە قېتىپ قالغانىدى. ۋاي بۇ يەرنىڭ چىڭ ۋە سۈزۈكلۈكى، ئۇنىڭ ئۈستى – بوينىنىڭ ئاقلىقىچۇ. يەنە تېخى نۇر يېغىپ تۇرغان چىرايلىق كۆز، كۈلۈپ تۇرغان بىر جۈپ زىناق، ئويماقتەك ئېغىز، غۇنچىدەك لەۋ، ئاھ، گىلاستەك لەۋ!...

  ئۇ خالىدەمنىڭ چىۋىقتەك بېلىنى مەھكەم قۇرۇپ، مەيدىسىگە تېگىپ تۇرغان كۆكسىنى ئۆزىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. سىرتقا پۈرۈلۈپ تۇرىدىغان قېلىن لېۋىنى ئۇنىڭ قىپقىزىل لېۋى تەرەپكە ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئېلىپ باردى. شۇنداق، زادىلا ئىككىلەنمىدى. ئۇ دېگەن ۋالىي، چوڭ بىر ۋىلايەتنىڭ باشلىقى تۇرسا نېمىشقا ئىككىلەنسۇن؟ ئۇنىڭ لېۋىگە لېۋىنى يېقىۋېلىشنى ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان ئاياللار شەرەپ دەپ بىلىپ كەلدىغۇ... ئۇنىڭ خالىدەمنى ئۆزىگە تېخىمۇ تارتقىنى، سۆيمەكچى بولغىنى ئېسىدە. لېكىن سۆيدىمۇ، سۆيەلمىدىمۇ بۇنى ئەسلىيەلمەيدۇ، ئەمما مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى، سېمىز ئېڭىكىگە تەگكەن بىر شاپىلاق، شاپىلاق بىلەن تەڭلا مېھمانلارنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ چۈشۈشى...

  – ۋالىينى نېمىشقا ئۇرىسەن پاسكىنا؟ ئۆمەككە بارغاندا مۇشۇ قىلغىنىڭغا تويغۇزىمەن!

  بۇ بەلكىم سەنئەت ئۆمەك باشلىقىنىڭ دېگەن گېپىدۇ. كىمنىڭ گېپى بولسىمۇ ئەمدى نېمە پايدىسى. يامان يېرى، ۋالىي ئوڭدىسىغا يىقىلىپ بولدى. مېھمانلارنىڭ كۆزىچىلا بىر شاپىلاقنىمۇ يەپ بولدى. ھەي ئىسىت، ئىناۋەت! ھەي، تۆكۈلگەن يۈز - ئابرۇي!...

  «ئارتىستلىرىڭنى كۆندۈرۈپ، ئۆگىتىپ ئېلىپ بارمىغان سەن سولامچى گۇينىمۇ...» كارىۋاتتىن چاچراپ قوپتى ئۇ، ھېلىقى ئۆمەك باشلىقىنىڭ كۆزىگە قولىنى تىقماقچى بولغاندەك. «لېكىن، لېكىن... شۇ خالىدەمنى قۇچىقىمغا ئەكىلىپ بېرىسەن، ئۆز قولۇڭ بىلەن ئەكىلىپ بەرمىسەڭ بولمايدۇ!... خەقلەرنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى تۆگكىنىگە تويغۇزىمەن. بۇلبۇلدەك سايرىتىۋېتىمەن!...»

  ئۇنىڭ كۆڭلىدە قالغىنى، بېرىپ - بېرىپ يەنىلا شۇ خالىدەمنىڭ سىماسى بولدى. «ئاللا خالىدەم، ئاللا بوستان چاچ!» ۋاي بۇ ناخشىنىڭمۇ خالىدەمدەكلا چىرايلىقلىقى - ھە!....

  ئۇنىڭ ئەمدى ئۇخلاشقا كۆزى يەتمىدى. قىزىغان قانلىرى خۇمارىنى قوزغايتتى. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كۈچى بىلەن ھەر كۈنى قوزغىلىپ تۇرىدىغان خۇمارى بولسا، ئۇنى تېلېفون تەرەپكە سۆرەيتتى...

  جامائەتنىڭمۇ ۋالىي ھەققىدە ئاڭلىغانلىرى كۆپ ئىدى. كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئەركىن سۆزلەش ئىستىكى ئۇلارنى سورۇن تاللىماي سۆزلىتەتتى.

  – مامۇت ۋالىيدەك ئۇسسۇلغا ئامراق ئادەم ۋالىيلار ئارىسىدىن تېخى چىقىپ باقمىغانمىش. ئۇسسۇلغا كەچتە بىر چۈشۈۋالسا، تاڭ ئاتقاندا ئاندىن توختارمىش.

  – ئۇمۇ خالىغان جايدا ئوينىمىغۇدەك، لىۋەن قىزلار بار سورۇندا ئوينايدۇ دەيدۇ.

  – مامۇت ۋالىي پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ئەڭ چىرايلىق قىزلارنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى يادقا بىلگۈدەك.

  – قىزلارنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى يادقا بىلگەن بىلەن، سالغان تەستىقلىرىنى سۈيلەشنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ.

  – ئۇنىڭ تەستىق سالغىنى بىلەن سالمىغانلىقىنىڭ نېمە پەرقى؟ يۈز تەستىق سالدا بىرى ئۆتمىسە.

  – ھەي... بۇنداق ۋالىي يۇرت تارىخىدا چىقىپ باقمىغان جۇمۇ.

  – ئۇنى ئەسلىدە ۋالىي قىلماي، پاھىشخانىغا مەسئۇل قىلىپ قويىدىغان گەپكەن.

  – بۇنداق ھوقۇق تېگىدىغان بولسا، تۇغۇلۇش ئالدىدىكى قىزلارنىمۇ پاھىشخانىغا تىزىملىۋالىدۇ ئۇ.

  – ھەي ئىسىت، ھەي ئىسىت، نى - نى مۇھىم ئىشلار تۇرسا... شۇنىڭغا بەرگەن ھوقۇقنىڭ قىينالغان جېنى...

  ..............ئۇ خۇشياقمىغاندەك بىر كېرىلىۋېلىپ، تاشقارقى ئىشخانىغا چىقتى. شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ئىشخانا ئىشىكى ئاچقۇچ بىلەن ئېچىلدى.– ئارام ئېلىپ بولدىلىمۇ ماۋالى؟ – دېدى كاتىپ قىز، قېنىق دەملەپ قويۇلغان چاينى ئىتتىكلا ۋالىغا ئۇزىتىپ، – باياتىن بېرى ئاراملىرىنى بۇزغۇم كەلمىدى. ھېچكىمنى كىرگۈزمىدىم، تېلېفوننىمۇ ئۇلاپ بەرمىدىم. لېكىن بىر مۇھىم تېلېفون كېلىۋىدى.

  – نەدىن كەپتۇ؟ – كاتىپنىڭ چىرايىغا قارىماي تۇرۇپ سورىدى ئۇ.

  – ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىن كەپتۇ، يازلىق يىغىمنى ۋاقتىدا باشلاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان. سىلىنىڭ ۋىلايەت ئۇنى ناھىيەلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولالىدىڭلارمۇ. ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 6 - ئاي بىلەن 7 - ئاينىڭ ئارىلىقىدا بىرقانچە قېتىم قاتتىق تۇلا - مۆلدۈر ياغىدىكەن. شۇڭا، ئۇقتۇرۇشنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈۋەتسەڭلار، چوقۇم بىرىنچى قول رەھبەر مەسئۇل بولۇپ ئورۇنلاشتۇرسا، دەيدۇ. 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بۇغداي ئورمىسىنى باشلاش كېرەك دەپتىكەن ئۇقتۇرۇشتا. مەن: ئۇقتۇرۇشنى بۈگۈن ئەتىگەندىلا تارقىتىۋەتتۇق. ۋالىي ئۇقتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆز ئاغزىم بىلەن يەتكۈزىمەن دەپ تۆۋەنگە كېتىپ قالدى، دەپ جاۋاب بەردىم.

  – ياخشى جاۋاب بېرىپسىز، – دېدى ۋالىي قۇتىدىكى گۈلچايدىن بىر يۇتۇم ئوتلىۋېتىپ، – شۇنداق ئۇقتۇرۇش كەلگەنمىدى؟– كەلگەن، بىر ھەپتە بۇرۇن ئۇنى سىلىگە بېرىۋىدىم. سىلى كۆرۈپ، قول قويۇپ بەرسىلە ئاندىن بۇ ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقانلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتماقچىدى ئىشخانىدىكىلەر.

  – ئۇنداقتا، مەن ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ، ھېلىغىچە قول قويۇپ بېرەي.– مانا، تېپىپ قويدۇم.

  كاتىپ قىز ئۇقتۇرۇشنى ۋالىيغا بېرىپلا ئىشىكنى ئاستا يېپىپ چىقىپ كەتتى.

  « تەرى سەت بولغىنى بىلەن ساق نېمە بولمىسا، – دەپ ئويلىدى ئۇ، پادىچى شىمى كىيىۋالغان كاتىپنىڭ ئىشىك يېپىلىشى بىلەنلا غايىپ بولغان چىرايلىق كاسىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، – مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام دەپ، ئۇنىڭ ھىيلە - مىكىرگە پىششىقلىقىمۇ نەسلى - ئەجدادىغا تارتقاندە... ئۇستىخانلىرىڭ بولىدۇ گۇي، لېكىن شۇ چىرايىڭنىڭ سەتلىكى يامان، پاناق، پىت كۆز...»
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر