باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يازلىق يەلتاشما (ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان)(1)

پوۋېست

2015.03.31 09:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشخانا جىمجىت ۋە سۈرلۈك ئىدى. كۈنبويى سايراپ توختىمايدىغان تېلېفون بۈگۈن ساداسىزلا تۇراتتى. خۇددى مۆھتەرەم ئېگىسىنىڭ قىممەتلىك ئۇيقۇسىنى بۇزماي دېگەندەك، ھەر كۈنى ئۈستەلنىڭ ئەتراپىنى بىرقانچە رەت ئايلىنىپ قويۇپ، گىڭىلداپ چىقىپ كېتىدىغان يېشىل روچىۋىنىمۇ ئەمدىلىكتە كۆرۈنمەيتتى، ھۆرمەتلىك باشلىقنىڭ تېپىلغۇسىز ئارامىغا دەخلى بەرمەي دېگەندەك، تام - تورۇس جىمجىت، بۇلۇڭ - بۇلۇڭلار سۈرلۈك...

  راست، سۈر دېگەن ئاجايىپ نېمە. ئۇ يەنە كېڭىيىدۇ، تەسىر كۆرسىتىدۇ، سۈر تۇغىدۇ. ئەڭ قىزىقى، سۈرنىڭ سۈر تۇغۇشى. مانا قاراڭ، ۋالىينىڭ ئىشخانىسىغا بېكىنىۋېلىپ، سۈرلۈك جىمىپ كېتىشى كارىدورغىمۇ سۈر پەيدا قىلدى. مۇشۇ يەردە ئىشلەپ قالغىنى ئۈچۈن بىر - بىرىدىن تەكەببورلىشىپ كەتكەن ئەرلەرنىڭ سىرتتىن كەلگەنلەرگە كۆل بۇقىسىدەك توۋلاشلىرى يوقىغان. يەنە مۇشۇ يەردە ئىشلىگىنى ئۈچۈنلا، بارچە ئاياللاردىن بەكرەك چېكىپ دەسسەپ ماڭىدىغان ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ تاقىلدىغان ئاياق تىۋىشىمۇ ئۆچكەن. پەلەمپەي جىمجىت، خۇددى چۆلدەرەپ قالغان بازاردەك. كارىدورمۇ تىۋىشسىز، خۇددى سۈرلۈك مازاردەك.

  شۇ تاپتا ۋالىينىڭ خالايدىغىنىمۇ مۇشۇ ئىدى. مۇمكىن بولسا، پۈتكۈل ۋىلايەتتىكى ئۈن - تىۋىشلەر توختىسا، بازار تىجارەتتىن؛ ئادەملەر مېڭىشدىن؛ ئاپتوموبىللار قاتناشتىن؛ دېھقانلار تېرىشتىن؛ جان - جانىۋارلار ھەرىكەتتىن؛ ئۇچار قۇشلار ئۇچۇشتىن... شۇنداق بولسا تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئارام بولاتتى، تولىمۇ...

  ئەمما، جىمجىتلىقنى يەنىلا ۋالىي بۇزدى. ئىچكىرىكى خانىسىدىكى لۆم - لۆم كارىۋاتتا باياتىن بېرى ئۈن - تىنسىز ھالدا سۇنايلىنىپ ياتقان ۋالىي تۇيۇقسىزلا يۆتىلىپ كەتتى. بىر تۆتىلىپ توختىسا مەيلى ئىدىغۇ، ئارقا - ئارقىدىن توختىماي يۆتەلدى، كۆك تاماكىنىڭ ئاچچىق ئىسىنى ئۆپكىسىگە ئېلىۋالغان بەڭگىدەك، سانسىز مېكىياننىڭ ئۆتى بىلەنمۇ شىپا تاپالمىغان زىمىستاندىكى كۆك يۆتەلدەك.ئۇنىڭ بېشى زىڭىلداپ ئاغرىيتتى، مېڭىسىنىڭ مايسىدۇر بىر يېرى ھازىرلا يېرىلىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇرۇپ - سۇندۇرۇۋەتكەندەك سىقىراپ ئاغرىۋاتقان بېلىچۇ.

  «ھەي!... مۇشۇنداق چاغدا ئاخشامقىدەك لېۋەندىن بىرسى بولسا - ھە؟!...»

  كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، بۇ ئەتىگەن ئىشقا چۈشكەندىن بېرى ۋالىينىڭ ھۇشى بىلەن دېگەن تۇنجى گېپى، بىلىپ تۇرۇپ سۈرگەن بىرىنچى خىيالى ئىدى. شۇنىڭغىچە نېمىنى ئويلىدى، قانداق خىياللارنى سۈردى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ھېچنېمىنى ئەسلىيەلمىگىنىگە قاراپ، ئۇخلىدىمىكىن دەپ ئويلايتتى. بېشىنىڭ زىڭىلداپ ئاغرىۋاتقىنى زادىلا ئۇخلىيالمىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ تۇراتتى. بىردەم ئۇخلىۋالغان بولسا بېشى بۇنداقمۇ ئاغرىپ كەتمەستى. ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغاندۇ - ھە؟....

  لېكىن، ئۇ سائىتىگە قارىمىدى، سېمىز بېلىكىدىكى ئالتۇن سائەت بىلەن ئۇنىڭ ئارىلىقى نەچچە يىللىق يولدەك ئۇزاق بىلىنەتتى. ۋاقىت نەگە بارسا بارمامدۇ! ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئىشقا چۈشكەن بولسا، ئارىدىن بىر سائەت ئۆتكەندۇ ياكى ئىككى سائەت...«ۋاي بېلىم!....»

  ئادەت بولۇپ كەتكەن بۇ سۆزنى ئىختىيارسىز ھالدا يەنە تەكرارلىدى ئۇ، بۇرۇنقى قاڭشارلىق، تولىمۇ چىرايلىق كەلگەن قىز كاتىپى يېنىدا بار ۋاقتىدىكىدەك. ئۇ ئەقىللىق كاتىپ بىلەتتىكى، بۇ ۋالىينىڭ «بېلىمنى تۇتۇپ قويۇڭ» دېگىنى ئىدى. شۇئان ئۇ ئىشىكنى تاقاپلا، يۇمشاق قوللىرى بىلەن ۋالىينىڭ بېلىنى، مۈرىسىنى، قورسىقىنى، ۋالىي تۇتۇپ بەرگەن ھەممىلا يەرنى... مۇرادىغا يەتكۈزۈپ تۇتاتتى. ۋالىي قوشتىن چىققان بۇقىدەك ھاسىرىغاندا، كاتىپنىڭ چىرايلىق يۈزلىرىدىكى قېنىق گىرىملىرى ئىت يالاپ قويغان ئوماچتەك ئېقىشقا باشلىغاندا ئاندىن تۇتۇش توختىغان، ھاردۇقمۇ چىققان بولاتتى... ئۇ كاتىپنى پەم بىلەن باشقا ئىدارىگە يۆتكەپ قويغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئامەتلىك بېلى مامۇق قوللارنىڭ ھۇزۇرىدىن مەھرۇم قالمىدى. لېكىن يامان يېرى، ئىشخانىدا ئۇنداق ئىشلارنى قىلغىلى بولماس بولۇپ كەتتى. بۇ ھەقتە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقارغىنىغۇ يوق، شۇنداقتىمۇ تەس بولۇپ قالدى. «ئېرىمنى باشقارما باشلىقى قىلىپ ئۆستۈرۈپ قويسىلا، جېنىم»، «مەندىن نېمە كەتسە مەيلى، مۇشۇ بىر ئىشىمنى ھەل قىلىپ قويسىلا، جىگىرىم...» دەپ تۇرىدىغان ئاتەش لەۋلىك پەرۋانىلەرنى مېھمانسارايلاردىن ئېشىپ، ئىشخانىسىغا ئېلىپ كەلگىلى بولسۇنمۇ، سەپلەپ بەرگەن كاتىپنىڭ ئەھۋالى تېخى مۇشۇ تۇرسا.

  «ھەي ئېسىت! – كۆزىنى ئاچماي تۇرۇپ يەنە بىر ياققا ئۆرۈلدى ئۇ – بۇرۇنلاردا كاتىپ دېگەننى ئۆزىمىز تاللايدىغان، سىناپ بېقىپ، چېكىپ بېقىپ. مانا ئەمدى بىزگە مەسلىھەتمۇ سېلىپ قويماي، مۇشۇ سېنىڭ كاتىپىڭ، دەپ ئەكىرىپ قويىدىغان بولۇۋېلىشتى. قانداق جاھان بولۇپ كەتتى بۇ؟ ۋالىي دېگەننىڭ مۇشۇنچىلىك ئىشتىن كۆڭلى ئۆسمىسە، نېمە خۇۋلۇق بار ئۇنىڭغا. باشقا گېپىغۇ گەپ بولمىسۇن، كاتىپ تاللاش ئىشىغىمۇ ئارىلىشىپ... – ئۇ بىر نېمىدىن سەسكەنگەندەك، ئىتتىكلا يەنە بىر ياققا ئۆرۈلدى، – كاتىپ دېگەن مۇشۇ سۆرۈن تەلەت ماخشاقتەك بولىدىغان بولسا، قويە شۇ كاتىپ دېگەننى. ئادەمنىڭ دەردىگە دەرمان بولالمىغان مۇشۇنداق نېمىنى كاتىپىم بار دەپ ساقلاپ يۈرگىچە... تەرىنىڭ تېخى سەتلىكىنى، بىر نوگاينى چاپلاپ قويغاندەك كېلەڭسىز بۇرنى، بىر كىم ئۇرۇپ ماكچايتىۋەتكەندەك ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن قاڭشىرى... ھۆ - ھۆ!...ئۇنىڭ كاتىپىنى ئويلاپ كۆڭلى ئېلەشتىمۇ ياكى ئاخشام ئىچكەن ھاراق تەسىرىدىنمۇ بىلىپ بولمايتتى، ئىچ - ئىچىدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان بىئاراملىق ھۆ قوشۇلغان يۆتەلگە بىرىكىپ كەلمەكتە ئىدى. بىئاراملىق كۈچەيگەنسېرى بەدەنلىرىنى سىلاپ، تۇتقۇزۇشقا بولغان تەشنالىق شۇنچە ئېشىپ باراتتى.

  «ھەي! مۇشۇنداق چاغدا... – ئۇ دۈم يېتىپ تۇرۇپ، سىقىراپ ئاغرىۋاتقان بېلىگە بىر - ئىككىنى ئۇرۇپ قويدى، – ئاخشامقى گۈزەلنىڭ ئېتىنى نېمە دېدا راست؟ بېشىغا خا كېلەتتى. خا... ھە، توغرا، خالىدەم. ئاللا خالىدەم، ئاللا بوستان چاچ!... راستتىنلا بوستان چاچكەن ئەمەسمۇ ئۇ. بەدەنلىرىنىڭ زىلۋالىقى، كۆكسىنىڭ چىرايلىقلىقى، ئۆڭىنىڭ سۈزۈكلۈكى... خام يەۋالغۇدەك نەرسىكەندۇق. ئىلگىرىكى چاغلاردا كۆرگەن بولسام، كاتىپ قىلىۋالارىدىم - ھە! مۇشۇ ئاغرىغان يەرلەرنى تۇتۇپ كەتسە، مۇجۇپ كەتسە...»

  ئۇنىڭ ۋۇجۇدى شېرىن بىر سېزىمدىن تىترەپ كەتتى، پەيلىرى چىڭقىلىپ، ئۈگە - ئۈگىلىرى مۇھىم بىر ئىشقا تەييارلانغاندەك بولدى.

  «كاتىپ دېگەن مۇشۇنداق بولمامدۇ؟ ئارتىس دېگەن...»ئىختىيارسىز دەپ تاشلىغان ئاخىرقى بىر سۆز ئۇنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. دەل مۇشۇ سۆز ئۇنىڭ ئاخشامقى خاتىرىسىنى ئېسىگە سالغانىدى. باياتىن بېرى ئۇنىڭ ئەسلىيەلىگىنى چىرايلىق بىر قىز، كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلىگىنى، شۇ قىز بىلەن توختىماي ئوينىغان تانسىسى، ئۇنىڭ تولغان كۆكسىگە سۇۋۇشۇپ ئوينىغانلىرى، كۆزلىرىگە تويماي قارىغانلىرى... بولدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى بولسا ئەمدىلا ئېسىگە ئېلىپ ئولتۇراتتى، ئارتىستلىقى يادىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ مەسلىكتىن ئۇنتۇلغان خاتىرىسى يورۇپلا كەتتى. توغرا، ئاخشام مالىيە ئىدارىسىدىكىلەر سايتېرەكنىڭ بېغىدا مېھمان قىلغان ئەمەسمىدى. بايىقىلار شۇ ناھىيەنىڭ ئارتىستلىرى ئىدى. بىرقانچە ناھىيەنىڭ، ۋىلايەتكە قاراشلىق مۇھىم ئىدارىلارنىڭ باشلىقلىرىمۇ شۇ سورۇندا باردەك قىلامتى نېمە؟ راست بارىكەن. مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى... ۋاي تېخى ھاكىملارچۇ، قايسى ھاكىملارتى؟... ۋاي پاناھ، ھەممىسى ئېسىگە كەلدى. ئاخشامقى شۇ سورۇندا سۇچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرىمۇ بار ئىدى ئەمەسمۇ، ۋاي ئىسىت، تويە، مامۇت ۋالىي، ھاراققا توي، خوتۇن خەققە توي! ئاخشامقى خالىدەم ئەمدى كاتىپىڭ بولىدىغان بولدى. ئاللا خالىدەم، ئاللا بوستان چاچ!...

  ئۇنىڭ خاتىرە يولى ئېچىلىپ باراتتى. چىشلىرى بولسا تىنىمسىز كاراسلايتتى...

  ... ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا مېھماندارچىلىق قىزىپ كەتكەنىدى. ھەممە قىزىشقان، سورۇن ئەھلى بىر - بىرىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالار ئەمەس. لېكىن مەست گەۋدىلەر ھامان بىر ياققا – نازىر ئولتۇرغان داستىخان تەرەپكە قاراپ سىلجىيدۇ. گېپىدىن ئېزىپ تۇرۇۋاتسىمۇ، يۇقىرىدىن كەلگەن شۇ باشلىققا ئىككى ئېغىز كۆڭۈل سۆزىنى دەۋالغۇسى كېلىدۇ. دەلدەڭشىپ تۇرسىمۇ، بىر ئاماللار بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بىر رومكا سوقۇشتۇرۇپ ئىچىۋالغۇسى كېلىدۇ...

  يۇقىرىدىن كەلگەن باشلىق بىر - ئىككى قول تانسا ئوينىغاندىن كېيىن، سورۇن تېخىمۇ قايناپ كەتتى. شەيتىنى قىستاپ تۇرۇۋاتسىمۇ، بىراق ئۆزىنى مىڭ بالالىقتا تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئويۇنخۇمار مەستلەر شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، ئارتىست قىزلارنىڭ ئالدىغا ئۇۋىسىدىن چىققان ئاچ ھەرىلەردەك يۇپۇرۇلۇپ باردى...

  ... باراڭغا ئېسىلغان لامپۇچكا ئەتراپنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى (سورۇن كۆرگەن تەشكىللىگۈچىنىڭ بۇنى ئالايىتەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئېنىق ئىدى) ئويناش ۋە ئىچىش ئاۋۋالقىدەكلا داۋام قىلاتتى. ۋاقىتنىڭ قايسى چاغ بولغانلىقى مەستلەرنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى. ساقلارنىڭ بولسا ۋاقىتنى سۈرۈشتۈرۈشكە زادىلا ھەققى يوق ئىدى.

  – مامۇت ۋالىي، سىزنى ئۇسسۇلغا پەيزى بار دەپ ئاڭلىۋىدۇق. بىر ئويناپ بەرمەمسىز.

  يۇقىرىدىن كەلگەن باشلىق ساق ھالەتتە تۇرۇپ شۇنداق دېدىمۇ ياكى مەست بولۇپمۇ، ئىشقىلىپ شۇنداق دېدى. مامۇت ۋالى قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ گەپ ئېسىدە. دەلدەڭشىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، مۇشۇ گەپنى ئاڭلاپلا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكىنىمۇ ھەم يادىمدا.

  ... ئۇ زوق - شوق بىلەن ئوينايتتى. بىردە كۆز قىساتتى، بىردە قاش ئاتاتتى. قايسىبىر ئىتۇتتا كۆرۈۋالغىنىنى دوراپ، بىگىز بارمىقى بىلەن قېشىنى تۇتۇپ لىكىلدىتاتتى. ھىندىستان كىنولىرىدىكى ئايال ئارتىستلاردەك بېلىنى تولغايتتى. گۆشلۈك سۆڭگۈچىنى ھەريان ئاتاتتى. بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي، مودا كىيىم ئارتىستلىرىنى دوراپ، يىرىقىنى مەھكەم قىسىپ، ئىككى پۇتىنى بىر سىزىق ئۈستىگە چۈشۈرۈپ ماڭماقچى بولاتتى - يۇ، كېلەڭسىز گەۋدە بۇنىڭغا ئىمكان بەرمەيتتى.ئەتراپتىكىلەر يۇقىرىدىن كەلگەن باشلىقنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ تۇرۇپ، گاھ قاھ - قاھلاپ كۈلەتتى. گاھ ئاغزىنى ئېتىپ تولغىناتتى. يەنە شۇ باشلىقنىڭ دېگىنىنى دوراپ «بارىكاللا!»، «ياشاپ كەتسىلە!» دەپ ۋارقىرايتتى.

  تەرلەپ سۇ بولۇپ كەتكەن مامۇت ۋالى ئۆزىگە ياغقان ئالقىشلاردىن تېخىمۇ غەيرەتلىنىپ كەتتى. ئۇ ئەسلىدىنلا ئۇسسۇل ئويناشقا ئامراق ئىدى. مۇشۇنداق چوڭ سورۇندا، ئالقىش يېغىپ تۇرغان داستىخاندا ھەممە ھۈنىرىنى چىقىرىپ ئوينىۋالسا كىمنىڭ ئارمىنى؟!
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر