‹‹ ئۇكرائىنادىكى قارا رەڭلىك كۈنلەر ››
25-مارت چۈشتىن بۇرۇن، 11-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاخبارات فوتوسۈرەت مۇسابىقىسىنىڭ ( ۋاسا) باھالاش نەتىجىسى جۇڭگونىڭ چىڭدۇ شەھىرىدە ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا گەيدى فوتوسۈرەت ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جون مورى تارتقان ‹‹ ئىبورا ۋېروسى لىۋىيەنىڭ پايتەختىنى قاپلىدى›› يۈرۈشلۈك سۈرىتى 11-نۆۋەتلىك ۋاسا يىللىق ئاخبارات فوتوسۈرەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. جۇڭگولۇق فوتوگراف خۇ دوڭ دوڭ تارتقان ‹‹ ئالىي مەكتەپتىكى ئىسىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسۋابى ›› تۇرمۇش تۈرىدىكى يەككە سۈرەت ئالتۇن مۇكاپاتىغا، ۋېنگرىيەلىك فوتوگراف سىمون . مولىچ شابوياڭ تارتقان ‹‹ پاتقاقلىق يېزا ›› تۇرمۇش تۈرىدىكى يۈرۈشلۈك سۈرەت ئالتۇن مۇكاپاتى ئېرىشتى. ‹‹ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇت ›› ئۇرۇش ئاپىتى تۈرىدىكى ئاخبارات يەككە سۈرەت ئالتۇن مۇكاپاتىغا، ‹‹ ئۇكرائىنادىكى قارا رەڭلىك كۈنلەر ›› ئۇرۇش ئاپىتى تۈرىدىكى ئاخبارات يۈرۈشلۈك سۈرەت ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.