خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىگىلىنىشىچە، «رەسىملىك چۈشەندۈرۈلگەن ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكىلاتى(2015)» ناملىق كىتابنى خەلق نەشىرىياتى، جۇڭگو يەنشى نەشىرىياتى نەشىر قىلغان بولۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ مەملىكەتتە ئاشكارە تارقىتىلىدۇ. خەلق نەشىرىياتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ كىتاب ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم رەسىملىك يەشمە نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىشى ئىكەن. بۇ كىتابقا لى كېچياڭنىڭ كارتون ئوبرازى كىرگۈزۈلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى