خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-مارت، يەرلىكتىكى تاجىك ئارتىسلار قارلىق تاغ ئېتەكلىرىدە مىللىي بايرىمىنى خۇشال تەبرىكلىدى. شۇ كۈنى، شىنجفڭ تاشقۇرغان ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «نەۋرۇز» بايرىمى پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاجىك ئاممىسى بايراملىق كېيىملىرىنى كېيىپ باھارنى قارشى ئالدى. «نەۋرۇز» بايرىمى تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، «يېڭى يىل»، «باھارنى كۈتۈۋېلىش»دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ، بۇ كۈن ئۇلارنىڭ يېڭى يىللىق ئارزۇ ـ ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان گۈزەل كۈن. (جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى)
مەنبە: خەلق تورى