خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيەنىڭ موسكۋا شۇنداقلا بىر قىسىم مەركىزىي رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر 17-چېسلا كەچتە قۇتۇپ نۇرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بۇلالىغان. ئادەتتە، قۇتۇپ نۇرى ھادىسىسى يۇقىرى كەڭلىكتىكى قۇتۇپ رايونلىرىدا كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم موسكۋانىڭ چەت جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ بۇ خىل گۈزەل مەنزىرىگە داخىل بۇلالىشى كەم ئۇچرايدۇ.