خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-مارت شىنجاڭدىكى تۇنجى قىزلار كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى ــــ شىنجاڭ «قارلىق چوققا» ئاياللار پۇتبول كوماندىسى كۇلۇبى قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. نۆۋەتتە، بۇ كۇلۇبتا بەش تېرىنېر، 30 كوماندا ئەزاسى بولۇپ، كوماندا ئەزالىرى شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئاياللار پۇتبول كوماندىسى شىنجاڭدا قۇرۇلغان تۇنجى ئاياللار كەسپىي پۇتبول كوماندىسى بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭغا ۋەكالىتەن نەنجىڭغا بېرىپ 2015-يىللىق 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار پۇتبول ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئارقىدىن 2016-يىلىدىكى مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار تۈرى بويىچە U16 بىرلەشمە مۇسابىقىسى، 2017-يىلىدىكى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە 2020-يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئاياللار دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
شىنجاڭ «قارلىق چوققا» ئاياللار كەسپى پۇتبول كۇلۇبى شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىدىكى U16ئاياللار پۇتبول كومانسىدىنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭ «قارلىق چوققا» مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى مەبلەغ چىقىرىپ، شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى پاي قوشۇپ، باج تىزىملىتىش قاتارلىق ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەن، كۇلۇب تېزىمغا ئالدۇرغان مەبلەغ 5 مىليون يۈەن ئىكەن.