خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-مارت تۇرپان شەھىرىدە ئۆرۈك چېچەكلەپ، ھەسەل ھەرىسى ۋە كېپىنەكلەرنى جەلب قىلدى. قوي يىلىنىڭ باھار كۈنلىرىدە ھەممە جاندار ئۇيقۇدىن ئويغاندى، ئۆرۈك دەرىخى بەس ـ بەستە چېچەكلەپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى خۇش قىلدى، كىشىلەر بۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ئەستىلىك قالدۇردى.
مەنبە: خەلق تورى