خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-مارت چۈشتىن كېيىن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ ئۈرۈمچىگە قايتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى قانيبات سابۇكەي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ، نىجات سۇلتان قاتارلىقلار ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.