خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:-8مارتتىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، دېپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە،«بىر بەلباغ،بىر يول» ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ مەھسۇلى، ئۇ جۇڭگو يالغۇز ئورۇندايدىغان «كۈي» بولماستىن بەلكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە ياڭرىتىدىغان «سىمفونىيە». ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، «بىر بەلباغ،بىر يول»دىن ئىبارەت بۇ دۆلەت ستراتېگىيەسى ۋەكىل، ئەزالارنىڭ قىزغىن كېڭىشىدىغان تېمىسى بولۇپ قالدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جاۋ چىڭ (سولدا) تەكلىب بېرىپ شىنجاڭ چېگرا بويى رايوننىڭ ئېچىۋېتىشىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، مەخسۇس تەتقىق قىلىپ پىلانلاش كېرەك. مەركەز مالىيەسىنىڭ قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، داۋاملىق ئىمپورت قوشۇلما قىممەت بېجىنى يۈرگۈزۈش ۋە تاموژنا بېجىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك يۆلەش سىياسىتى ئارقىلىق شىنجاڭ چېگرا بويى رايوننىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دېدى .
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى