خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: 8-مارت كۈنى خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنىڭ 105 يىللىق خاتىرە كۈنى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورلا شەھىرىنىڭ يېڭشەر يېزىسى 2014-يىللىق ئاياللار خىزمىتىنى خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان «ئىلغار كوللېكتىپ»، «مۇنەۋۋەر ئايال خىزمەتچى»، «ئۈچتە ئۆگىنىش، ئۈچتە بەسلىشىش»، «ئىناق ئائىلە»، «بەشتە ياخشى مەدەنىيەتلىك ئائىلە»، «ۋاپادار كېلىن»، «ياخشى قېيئانا» لارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى ھەمدە «يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى ئۇسلۇبنى تەشەببۇس قىلىپ، گۈزەللىكنى نامايەن قىلىش» ئەدەبىيات-سەنئەت، ئارقان تارتىشىش ، قىزىل ناخىشا ئېيتىش، دېھقان ئاياللىرىنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، پىلانلىق تۇغۇت بىلىملىرىدىن سوئال سوراش، مۇقىملۇق، پارتىيە نىزامنامىسى بىلىملىرىدىن سوئال سوراش، قىز-ئاياللارنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇش ئەنئەنىسىنى نامايەن قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ كۈننى قۇتلۇقلىدى.
سۈرەتتە: پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈش.
مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى