يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەسقەت كەرىمباي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: 2014-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى. بىز شىنجاڭنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى ۋە تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات پۇرسىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنلىرىدا مەن يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلدىم، يەنى يىغىندا نۇرغۇن ۋەكىللەر خەنزۇ تىلىدا پىكىر بايان قىلىدىغان بولغاچقا، بىر قىسىم ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ئاز-سانلىق مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ يىغىن مەزمۇنىنى تولۇق چۈشىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا مەخسۇس نەق مەيداندا تەرجىمان سەپلەپ بېرىلگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نەق مەيداندىلا يىغىن مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەردار بولالايدىكەن.