خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-مارت، كورىيە سېئولدا، ئامېرىكىنىڭ كورىيە سېئولدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارك لىبورت ھۇجۇمغا ئۇچراپ يۈز قىسمى يارىلانغان. كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارك لىبورت سېئولدا پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقاندا نامەلۇم بىر ئەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يۈز قىسمى يارىلانغان ۋە كۆپ مىقداردا قان چىقىپ كەتكەن، نۆۋەتتە، دوختۇرخانىغا داۋالىنىۋاتىدۇ. جىنايەت گۇماندارىنى كورىيە ساقچىلىرى تۇتقان بولۇپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى