خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-مارت، شىنجاڭ كۇچا ناھىيەسى ياقا بازىرى سۆگەتلىك كەنتىنىڭ كەنت كومىتېتى پائالىيەت ئۆيىدىكىلەرنىڭ باشچىلىقىدا قىزغىن كەيپىياتقا تولغان «8-مارت خانىم ـ قىزلار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. كەنت ئاھالىلىرى كىچىك گۇرۇپپىسى تاللاپ چىققان ئون نەپەر قىز ـ ئايال ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاشپەزچىلىك ماھارەتلىرىنى نامايان قىلدى.