باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئون ئاچقۇچلۇق سۆزدىن ئىككى يىغىندىكى «دۆلەت ئىقتىسادى» ۋە «خەلق تۇرمۇشى»غا نەزەر(2)

2015.03.02 17:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر

  ئالتىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: مۇھىت ئاسراش

  مۇھىم نۇقتا: «گۈزەل جۇڭگو» تۇماننى قانداق يوقىتىدۇ؟

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا «گۈزەل جۇڭگو» ئۇقۇمى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى»مۇ پارتىيە نىزامىغا كىرگۈزۈلدى. لېكىن مۇھىت بۇلغىنىش سانلىق مەلۇماتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، جۇڭگونى «گۈزەللەشتۈرۈش» ئارزۇسىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؟ بۇ يەنىلا بۇ يىللىق ئىككى يىغىندىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

  يەتتىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: نوپۇس ئىسلاھاتى

  مۇھىم نۇقتا: نوپۇسنىڭ پاراۋانلىق بىلەن بولغان باغلىنىشىنى قانداق ئايرىش كېرەك؟

  نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى قىيىن ئىش، بۇنىڭ قىيىنلىقى نوپۇس دەپتىرىگە چاپلانغان رايونلار جامائەت پاراۋانلىقى پەرقىنىڭ بولغانلىقىدا، لېكىن جۇڭگونىڭ رايون، شەھەر-بازارلار ئارا تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇشىدەك ئارقا كۆرۈنۈشىدە نوپۇس بىلەن پاراۋانلىقنى قانداق ئايرىش كېرەك؟ بۇ بەلكىم ئىككى يىغىن ۋەكىل ئەزالىرى مۇزاكىرىلىشىدىغان مۇھىم نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.

  سەككىزىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: كۈتۈنۈش پۇلى

  مۇھىم نۇقتا: كۈتۈنۈش پۇلىنى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىنكى كۈتۈنۈش مەسىلىسى

  ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىدىكى خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش تەمىناتى تۆۋەنلەمدۇ-يوق؟ ئوتتۇرىچە مائاشى ئۆسەمدۇ-يوق؟ كارخانا ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ «تەمىنات پەرقى» كىچىكلەمدۇ-يوق؟ كېچىكتۈرۈپ پېنسىيىگە چىقىرىش قاچان باشلىنىدۇ؟ دېگەندەك كۈتۈنۈش پۇلىنى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن كۈتۈنۈش توغرىسىدا كېلىپ چىققان مەسىلە ۋە تارتىشلارمۇ بۇ يىللىق ئىككى يىغىندىكى قىزىق نۇقتىلىق تېمىغا ئايلىنىدۇ.

  توققۇزىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: ئىگىلىك تىكلەش

  مۇھىم نۇقتا: جۇڭگوچە «ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى»نىڭ ئىستىقبالى قەيەردە؟

  سىياسەت يېتەكچىلىكىدە جۇڭگوچە «ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى»نىڭ ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟ ھۆكۈمەت قانداق قىلىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى توسالغۇلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ ۋە قوغدايدۇ؟ بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا ۋەكىل ئەزالارنىڭ بۇ تېمىدا مۇزاكىرىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئونىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: باھا ئىسلاھاتى

  مۇھىم نۇقتا:

  باھانى قويۇۋېتىش باھانىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ قىسمەن ساھەلەردىكى باھانىڭ قالايمىقانلىشىش ئەھۋالىنى قانداق ئىدارە قىلىش كېرەك؟ باھا «قويۇۋەتسىلا قالايمىقانلىشىش، قالايمىقانلاشسىلا يىغىش، يىغسىلا ئۆلۈش»تەك غەلىتە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالامدۇ؟ تېخىمۇ كۆپ ساھەلەرنىڭ باھا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئەگىشىپ، خەلقنىڭ بەختىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىسلاھات بۇ يىللىق ئىككى يىغىندىكى مۇھىم نۇقتىلىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر