خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ28 -فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:‹‹ئىككى يىغىن›› نىڭ ئېچىلىش ۋاقتى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا قەدەم قويدى. قائىدە بويىچە،ھەر يىل ‹‹ئىككى يىغىن››مەزگىلدىكى ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتى ،خام چوت دوكلاتى، كومىسسىيە دوكلاتى قاتارلىق مۇھىم ھۈججەتنىڭ ھەممىسى موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە،قازاقچە قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. خەت سانى 300مىڭغا يىتىدۇ. بۇنداق زور ۋەزىپىنى تاماملاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جۇڭگو مىللىي تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى قۇرغان ‹‹ئىككى يىغىن›› مىللىي تىل-يېزىق تەرجىمە گۇرۇپپىسى،چاغاننىڭ 4- كۈنىلا مۇددەتتىن بۇرۇن يىغىننىڭ ئالدىدىكى تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىدى،بۇ يىللىق ‹‹ئىككى يىغىن›› مىللىي تىل-يېزىق تەرجىمە گۇرۇپپىسى 195نەپەر خىزمەتچى خادىملىرىنى يىغىپ، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە،قازاقچە، چاۋشيەنچە، يىزۇ تىلى، جۇاڭزۇ تىلى يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقى بىلەن يىغىننىڭ ھۈججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە كىرگۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ،بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە مىللىچە كىيىم كىيگەن خىزمەتچى خادىملار ئەگەشمە تەرجىمە قىلىدۇ.
سۈرەتتە: مىللىي تىل-يېزىق تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى