باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خەلقئارادا جۇلالانغان گۆھىرىمىز - ئەتلەس

2015.02.28 15:35   مەنبە: خەلق تورى

خەلقئارادا جۇلالانغان گۆھىرىمىز - ئەتلەس

  ئەتلەس شىنجاڭنىڭ قۇيۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغان كىيىم رەختى. ئەتلەس ئاساسلىقى ئىككى جايدىن كۆپرەك چىقىدۇ. قەشقەر، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئەتلەسلىرى رەڭدارلىقى بىلەن داڭلىق، گۈللىرى ئىنچىكە، يېشىل، كۆك، سېرىق رەڭلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. خوتەن، لوپنىڭ ئەتلەسلىرى قارا-ئاق ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، نەقىشلىرى ناھايىتى مەردانە، رەڭلىرى ئاددىي-ساددا، ئۆزگىرىشى كۆپ بولىدۇ.

  ئەتلەسلەرگە ئاساسلىقى يىپەك ئىشلىتىلىدۇ، خوتەندە بۈگۈنگە قەدەر ئىپتىدائىي قول-ھۈنەر شەكلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، ئىش باسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسى قولدا قىلىنىدۇ.

  "21-ئەسىردىكى ئەڭ ئاخىرقى قول-ھۈنەرۋەنچىلىك"دەپ ئاتالغان ئەتلەس توقۇمىچىلىقى زامانىۋىي سانائەت قاينىمىدا دەۋرگە يېتىشەلمەي قالدى. كىشىلەر ئەرزان، رازمىرى كۆپ بولغان كىيىملەرنى تاللاشقا باشلىدى. نۇرغۇن ئەتلەس توقۇش كارخانىلىرى ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلار بولماسلىقتىن، تاقىلىپ قېلىشقا يۈزلەندى.

  مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋىي بايلىقىمىزنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى جايلار مەخسۇس كارخانىلارنى قۇرۇپ، ياشلارنى ئەتلەس توقۇش ھۈنەر-سەنئىتىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئىنتىرنىت تورىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدىكى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەتلەسلەرمۇ دۆلەت ئىچى سىرتىغا تونۇلۇشقا باشلىدى، بىر قىسىم سەنئەتكار ۋە كىيىم لايىھەلىگۈچىلەرمۇ كۆزىنى بۇ ئالاھىدە رەختكە تىكتى.

  تۆۋەندە بىر قىسىم نادىر ئەتلەس لايىھەلىرىگە قاراپ باقايلى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بىنجوۋدىكى بىر ئالى مەكتەپ 10 مىليون يۈەنگە توشۇشتىن چېكىنگەن بوئىن 737 تىپلىق بىر ئايروپلان سېتىۋى…
      ·بۈگۈنكى مائارىپ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى
      ·ئەنگىليە دوكلاتى: جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ رەت تەرتىپى يۇقىرى كۆتىرىلدى، چىڭخۇا تۇنجى قېتىم ياپۇني…
      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…
      ·ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش  كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش
      ·{سىن}ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى چىقاردى
      ·{سىن}ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپى قاتارلىقلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش با…